ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت Arthor كە 2011-07-24 01:34 PMئەۋەتىلدى :
مۇنداق تارىخى ئارقا كۆرىنىشى بار دەڭ ، باي ناھىسى بىلەن سايرامنىڭ ئارلىقى خېلى باردۇ ھە،سايرام قېتىقى ئىزدەپ بايغا باردى دىسە ...
ناھىيە بازىرى بىلەن سايرام يېزىسىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 30كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.مەن بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر رىۋايەتنى ئاڭلىغان: قېتىقچىلىق بىلەن جان باقىدىغان بىر ئايال بىر كۈنى ئادىتى بويىچە قېتىقلىرىنى ئېلىپ ساتقىلى بازارغا مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرسا كىچىك قىزى ئەگىشىپ مەنمۇ بارىمەن دەپ تۇرىۋاپتۇ،ئاپىسى ئامال يوق قىزىنىمۇ بىرگە ئېلىۋاپتۇ،بازارغا كىلىپ قېتىق سېتىۋاتقاندا قىزىنىڭ قېتىق ئىچكۈسى كىلىپ جىدەل قىلىپ تۇرىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى قىزىنى بەزلەپ:‹ئاپئاق قىزىم،بىردەم جىدەل قىلماي تۇرۇڭ،ھېلى قېتىقلار سېتىلماي ئېشىپ قالسا ئاندىن ئىچىڭ ماقۇلمۇ؟›دەپتۇ،قىزىمۇ ماقۇل بۇلۇپ جىمىپ قاپتۇ،لىكىن بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن قېتىقلارنىڭ سېتىلىپ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ قانداق ۋارقىراشقا باشلاپتۇ:‹ئاپام ئىشەك قېتىقى سېتىۋاتىدۇ.....ئاپام ئىشەك قېتىقى سېتىۋاتىدۇ......›بۇ گەپنى ئاڭلىغان كوچىدىكى كىشىلەر كىچىك بالا ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ دېيىشىپ بۇ گەپكە ئىشىنىپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ يىراق-يېقىنغا تاراپ مۇشۇ رىۋايەت ساقلىنىپ قاپتۇ.