ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت akram_hoja كە 2011-07-25 01:43 AMئەۋەتىلدى :
توغرا دەيسىز خانقىز ، لىكىن بەزى «ئالىم، پىروففىسورلار» ىمىز ئۆزلىرى ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ يىزىشقا مادارى يەتمەي تۇرۇپ ئۆزلىرىچە مۇشۇ كىچىك جانىۋارنىڭ ئىسمىنىڭ ئاغزاكى ئاتىلىشى بويىچە يىزىلىپ قالغانلىقىدەك كىچىك خاتالىقىنى يۇرتۋازلىق ئوتىغا تۇترۇق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ ~ بەزىلەر ئۇيغۇر يىزىقىنى قوغداش بايرىقى ئاستىدا «جەڭچى» كەبى يۇرت ئاتلاپ جەڭ قىلىشقا رازى شۇڭا ئۇلارنىڭ تىمىنى چۈشۈنۈشكە ۋاقتى يوق ~
تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسى ئارىسىدىكى پەرق مەسىلىسى دەل ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ يېزىش مەسىلىسى بولىدۇ. ھەممە ئىش كىچىكتىن باشلىنىدۇ. ھە دەپ قويۇپ كېيىن تۈزىتىۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ؟! ئىملاسى بىلەن كارى بولماي، ئالامەت بوپتۇ دېگەنلەرنىڭ ھېكايىنى ئوقۇپ باققانلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن. جەڭچى، يۇرت ئاتلاپ دەپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ھېكايە ئاپتورىنىڭ سەۋىيىسى شۇنچىلىك بولسا، ئەمەلىي تۇرمۇشتا بالدۇرراق ئىشتىن بوشىمىغىنىغا ئەجەبلىنىمەن. بىزنىڭ مەمۇرلىرىمىزنىڭ تىل-يېزىق سەۋىيىسى شۇنچىلىكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا «ئالىم، پروفېسسور»لاردىن ۋايساشنىڭ ھاجىتى يوق.