مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xopur

«غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48782
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4502
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2308 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 11:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھازىرلا بارغۇم كىلۋاتىدۇ بۇ ‹غولجا› دىگەن جايغا

ئۇيغۇرسەن پاك ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42234
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3543
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 11:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈيۈك ئالىم بوۋىمىز مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئالەمشۇمۇل ئەسىرىدە ئىلى ھەققىدە يېزىلغان خاتىرىلەر ناھايىتىمۇ كۆپتۇر. بۇ بۈيۈك زات چەكسىز ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتى بىلەن ‹ئىلى دەرياسى تۈركلەرنىڭ جەيھۇنىدۇر› دېگەن. ئون ئىككى مۆچەل ھەققىدىكى رىۋايەتمۇ دەل ئاشۇ ئىلى دەرياسىدا بولۇپ ئۆتكەن. يەنە ئىلىدىكى ئۇيغۇر قەۋمى ھەققىدە نۇرغۇن ئېسىل قوشاقلارنىمۇ بىزگە مۇقەددەس مىراس قاتارىدا قالدۇرغان.
دېمەك، مەخمۇت قەشقىرى ئىلىغا كەلگەن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئىلىدا ئۇيغۇر قەۋمى ياشاپ كەلگەن. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلىلىق بولغانلىقىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىمۇ چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن.

سْــــمﷲِارَّحْم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 182
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13873
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-24 12:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم

تارازىغا بىر_بىرلەپ سېلىپ،ھىساپ ئالغان ئاللاھ بۇيۇكتۇر.

قايغۇلىرىمنىڭ ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5706
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10161
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 04:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ چىن مېھرى چۈشكىدەك يۇرت.مەن ئۆمرۈمدە ئىككى باردىم.ئەمما قېنىپ يانمىدىم.گېزىت-ژورنالدا ياكى توردا بولسۇن،غۇلجا توغرىسىدىكى خەۋەر-ماقالە بولسىلا قىزىقىپ ئوقۇيمەن.ھازىرغىچە بەيتۇللاغا ياكى ئاستانىگە بېرىشنى خىيال قىلىپ باقمىدىم،ئەمما تېخى ھەپتە بۇرۇن كۆرۈپ قايتقان بولساممۇ يەنە غۇلجىغا بېرىشنى ئويلايمەن.مېنى بەكرەك قىزىقتۇرغىنى گۈزەل تاغ دەريالىرىدىنمۇ كۆرە،يېقىملىق ۋە ئېسىل مىجەزلىك،خۇشچاقچاق ۋە غەمسىز ئادەملىرى.ئارىنى شۇنچە چوڭ تاغ ئايرىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر مېھرى.شانلىق ۋە ئۇزاق تارىخى،شۇنداقلا تويۇنغان مىللى ئەنئەنە ۋە خاس مەدەنىيەت.
  ئىككى قېتىملىق زىيارىتىمنىڭ ھەر ئىككىسىدە پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشنىلا كۆردۈم.تونۇشۇم ۋە تۇققانلىرىم بولمىغاچ ھەم سەل ئىچ مىجەز بولغاچ ئەل ئارىسىغا چۆكەلمىدىم.كېيىنچە ئاللا نېسىپ قىلسا،يېزا-قىشلاقلارغا چۈشۈپ،ئەمگەك قىلىپ،مۇمكىن بولسا سورۇنلارغا كىرىپ ھەقىقى تارانچى تۇرمۇشىنى كۆرگۈم بار.(لېكىن قورقۇپ كەتمەڭلار،ھەرگىز تاپلىق قىلىپ ئېغىرىمنى سالمايمەن.)مېنى چۈشىنىدىغان تورداشلار بولسا قوشۇۋېلىشىڭلارنى،تورنىڭ باھانىسىدا تونۇشۇپ،سىردىشىپ ئۆتۈشىمىزنى ئۈمت قىلىمەن.
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم:1458824122

يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق. ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ، مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟
munchaq بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 04:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازەكەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 10:36 PM
غۇلجا ئەمەس، قۇلجا. قازاقچە ئاتالغۇ. قۇلجا دېگەن يەر نا ...

«غۇلجا» دېگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ، قازاقچە ئەمەس. ئىلى دېگەن ئىسىممۇ تۈركىي تىللار دىۋانىدا خاتىرلەنگەن. ئىلى دېگەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى بىنا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. قازاقلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرنىڭ ئىچىدە تۈرك ۋە قارلۇقلارمۇ بار ئىكەن. تۈرك ۋە قارلۇقلار بىزنىڭمۇ ئاتا- بوۋىلىرىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غۇلىجىغا تارانچىلار 1757- يىلىدىن كېيىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئۇ يەرلەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار بار ئىدى. تۈرلۈك قىرغىنچىلىقلاردا نوپۇس ئازلاپ كەتكەن بولغاچقا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن نوپۇس كۆچۈرۈلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازەكەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 12:04 AM
جۇڭگو تاريخي مەلۇمەتلىردا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار توغىرلى ...

جۇڭگۇ تارىخى مەلۇماتلىرىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان بولغاچقىلا ئىلىدا ئۇيغۇر ياشىمىغان دېيىشكە بولمايدۇ. 840- يىلى كۆچۈپ كەلگەنلەر پەقەت تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ئۇيغۇر بار ئىدى. تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىن. ئۇيغۇر تۆرەلگەن زىمىن. ئالىپ ئەرتۇڭا، ئوغۇزخان ياشىغان زىمىن. بىز ھېچقاچان بۇ زىمىنغا كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. بىز مۇشۇ زىمىندا ياشاپ كەلگەن. سىز ئۇيغۇر دېگەن مىللەت نامىنى سىتالىن قويۇپ بەرگەن، ئۇيغۇر نامى 1935- يىلىدىن كېيىن پەيدا بولغان دەپ قارامسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 05:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 09:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازەكەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 09:36 PM
قۇلجا قەدىمدىن تارتىپ قازاقلارنىڭ ماكانى. ھازىرمۇ قاز ...

«قۇلجا» دېگىنى «غۇلجا» دېگەن ئۇيغۇرچە يەر نامىنىڭ قازاق تىلىدىكى ئېيتىلىشىدۇر. خۇددى ئىلىنى بىز «ئىلى» دېسەك سىز قازاقلار «ىلە» دەپ ئاتىغانغا ئوخشايدۇ. غۇلجىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىلىنى بىز ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. توغرا دېدىڭىز، يەر نامىنى خالىغانچە بۇرمىلاشقا بولمايدۇ. ئىسىم ئىگىسى تەرپىدىن قويۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86925
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:56:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازەكەڭ : بۇنىمۇ كۆرۈپ قوي، نىمە تارىخ بىلگىنىڭگە سۆزلەيسەن:

قازاق مىللىتىنىڭ خونخاي سەككىز يۇرت تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىشى:

قازاق مىللىتى قەدىمكى ساكلار، ئۇيسۇنلار، كانجۇتلار، ئالانىيلار (ئالجىن) قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ  ئىلگىرى-ئاخىر بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. 15-ئەسىردە چۇ دەرياسى ۋادىسىدا قازاق خاندانلىقى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ قازاق مىللىتى ئاخىرى شەكىللەنگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن قازاقلار ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسيا يايلاقلىرىدا كۆچمەن چارۋىچى ئىدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنى تىنىچلاندۇرغاندىن كېيىن، قازاقلارنىڭ چوڭ–ئوتتۇرا يۈزلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن سىياسىي–ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى كۈنسايىن قويۇقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن قازاق چارۋىچىلار شەرىققە كۆچۈشكە باشلىدى. 1810-يىلىدىن كېيىن قازاقلارنىڭ چوڭ–ئوتتۇرا يۇزلىرىدىكى ① خەلىقلەر چار روسىيە ۋە قوقەن خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، تارباغاتاي، ئالتاي  ۋىلايىتىگە ئارقا – ئارقىدىن سۈرۈلدى.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قازاقلارنىڭ قىزاي قەبىلىسى 1850-يىللاردىن كىيىن جەنۇپقا سۈرۈلىپ ،ئالدى بىلەن بوراتالاغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، تېخى ئىلىغا كۆچۈپ كەلمىگەن ئىدى.
1866- يىلى قازاق مىلىتىنىڭ قىزاي ئېلىنىڭ ② (قەبىلىسىنىڭ) قىلىش، بايبولات دېگەن ئىككى ئاتامانى قۇتتۇباي باتۇر قاتارلىق ھەمرالىرىنى باشلاپ قىلىشنىڭ "بورباش ئات " دېگەن ئېتىغا سوغا–سالاملارنى ئارتىپ، ئىلىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ھۆكۈمىرانى قارا سۇلتان (قارا سۇلتان ئىلىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى يەرلىك ھاكىمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئەسىلى ئەلاخان سۇلتان ئىدى) غا يولۇقىدۇ. سۇلتان ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلىدىن تۇراقلىق ماكان سورايدۇ ھەم سۇلتاننىڭ ھامىللىقى (باشقۇرۇشى) دا بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۇلتان ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل كۆرىدۇ. 1871-يىلى 5- ئايدا چار روسىيە ئىلىغا ئۇرۇش قوزغاپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىلىنى، بۆرىتالانى پۈتۈنلەي بېسىپ ئالغاندا ئۇلار ئىلىغا كۆچۈپ كېلەلمەيدۇ. 1881-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چار روسىيە ھۆكۈمىتى «جۇڭگو–روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ ئىلى بىلەن بۆرىتالا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىپ، چار روسىيە ئىلىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنى 1882- يىلى قۇدايمدى تۆرە، ساسان، بايەكە، بايبولات، ئورداباي، بۇقاش  قاتارلىق قىزاي ئىلىنىڭ ھەرقايسى ئاقساقاللىرى سۈيدۈڭ كۈرەدىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربى قوماندانى يۈەنشىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ، ئىلىغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان.③
   خونخاي تەۋەسىدىكى سەككىز يۇرت خەلقى 1882- يىلى يەتتە سۇغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يۇرتقا تەۋە يايلاق، قىشلاقلار بوش قالغان ئېدى. 1887-يىلى ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى خونخاي سەككىز يۇرت  تەۋەسىدىكى  ھەرقايسى غوللاردىكى ئۆستەڭلەرنىڭ ئۈستىدىكى بۇلاق سۇلىرى بىلەن كۆكۈرىدىغان ئوتلاق، يايلاق، قىشلاقلارنىڭ ئادەمسىز قالغانلىقىتىن، كۇنەستىن قازاقلارنىڭ قىزاي قەبىلىسىنىڭ ئۆتەگەن ئاۋۇلىنىڭ ھەر قايسى تارماق ئاۋۇللىرىدىن  بىر تۈركۈم قىزاي ئاۋۇللىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئىگە قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن  ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ بۇ يەرلەردىكى يايلاق، ئوتلاق ھەم قىشلارقلاردىن ئالىدىغان چۆپ بېجى (يايلاق، ئوتلاق ھەققى ) مەسىلىسى ھەل قىلىنغان ئىدى . شۇ نۆۋەت كۆچۈرۈپ كېلىنگەن قىزاي ئاۋۇللىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان:     
قۇجۇرتاي سېيىغا بەكەي ئاۋۇلى، كىچىك بۇغرا غولى بىلەن جايداق سېيىغا قىيسىق، جازباي ئاۋۇلى، سوپۇمبۇلاق سېيى بىلەن چوڭ بۇغرا غولىغا-سەتتىباي ئاۋۇلى، تاشكۆمۈر سېيى بىلەن ئۈكەرچى سېيىغا–جازىباي بېردەمبەك ئاۋۇلى ئورۇنلاشقان، مۇشۇ بىر قاتار كۈنەس تەرەپتىن قازاقلارنىڭ قىزئاي قەبىلىسىنىڭ ھەر قايسى ئاۋۇللىرى خونخاي سەككىز يۇرت تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چاپچالنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىنىڭ تاغ باغرىدىكى يايلاق-قىشلاقلىرىغا قىزاي قەبىلىسىنىڭ ھەرقايسى ئاۋۇللىرى كۆچۈپ كەلدى. مەسىلەن: نۇراخۇن بۇلاق سېيىغا–سىڭكىباي بايس ئاۋۇلى، قاينۇق يېزىسىنىڭ چەجىن، گۈلسۇقا سايلىرىغا ھەم قوغۇنچى يېزىسىنىڭ  ئۆرتە غولىغا–قاراشا، قارا كۆز  ئاۋۇلى، كان يېزىسىنىڭ ئالمالى، سۇ ئاسۇ غوللىرىغا– قوڭىرات ئاۋۇللىرى كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.④
ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن يەنى، 1916- يىلىدىن 1930- يىللىرى ئارلىقىدا سابىق سەۋىت يېرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش ۋەيرانچىلىغى، ئاچارچىلىق، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر قاتار كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇلىجۈز (ئالبان قەبىلىسى) نىڭ تارماق ئاۋۇللىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىلى رايونىغا قېچىپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. جۈمىلدىن، خونخاي سەككىز يۇرت تەۋەسىگە ئۇلارنىڭ چاجا، ئاغىمسارى، قوڭۇر بۆرۈك، قىزىل بۆرۈك، جارتى، ئالجان، تاڭئاتار قاتارلىق تارماق ئاۋۇللىرى ھەم بىر تۈركۈم قىرغىزلارمۇ قېچىپ كۆچۈپ كەلگەن. مۇشۇ بىر قاتار كۈنەس تەرەپتىن كۆچۈپ كېلىش ۋە سابىق سەۋىت يېرىدىن قېچىپ كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن دىلمۇك تېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدە جۈملىدىن، چاپچالدا قازاق ۋە قىرغىزلار يوق ئېدى.  
قازاق تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تۈركى تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە بولۇپ، قەبىلىدىن تارتىپ مىللەت تىلىغىچە بولغان تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن. مۇستەقىل قازاق تىلى 15- ئەسىردە شەكىللەنگەن. قازاقلار كۆپ خىل يېزىقلارنى قوللانغان. مىلادىيە 6- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان. 8-ئەسىردىن كېيىن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئەسىلىدە قوللىنۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قازاق يېزىقىنى شەكىللەندۇرگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66766
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:58:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازەكەڭ يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 10:29 AM
قەدىمكى زاماندا شىمالي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بولمىغان. 176 ...

  قەدىمكى زاماندا شىمالي شىمالدا ئۇيغۇر بولمىسا ، چاررۇسىيىدىن قاشقان قازاقنى كىم قانات ئاستىغا ئالغان ؟    نەچچە مىڭ قازاقنى ئەلاخان تاغ-ئورمانغا ئورونلاشتۇرغان ، بۇ سىنىڭ قازاق تارىخڭدا بارمۇ يوق ؟    سىلەر بۇنى تىلغا ئىلشقا پىتىنالمايسىلەر ؟     مەن ساڭا دەپ قوياي نادىنىم، ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلغىنىڭ ئۆزەڭنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلغىنىڭ ، سۇرۇشتۇرۇپ كەلسە ، ئۇيغۇر - قازاق تارىخى بىر يەردىن چىقىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش