|
|
|
|
تور ئەدەبىياتى «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش دائىرسىگە كىردى
تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتى 8-قېتىملىق باھالاشنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا باھالاش نىزامنامىسىگە جىددىي تۈزىتىش كىرگۈزۈپ،تۇنجى قېتىم تور ئەدەبىياتىنى مەزكۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش دائىرسىگە رەسمىي كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان .نۆۋەتتە تەۋىسىيە قىلىنغان ھەم باھالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 178پارچە ئەسەر ئىچىدە 8پارچە تور ئەدەبىياتى ئەسىرى باركەن.
ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، تور ئەدەبىياتىنىڭ بۇنداق كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتنى باھالاش دائىرىسىگە كىرىشى دەۋىر بېلەن تەڭ ئىلگىرلەش روھىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ،ئۇ قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشكەن.ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە ،مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان تور ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى جەزمەن نەشەرىيات ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن تور بەتلىرىدە ئوچۇق ئېلان قىلىنغان ھەم نەشىر قىلىنغان ئەسەر بولۇشى كېرەككەن ھەم بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتىلىدىكەن.
http://www.tianshannet.com.cn/cu ... content_5899301.htm
تەييارلىغۇچى : بوزقىر
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى
|
|
|
|
|
|