1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋۇخەن ئاز ئۇچرايدىغان قارا يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 60 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئامما بۇ قېتىملىق يامغۇرغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلانغان. بۇ قېتىملىق يامغۇر سەۋەبلىك 23 جايدا قاتناش توسۇلۇپ قالغان، 47 جايدا توك توختاپ قالغان، 23 دۇكان، ساراي سۇ ئىچىدە قالغان.
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى تۇنجى دېڭىز ئاتلىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتكەن. داليەن پورتىدىكى جىنياۋۋەن تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى تۇنجى دېڭىز ئاتلىغان تۆمۈر يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 17.76 كىلومېتىر.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، غەۋۋاسلار مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىغان گۆھەرنى تېپىۋالغان. غەۋۋاسلار فىلورىدا دېڭىز ئەتراپىدا 1622-يىلى قارا بوراندا چۆكۈپ كەتكەن ئىسپانىيە پاراخوتىدىن بۇ گۆھەرنى تېپىۋالغان.
1977-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لىۋىيە بىلەن مىسىرنىڭ تۆت كۈنلۈك ئۇرۇشى پارتلىغان. لىۋىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. 1971-يىلى 9-ئايدا مىسىر، لىۋىيە، سۈرىيە «ئەرەب جۇمھۇرىيىتى فېدېراتسىيەسى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە 1973-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن بىرلەشمەكچى بولغان. بىراق فېدېراتسىيە قۇرۇشتا زىددىيەتلەر تۇغۇلغاچقا، فېدېراتسىيە قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىغان. 1973-يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن، سادات ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلماقچى بولغان، لىۋىيە بۇنىڭغا قايىل بولمىغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى بارغانسېرى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ توقۇنۇشتى.
1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئاپوللو» ناملىق ئالەم كېمىسى ئايغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقىش غايىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى جەھەتتە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كەينىدە تۇراتتى. ئامېرىكا شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تورغا چىقىشتىكى «ئاپولو پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپولو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا 400 نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا سالدى، 20 مىڭ شىركەت ۋە تەتقىقات ئورنى بۇ پىلانغا قاتناشتى.
1899-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئېرنېست ھېمىڭۋاي چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھېمىڭۋاي ئالەمدىن ئۆتكەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچۇكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىدە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئۇنىڭ «قۇياش يەنە چىقىدۇ» دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى «گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي «ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر» دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1936-يىلى ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسپانىيە تۇپرىقى» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان «ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن–ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانىلىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلورىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىدى. بېشى قاتتىق سىلكىنگەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. «دۇنيا ئوغلى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى