مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ilim-pen

نىسبىيلىك نەزەرىيەسى ئاتىسى-ئېينىشتىيىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 01:07:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزىريەسىنى مەن ئۆگەنمىگەن.لىكىن مەن ئەڭ قايىل بولدىغان كىشى بىرى پەيغەمبىرمىز  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،يەنە بىرى نىيوتۇن.نىيوتۇننىڭ ماتىماتكا،فىزىكىغا قوشقان تۆھپىسىنى ھەممە ئادەم بىلدۇ.
يەنە بىر گەپ مەن ئىدىسۇننىڭ ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدا 99% تىرىشچانلىق 1% تالانت باردىگەن سۆزىگە ئىشەنمەيمەن.مېنىڭچە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا توغرا بولدۇ.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

بىز مەڭگۈ ئوقۇغۇچى ۋە ئىزدەنگۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8328
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4499
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 12:37:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېينىشتېيىننىڭ قىنىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قىنى بارمىش .

ئەزەلدىنلا قەدىرسىزدۇر ياندا بارى، ئىنسان شۇڭا يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى!    --شەيىخ سەئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37033
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 07:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتوم بومبىسىنىڭ ئاتىسى-ئىينىشتىيىن. گىتلىردىن قورقۇپ گىرمەنىيەدىن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ ئامىرىكىغا قاچقان. ياسىغان ئاتوم بومبىسى نەچچە ئون مىڭلىغان ياپون پۇقرالىرىنىڭ بىشىغا چىققان.
ئىشقىلىپ ئىينىشتىيىننىڭ تالانتىغا قايىلمەن. بىراق يەھۇدى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئۆچلۈگۈم كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58824
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3156
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2011-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 02:52:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنې يوللىغىنىڭز ياخشى بوپتۇ .
بىز ئۇيغۇر ئالىملىرىنې  بىلەمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئېينىشتېيىن - 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم، پەلسەپىۋى ئىزدىنىش روھىغا باي مۇتەپەككۇر، سىياسىي جەھەتتە ئىلغار، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان جەمئىيەت ئەربابى، گېرمانىيىلىك يەھۇدىي، 1940 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن؛ 1921 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۇنىىڭ ھاياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە تۆت چوڭ تۆھپىنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى مول ھەم مۇرەككەپ، بۇنىڭدىكى يېتەكچى ئامىل - ئىستىخىيلىك تەبىئىي پەن ماتېرىيالىزمى ۋە سپنوزانىڭ راتسىئونالىزملىق )ئەقىلچىلىك( ماتېرىيالىزمدۇر. ئۇ ئالىيجاناپ روھقا، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە؛ ئۇ فاشىزمغا ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا، مىللىي زۇلۇمغا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار ئىشلىرى ئۈچۈن ئېگىلمەي - سۇنماي پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە كۈرەش قىلغان.     دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا 1950 - يىل 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى $$ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، روزېۋېلت خانىم، ئەڭ زور سىياسىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئېتىقادىمنى ئىزھار قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا پۇرسەت يارىتىپ بتردىڭىز. بىر دۆلەت ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ بىخەتەرلىككە يېتەلەيدۇ دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىش ھازىرقى ھەربىي تېخنىكا ھالىتىدە بىر خىل ئاپەت خاراكتېرلىك خام خىيالدۇر. ئامېرىكا ئەڭ ئاۋۋال ئاتوم بومبىسى ياساپ چىققاچقا، بۇنداق خام خىيال ئامېرىكىدا ئالاھىدە باش كۆتۈرۈپ قالدى. كىشىلەرنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتە مەڭگۈ ۋە ھەل قىلغۇچ ئۈستۈنلۈككە ئېرشىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق يوشۇرۇن دۈشمەنگە تەھدىت سېلىپ، بىز ھەم ئىسانىيەت كۈتكەن بىخەتەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىدە بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ. يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى بىز ئەمەل قىلى كېلىۋاتقان پرىنسىپ شۇكى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، ھەربىي ئىشلاردىكى ئۈستۈنلۈك بىلەن بىخەتەرلىككە ئېرىشىش. ھەربىي ئىشلار سىياسىتىدە، تېخنىكا ۋە روھىي جەھەتتىكى بۇ خىل خاھىش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلدى. تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر بىر ھەرىكەت نوقۇل بىر خىل ئويلىنىشقىلا بېقىلىپ كەلدى. ئۇرۇش پارتىلىغاندا دۈشمەندىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ جاۋاب شۇكى، ئامېرىكا دۆلەت سىرتىدا يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان جايلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە ئىتتىپاقداش بولالايدىغانلارنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە غايەت زور مالىيە ھوقۇقىنى ھەربىيلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرمەكتە؛ ياشلارغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بارماقتا؛ پۇقرالارنىڭ ساداقەتمەنلىكى، بولۇپمۇ مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ھوقۇقى كۈنسايىن كېڭىيىپ كېتىۋاتقان ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىماقتا. مۇستەقىل سىياسىي قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئازابلانماقتا. يۇقىرىقى خاھىش رادىئو، گېزىت ۋە مەكتەپلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈلمەكتە. ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكنىڭ بېسىمى ئاستىدا خەۋەر بېرىش دائىرىسى بارغانسېرى تارايماقتا. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئەسلىدە مۇداپىئە تەدبىرى سۈپىتىدە پەيدا بولغانىدى. ئەمدى بۇنىڭغا ھىستىرىيلىك تەركىبلەر قوشۇلدى. ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق مەخپىيەتلىك ئاستىدا ئۇچقاندەك سۈرئەت بىلەن چوڭ كۆلەمدىكى بۇزغۇچى قوراللارنى تەلۋىلەرچە ياسىماقتا. ۋودورود بومبىسى ياساشنىڭ يېڭى نىشان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى جامائەت بىلىپ بولدى. زۇڭتۇڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇشۇ نىشانغا قاراپ تېز تەرەققىي قىلىش كېرەكلىكىنى جاكارلىدى. ناۋادا مۇشۇ تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئۇ ھالدا ئاتموسفېرا رادىئوئاكتىپ بىلەن زەھەرلىنىدۇ. بۇنىڭ كەينىدىن يەر شارىدىكى بارلىق ھاياتلىقنى يوقىتىش - تېخنىكىدىكى مۇمكىن بولىدىغان دائىرە ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنداق تەرەققىيات شۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلۇقكى، بۇنداق ئېھتىماللىقتىن ساقلانماق تەس. ھەر بىر قەدەم ئالدىدا بېسىلغان قەدەمنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. ئاخىر ھەممە ھاياتلىق ۋەيران بولىدىغان مەنزىرە ناھايىتى ئېنىق ئايان بولىدۇ. ئادەملەر پەيدا قىلغان مۇشۇ خالتا كوچىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بىر يولنى تاپقىلى بولماسمۇ؟ بىز كۆپچىلىك، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر شۇنى بىلىشى زۆرۈركى، بىز سىرتقى دۈشمەننى يەڭگەن ھالەتتىمۇ، يەنىلا ئۇرۇش كەيپىياتىدىن قۇتۇلالمايمىز. ناۋادا بىزنىڭ قوللانغان ھەر بىر قەدەمدە باسقۇچىمىز كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان توقۇنۇشلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا، بىز مەڭگۈ ھەقىقىي تىنچلىققا ئېرىشەلمەيمىز. چۈنكى ئەھۋال شۇنداق ئېنىقكى، بۇنداق ئۇرۇش ھەممىنى بەربات قىلىپ تاشلايدۇ. شۇڭا بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى - نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قانداق قىلساق دۆلەتلەر ئارا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا بىرىنچى نىشان، تەشۋىش بىلەن ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىكنى يوقىتىش زۆرۈر. چوڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچى قوراللارنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە قورال كۈچى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشنى جىددىي جاكارلاش كېرەك. بۇ شەك - شۈبھىسىز زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتتىن ھالقىغان جازالاش ۋە جازانى ئىجرا قىلىش ئورگىنى قۇرۇپ، بۇ ئورگانغا ھەر قايسى ئەللەرگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش كېرەك. بۇنداق جاكارنامە ئاندىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى ھەم مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن بۇنداق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ ھال بىزنى زېھنىي قۇۋۋىتىمىزنى خورىتىۋېتىدىغان ئەمگەكتىن تولۇق ئازاد قىلماي، بىزنى ماشىنىنىڭ قولىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ مۇتلەق كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇلار ھامان بىر خىل خىزمەتنى زېرىككەن ھالدا تاماملايدۇ ھەم شۇ ئازغىنا نورمىلىق ئاشلىق ئۈچۈن غەم يەيدۇ. سىلەر مېنى بۇ قېرى ئاغزىنى ئۈششۈتۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسىلەر. لېكىن مەن ياخشى نىيەت بىلەن نەسىھەت قىلىشنى ئويلايمەن. خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنسانىيەت بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن، سىلەرگە ئىلىم - پەندىن پايدىلىنىشنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئادەمگە ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تېخنىكا جەھەتتىكى بارلىق كۈرەشلەرنىڭ ئىزچىل نىشانىسى بولۇشى كېرەك؛ تەشكىللىك ئەمگەك بىلەن مەھسۇلاتلارنى تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت ھەل بولمىغان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەندىلا، ئەقىل - پاراسىتىمىز ئىنسانىيەت بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ، بالايىئاپەتكە ئايلىنالمايدۇ. سىلەر سخېما ۋە تەڭلىمىلەر بىلەن بولۇپ كەتكەندە، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار! «مۇتەپەككۇر زاتلارنىڭ نۇتۇقلىرى» دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2011-7-25 01:20 AM
مەن ئىلىم - پەن ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تا ...

كەلگۇسىدە قاسىم سىدىق چىقىپ قىلىشى مۇمكىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:03:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىتىۋېن ۋېنبېرىگ: ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-73632-1-1.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 01:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۇسىدە قاسىم سىدىق چىقىپ قىلىشى مۇمكىن !
ــــــــــــــــــــــــــ
ۋاي بىچارە!.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش