ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 18قەۋەت esma0999 كە 2011-09-13 09:25 PMئەۋەتىلدى :
لىكىن دوختۇرغا ماڭغان ئادەممۇ قۇرۇق قۇل ماڭماسلىق كىرەكتە. ھازىر بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بولسىمۇ ، كارتا سۈركەپ ھەق تۆلىگىلى بولىدىكەن. يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتا كىنىشكىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىلۋىلىش كىرەك.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئاغرىقلارغا شۇنداق ئامال يوق، تۇيۇقسىز كىتىپ قالىدۇ. بۇ تىمىدىكى دوختۇرخانا شارائىتىدىن قارىغاندا كىچىك دوختۇرخانىكەن. ھەق تۆلەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، جانغا تىكىلىپ كەلگەن كىسەل بولسا ئامال. يوق. بۇنى دوختۇردىنمۇ كۆرۈشكە بولمايدۇ. دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر گىپى بولىدىغان « دوختۇر جان سالمايدۇ »دىگەن. مۇشۇنداق گەپنى جىق دىگەن داداممۇ ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆلۈپ قالغان تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى تۇتۇپ.
بۇنداق ئىنكاس يازسام مىنى دوختۇرغا يان باستى دەپ چۈشۈنۈپ قالماڭلار. بىلگۈچى ئاللا . كىمنىڭ قانداق ئۆلۈشى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن دىگەن گەپ بارغۇ؟
مانا ماۋۇ ئىنكاسقا قايىل بولدۇم سەۋەنلىكنى ئاۋال ئۆزىدىن سوراش كېرەك
ئەمما ئىملا خاتالىقى بەك جېقكەن،