ئېفىئوپىيە فېدېراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، ‹‹ئافرىقىنىڭ ئۆگزە قىرى›› دېگەن نامى بار . ئېفىئوپىيەدە جەمئىي 80 نەچچە مىللەت بار . ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇب تەرىپى ۋە ئومو جىلىغىسى رايونىدا 50 تەك مىللەت بار . بۇلارنىڭ كۆپى قەبىلە مىللەتلىرى بولۇپ، ئىپدائىيراقلىرىدىن 20 نەچچىسى بار. بۇ سۈرەتلەردىن سىز مۇرسى قەبىلىسى (
MursiTribe)، كارو قەبىلىسى (KaroTribe)، ئالپۇلاي قەبىلىسى ۋە داسسانچ قەبىلىسى (DassanetchTribes) دىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرەلەيسىز.
داسسانچ قەبىلىسى ئېفىئوپىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئومو دەرياسى (RiverOmo) بويىدا ياشايدىغان ئىنتايىن كىچىك بىر قەبىلە . بۇ قەبىلە سەككىز مىللەت توپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى بار، كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى تىركانا كۆلى بويىدىكى تىركانا قەبىلىسى بىلەن يېقىن .ئۇلار ئۆزىگە خاس تىلدا سۆزلىشىدۇ . ئاياللار ئۈستى بەدىنىگە كىيىم كىيمەيدۇ ، بويۇن ۋە بىلەكلىرىگە ئاددىي بېزەكلەرنىلا تاقىۋالىدۇ ، ئۇلار ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ ئاستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا پەي قاتارلىق بېزەكلەرنى قىستۇرۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ .
مۇرسى قەبىلىسى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ ، پەسىلگە قاراپ كۆچىدۇ ، ياشقا چوڭراق ئاياللار ئىلگىرىكىدەكلا كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىن تۆشۈك تېشىپ ، يوغان ساپال تەخسە پاتتۇرۇۋېلىشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ ، مۇشۇنداق ياسانمىغان ئاياللارغا مۇرسى ئەرلىرىنىڭ نەزەرى چۈشمەيدۇ ، دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ، قىزچاقلاردىن كالپۇكىغا تەخسە قىستۇرۇۋالىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىدى ، لېكىن قۇلىقىنى كېسىپ تەخسە قادايدىغانلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆپ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېخىچە قورسىقى ۋە بىلىكىنى كېسىپ رەتلىك تارتۇق قالدۇرۇپ ، بىر خىل ئىپتىدائىي ياۋايى گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ.
كارو قەبىلىسىدىكىلەر تېنىگە رەسىم سىزىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئالپۇلاي قەبىلىسىدىكىلەر يېنىدا دائىم توقماق ئېلىپ يۈرىدۇ.
مەنبە-http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2011-07/08/content_201347.htm