ئاڭلمىدىڭلارمۇ خالايىق!
چاپلىن قارى، باشقا مۇنبەرلەردىكى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ تويىنى قىلىۋاپتىمىش، شۇنداق تويىنى قىلۋالسىمۇ مەيلى بىزنى تويغا چاقىرمايلا ئوزى قىلىۋالغىنى نىمىسى!
يوقاپ كەتتى دەپ ، مەن چول باياۋانلارنى كىزىپ ئىزداۋاتسام، ئالدىمغا ، تەرسالىقى چىقىپ تۇرىدىغان‹ تەرسا موماي› ئۇچراپ قالدى!
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم موما- دىسەم،
تەرسالىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدىغان موماي،
-ھە، بۇياققا نىمگە كەلدىڭ _دىمەسما،
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ قوپاللىقىغا، يەنىلا ئوچۇق چىراي ئىچىپ:
_موما، سىلى بەلكىم بىلىشلىرى مۇمكىن،‹ مسرانىم مۇنبىرى› دىگەن مۇنبەرشەھرىدە ‹چاپلىن ئاخۇنۇم› دىگەن تاققا-تۇققا سوزلەيدىغان مىسرانىم مۇنبەر ئوردىسىنىڭ قىززىقچىسى ئىدى. تۇيۇقسىزلا ئۇ شەپىسىزلا يوقاپ كەتتى!
مۇنبەر ئوردىمىز ئۇ يوق، كۈلكە كوتۇرۇلمەيدىغان، قىززىقچىلىق ئەۋىج ئالمايدىغان ، تاققا-تۇققا سۆزلەپ ‹مىسرانىم شاھنى›قەلەمدار ئەلەمدارلارنى كۈلدۇرىدىغان چاپلىن ئاخۇنۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن،‹ مىسرانىم شاھ› بىزنى توۋەن قاتلامدىكى چاپارمەنلەرنى ساراسىمگە سىلىپ قويغىنى ئۇچۇن، كەمىنە‹‹ چاپارمەنلەر مەھكىمىسىدىكى›› سابىق چاپارمەن‹ گۈزەل يۈرتۈم› مەخسۇس ‹ چاپلىن ئاخۇننى› ئىزدەپ بۇ چول باياۋانغا كەلدىم-دىدىم تەرسا مومايغا.....
_ھە ! مۇنداق دە؟_ دەپ ئۇ سوزىنى باشلىدى؛
- چاپلىن دىگەننى مەن تونۇيمەن، ئۇ ئوڭنى توڭغا، توڭنى ئوڭغا قىلىپ سوزلەپ يۇرۇيدىغان يىتىم....گەپنى يىغىنچاقلاپ ئىيىتقاندا، ئۇ يىتىم بىر كۈنى بۇ چول باياۋانغا كىلىپتىكەن، مەن بىلەن كورۇشتى، ھەم پاخپايغان، قالايمىقان چىچىمنى تاراپ جايىغا كەلتۇرۇپ قويۇپ كىتىپ قالدى!
مەن،ئۇ نەگە كەتتى دىيىشىمگە:
-توختىمامسەن،ئۇ كىتىش ئالدىدا ،بۇ مۇنبەر شەھرىنى كونىلىق كوپ ئىكەن، ياقتۇرمىدىم دەپ، باشقا مۇنبەرشەھرىگە كىتىپ قاپتىمىش، ھەم ئۇيەردىكى خانلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتىمىش، ھەم بىشى قاپاقتەك، كوزى چاپەقتەك،تۇتسا بىلى يۇق، قىلغان ئىشنىڭ ئىپى يۇق›بىر گۈزەل قىز بىلەن توي قىلىۋالدىم دەپ بەرگەن ئىدى.
_ھە! رەھمەت موما!_ دەپ يەنە چول باياۋانلاردىن ئىزدەپ تاپالماي، باشقا مۇنبەر شەھرىلىرىدىنمۇ تىڭتىڭلاپ بىقىپ خەۋىرىنى،ئوجايلادىمۇ خەۋىرىنى تاپالماي، مۇنبەرشەھرىگە يول ئىلىپ، 3 ئاي جاپا مۇشەقەتتە مۇنبەر شەھرىگە كەلسەم، مۇنبەر شەھرىنىڭ ‹تاققا-تۇققاسۆزلەش›مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا، مەرتىۋىسى توۋەن نەدىكى قەلەمدار- ئەلەمدار، ئاغچا-خىنىملارنى ئوزىنىڭ سوز ئويىنىغا قىتىپ سوزلەپ ئولتۇرۇپتىمىش، شۇنىڭ بىلەن خاندىن يۇقىرى ئىنئام ئىلىش ئۇچۇن چاپلىن ئاخۇننىڭ خەۋىرىنى ‹ مىسرانىم شاھ ›قا تىز يەتكۇزۇش ئۈچۈن ئەتىۋارلىق قوتۇر ئىشەكنى مىنىپ ‹ مىسرانىم ئوردى ›سىغا يۈرۈپ كەتتىم!!!!!!!!!!!!!!