دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قىمار ئويناش ،پاھىشۋازلىق چەكلەنگەن جىنايى قىلمىش بولۇپ ،قىمار خانا ئاچقۇچىلار ،قىمار ئوينىغۇچىلار،پاھىشۋاز ۋە پاھىشىلەر ،پاھىشە ئورۇنلىرىنى ئاشكارا-يوشۇرۇن ئاچقۇچىلار قانۇنىىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقى بەلگەلەنگىنى راست، بۇ قانۇندا ئۆزگىرىش بولۇپ ،قىمار ۋە پاھىشە قانۇنلۇق بولغىنى يوق ھەم قانۇنلۇق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس !چۈنكى بۇ ئىشلار ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ، ئەڭ يۈكسەك غايىسى -كومنىزىم جەمئىىيتىگە يەتكۈزۈشنىڭ باشلامچىسى ھېسابلايدىغان كومپارتىيەھاكىمىيىتى ۋە كومنىستلارنىڭ كومنىستىك ئەخلاقىغا پۈتۈنلەي زىت . شۇڭا دۆلىتىمىزمۇ ئەزەلدىن قىمار ۋە پاھشىنى كاپتالىزىم جەمئىىيتىنىڭ زەھرى قاتارىدا سۆكۈپ كەلگەن. قىمار ۋە پاھشىنى چەكلەشنى بولسا سوتسىيالىزىمنىڭ كاپىتالىزىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەخلاقىي ئەۋزەللىكى قاتارىدا ماختاپ كەلگەن. مەكتەپتىكى ۋاقتلىرىمىزدا«ئىدىيە-ئەخلاق» «ئىدىيە-سىياسىي» دەرسلىكىلىرىدە بۇتوغرىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنمىدۇقمۇ؟
لېكىن ھەممە شەھەر -يىزىلىرىمىزدا بۇنداق جايلارنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردىغنىنىمۇ ،شۇڭا كىشىلەردە بۇ مەينەتچىلىكلەر قانۇنلاشقانمىدۇ دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىغىنىمۇ راست. بۇ ئىشلارنى قانۇن تارماقلىرىمۇ بىلىدۇ. لىكىن نىمىشقا بۇلارنى چەكلەشكە ئالدىراپ كەتمىگىىنى ۋە چەكلەپ بولالمايۋاتقانىلقىدا بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسىى ۋە سەۋەبى بولىشى مۇمكىن
بۇنى بىزدەك ئاددىي پۇقرالار بۇنداق ئاددىي كاللىمىز بىلەن ئويلىيالمايدىكەنمىز
لىكىن سوتسىيالىزىمنىڭ بۇ ئىپلاسلىقلارغا يول قويمايدىغانلىقىغا ،بۇلارنى ھامان بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشىمىز لازىم !
لىكىن ھەمىمىز ئەقىللىق ئىنسان ،مۇھىمى ئەخلاقلىق مۇسۇلمان بولغانىكەنمىز ،ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىپ يۈرمەي ،ئۆزىمىزگە، ئۇرۇق-تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمىزگە نەسھەت قىلىپ،ئاڭلىمىسا قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ بولسىمۇ ئۆزىمىزنى قىمار پاھىشە دېگەن نىجس ئىشلاردىن قەتئىي چەكلىشىمىز كىرەك،چۈنكى بۇ جان ،بۇ ئىقتىساد ھۆكىمەتكە ئەمەس ئۆزىمىزگە لازىم!