1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش ھەربىي چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا توقۇنۇشقان. كورىيە خەلق ئارمىيىسى 3060 نەچچە پاي ئوق ئېتىپ، چاۋشيەن ئارمىيىسىدىكىلەرنى يارىلاندۇرغان.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بىلەن يۇپېتىر ئۆزئارا سوقۇلغان. ئامېرىكا ئاسترونومىلىرى 46 سانتېمىتىرلىق تېلىسكوپ بىلەن بۇ ھادىسىنى كۆزەتكەن. بۇ ھادىسە ئادەتتە نەچچە ئون مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىملىق سوقۇلۇش ئورنى دەل يەرشارىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى قاراڭغۇ جايغا توغرا كەلگەچكە كىشىلەر يەرشارىدا تۇرۇپ بۇ ھادىسىنى كۆزىتەلمەيدۇ. قۇيۇقلۇق يۇلتۇز بىلەن يۇپېتېرنىڭ سوقۇلۇشىنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 مىليون كىلومېتىر بولغاچقا، يەرشارى ۋە قۇياش سېستىمىسىغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىر توپ ياش بالىلار بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كومپىيوتېرىغا تاجاۋۇز قىلغان. بۇ يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى يەتتە بالا كومپىيوتېر ئارقىلىق مەخپىي مەلۇماتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارغان.
1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سادام ھۈسەيىن ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان. ئۇ ئېراقنىڭ 5-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى. سادام 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىراقتا تۇغۇلغان. 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن. سادام 1960-يىلى 2-ئايدا قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. سادام زۇڭتۇڭ بولۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، لېكىن سىياسىي ھوقۇقنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدى.ئامېرىكا ئارمىيىسى 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېراقنىڭ پايتەختى باغدادقا ھۇجۇم قىلغان، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى «قارت شەكلىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان. 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سادام يۇرتى تىكرىتتا تۇتۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئالتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.
1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى ئىشچىلار ئىش تاشلىغان. 137 مىڭ تۆمۈر يول ئىشچىسى مەملىكەت خارەكتىرلىك ئىش تاشلىغان، بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن مال باھاسىنىڭ تېزدىن ئۆسۈشى، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئىشچىلار ئىش تاشلىغان 48 سائەت ئىچىدە تۆمۈر يولنىڭ زىيىنى 75 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى ئاتوم بومبىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدا غەلبىلىك پارتلىغان. بۇ پىلانغا ئەينى ۋاقتىدا ئىككى مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ كەتكەن. 100 مىڭدەك پەن-تېخنىكا خادىمى بىرلىكتە تەتقىق قىلغان.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى