ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت tarhamak كە 2011-07-25 12:34 PMئەۋەتىلدى :
تىما تومتاقلا ئاخىرلىشىپ قالدىمۇ قانداق ؟
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتناشمىسا قانداقمۇ ئىسلامچە توي دېىگىلى بولسۇن ... ياكى مەن خاتا چۈشۈنۈپ قالدىممۇ ؟
باشقا دۆلەتتە ئىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىسى قاتنىشالماپتۇ. لېكىن رازىلىقىنى بېرىپتۇ.
بۇ تېما گەرچە تېما ئىگىسى ئۆزى ئېيتقاندەك ۋە باشقىلار ئېيتقاندەك كىشىگە چالىدەك بىلىنسىمۇ، لېكىن بەزىلىرىڭلار دېگەندەك ئۇ دەرىجىدە چۈشىنىكسىز ئەمەس.ئۇ تەپسىلاتلارغا قاراپ ئۇنى ئىسلامچە توي دېيىشكە ھەقلىقمىز. تېما ئىگىسى ئۆزى كەمتەرلىك قىلغان بىلەن شۇنداق ياخشى تەسۋىرلەپ بېرىپتۇ، مەلۇم نۇقتىنى ئېنىق دەپ بولۇپ، تەپسىلاتىنى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزغا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، تېما ئىگىسى ئۇ نۇقتىنى تەپسىلىي يازمىسىمۇ، ئەتراپىمىزدا كۈندە بارغۇ ئۇ ئەمەلىيەتلەر؟؟؟
شۇڭا بەزى تېمىلارنى تېما ئىگىسى ئاز ساز يېزىپ قالسا،قالغىنىنى ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىۋالىلى، ئۇ كەم قاپتۇ بۇ كەم قاپتۇ دەپ تېما ئىگىسىنى خېجىل قىلغۇدەك ئىشلارمۇ ئەمەسقۇ ئۇ؟ بەك چۈشىنىكسىزلىرىنى سورىساق بولىدۇ، بەزى قېرىنداشلارنىڭ بەزى تېمىلاردىكى ئاجايىپ سوئاللىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىرسىمىز ئۇنى يازماپسەن دېسەك، بىرسىمىز بۇنى يازماپسەن دېسەك، تېما ئىگىسى ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىدىكىنى قانداقمۇ بىلىپ بولالايدۇ؟ شۇڭا تېمىدىن چەتنىمەي،تورداشلار خېلى ئاڭلىق كىشىلەر بولغاندىكىن كىچىك ئىشلارغا بەك ئېسىلىۋالمايلى، مېغىزىنى چاقساق بەك راھەت بولىدۇ ، شۇنداقمۇ؟
تېما ئىگىسىگە رەھمەت، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...