غەربتىن چاقنىغان نۇر مېنى ئۆزىگە سېھىرلەپ تارتىپ بۈگۈن ئۇ سىھىرلىك نۇرنى كۆرۈشكە ئاخىرى نىسىپ بولغان بولسا كېرەك ،ھاۋامۇ مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئوخشاشلا ئىنتايىن ئوچۇق ،مەن دوستلىرىم بىلەن كېلىشىپ قويغىنىم بويىچە بۇ ئۇلۇغ جۇمە كۈنىدە بۇ قۇتلۇق سەپەرنى باشلاش ئۈچۈن دوستلىرىمنىڭ يىنىغا چاپتىم ،دوستلىرىممۇ تەق بولۇپ تۇرغانىكەن تىنىچ -ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن بىز سەپىرىمىزنى باشلىدۇق .
بىز بارماقچى بولغان مەنزىل 11-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس ،‹‹تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ››يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقەرى مەقبەرىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئوپال يېزا ئازاغ كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 60كىلومىتىرچە كېلىدۇ .
ماشىنا غۇيۇلداپ كېتىپ بارىدۇ ،لېكىن مېنىڭ كاللام بولسا كەڭرى ئانا تەبىئەتكە نەزەر تاشلىغاچ بۇگۈزەل زىمىن ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ كېتىپ بارىدۇ .
كونا شەھەر يەرلىك تىلىمىزدا تۇققۇزاق ناھىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ،بۇ ئىسىمنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا خىلمۇ خىل قاراشلار مەۋجۇت ،بىرىنجى خىل قاراش مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان زىمنىندا تۇققۇز پارچە مۇنبەت زىمىنى بار دېگەن مەنىدە بولۇپ توققۇز سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاق مۇنبەت بىنەم دېگەن مەنىدە.
ئىككىنجى خىل قاراش بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى شەرقى ساكلار ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋردە قويۇلغان ئىسىم دېگەن قاراش يەنى توققۇز ئاخىرىدىكى ساك ئۆزگىرىپ ھازىرساق قا ئۆزگەرگەن ھازىرمۇ ئاتۇش ،قەشقەر ،ئاقسۇ زىمىنلىرىدا ئاخىرقى بوغۇمى ساق قوشۇمچىسى كېلىدىغان يۇرت ئىسىملىرى بار ،مەسىلەن تۇققۇزاق ،ئوغۇساق ،سۇزاق ،ئىكىساق ،ساقساق ،بەيساق .....قاتارلىق ناملار .
ئۈچىنجى خىل قاراش ئوغۇزخان دەۋرىدە قويۇلغان توققۇز ئوق يەنى توققۇز قوشۇن دېگەن نامدىن ئۆزگەرگەن دېگەن قاراش .
قانداقلا بولمىسۇن توققۇزاق يەنى كوناشەھەر تارىخى ئۇزۇن ،ئىسىل مەدىنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەرگە قوشنا شەھەر بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن‹‹ يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا›› ئايلانغان .
كونا شەھەر ناھىيىسى يەنە مول سۇ بايلىقى، قۇياش نۇرى ئەۋزەللىكى ،مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ،ساياھەتچىلىك جەھەتلەردە زور ئەۋزەللىككە ئىگە ،ئىشچان كوناشەھەر خەلقى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يېڭى سەي كۆكتات ،گۈرۈچ بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە مىللى چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنى ياساش تەرەققى قىلدۇرۇش تونۇتۇش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقارماقتا.
توققۇزاق يوللىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
قىزىل دەرياسى
خىياللىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم ،‹‹ئاتلىق بىرىپ ياندۇق پىيادە›› دېگەندەك ئەمدى سەپەرنى ئاپتۇبۇستا باشلاشقا توغرا كەلدى ،ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا كوناشەھەر ناھىيىسىگە نەزەر تاشلىدىم ،مەن ئاپتۇبۇس ئىچىدە بولغاچقىمۇ ئالاھىدە بىرەر يەرنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدىم شۇنداقتىمۇ ئاپپىراتنى قولۇمغا ئىلىپ مۇنۇ بىر پارچە سۈرەتنى تارتتىم .
قارىغاندا خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى ئوخشايدۇ .
يەنە ئالاھىدە كۆزۈمگە چىلىققۇدەك جايلار بارمىدۇ، دەپ ئەتراپقا نەزەر سىلىپ تۇرسام ئاپتۇبۇسقا يېڭىلا چىققان بىر سەپەرداشنىڭ قىلغان ئۆكتەملىكى جىنىمغا تىگىپ مېنى قاينىتىشقا مەجبۇر قىلدى ،ئۇ يولداش چىقىپلا مەن ئاخىرقى بىر ئورۇندا ئولتۇرغۇسى كەلمىدىمۇ تاڭ مەن دىرىزە يىنىدا ئولتۇراتتىم ماڭا دىرىزە يىنىدىن ئۇرۇن تىپىپ بەر بولمىسا چۈشۈپ كېتىمەن دەپ قىلغان نامۇۋاپىق گەپلىرى ئوغامنى قايناتتى.
خوش بولە مۇشۇ ماشىنىنى ئالدىڭغا ئەكىلىپ بارار جايىڭغا ئاپىراي دېگەنگە دەپ ئىچىمدە بىرمۇنچە چىچىلدىم ،
ھەم شوپۇرنى ئالدىراتقاچ ئوپال سەپىرىگە تەقەززالىق بىلەن ئاتلاندۇق .
بىز سەپەر قىلىۋاتقان بۇ زىمىننىڭ كەڭرى ،بىپايانلىقى ،تۆت ئەتراپىنىڭ تاغلار بىلەن قورشانلىقىغا قاراپ ئاللا تائاللا ئاتا قىلغان بۇ چەكسىزلىككە مەدىھيە ئوقۇماي تۇرالمىدۇق .خۇددى زىمىننىڭ ھەممە يەرلىرى تاغدەكلا، تاغنىڭ زىمىننىڭ تۇتۇپ تۇرغۇچى قوۋزىقى قىلىپ يارتىتىلغانلىقىغا چىن دىلىمىدىن ئىشەندىم ،چەكسىز كەتكەن ،سايلىقلار ئارىسىدىكى بوستانلىق ،يىراقلاردىكى قار بىلەن قاپلانغان تاغلار ،يىقىن ئەتراپىمىزدىكى توپا تاغلار مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى .بۇ چەكسىزللىككە قاراپ چوڭقۇر خىياللار ئالىمىگە غەرق بولدۇم .
ئاخىرى بىز كۆزلىگەن مەنزىل ئوپال دىيارىغا يىتىپ كەلدۇق ،مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگە بىۋاستە بارىدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ يوقلىقى ھەم،مەقبەرىگە بارىدىغان يولنىڭ كىڭەيتىلىپ قايتا ياسىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بىز سەپەرداشلىرىم بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتقا ئولتۇرۇشۇپ يۈرۈپ كەتتۇق ،يىراقتىن ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان ،ئىسىل بوستانلىق كۆرۈندى كۆپ ئۆتمەيلا مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى ئالدىغا يىتىپ كەلدۇق تېخى خىلى بالدۇر بولغاچقا ئادەملەر ئاز ئىدى ،توكسىكىلىت ھەيدىگەن كىشىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بىز ئاۋۋال يىقىن ئەتراپتىكى نۇرۇز بۇلاقنى ساياھەت قىلىپ جۈمەگە يىقىن مازارنى زىيارەت قىلغاچ ،جۈمە ئوقۇشنى قارار قىلىشتۇق ،مەن توكسىكىلىت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئېگىز تاغلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ بىر قەدىمى مازارنى سۈرەتكە تارتتىم .
‹‹نۇرۇز بۇلاق››قىمۇ يىتىپ كەلدۇق بۇ جىمجىتلىق گۈزەللكتىن بەھىر ئالغاچ ئەتىگەن سەھەردە ناشتا قىلماي ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن ناشتا قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىچىلغان بىردىنبىر ئاشخانىغا قوللىرىمىزنى يۇيۇپ چوڭ ئىشتىھا بىلەن قەدەم ئالدۇق .
ئالدىمىزغا چايدىن ئاۋۋال ئۇيقۇسىراپ تۇرغان بىرى چىقتى .
قانداق تاماقلىرى بار ئۇستام ؟بىز چوقۇم بۇ خىلى چوڭ ساياھەت ئورنى بولغاندىكىن ئىسىل تائاملار بار دەپ زور ئۈمىد بىلەن سورىدۇق .
تىخى تاماق چىقمىغانتى .
ئۇ كىشىنىڭ بۇ جاۋابى بىلەن بىزنىڭ بىر ئاچقان قورسىقىمىز ئىككى بولۇپ شۈكلەپ قالدۇق .
ئاخىرى مومىمۇ ھەتتا نانمۇ بۇ ئاشخانىدىن چىقمىدى .خۇددى ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئىپىزوتىدەك بۇ قوللىرى چوناق ئاشپەزلەر بار ئاشخانىدىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىلىپ ئاچ قورساق ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق .
‹‹نۇرۇز بۇلاق ››قەدىمى سۆگەت تىرەك قاتارلىق دەرەخلەر بىلەن قورشالغان ناھايىتى ھاۋالىق ،سۇلۇق بىر يەر ئىكەن ،ئەپسۇس بۇلاق سۈيى ناھايىتى ئازلا قاپتۇ ،بۇلاق كۆزلىرىمۇ كىچىكلەپ بۇلاقلار قورۇپ كېتىشكە يۈز تۇتۇپتۇ ،ھەممىدىن يامىنى بۇيەر بىر ساياھەت ئورنىدىن ،كۆڭۈل ئىچىش،كەيپى ساپا بەزمە مەشرەپ ئورنىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى ،ئەدىيال،گىلەم سىلىنغان سۇپىلار ئەتراپى ساپلا پىۋا، ھاراق سوغۇق ئىچىملىك شىشىلىرى بىلەن قاپلانغان ،ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇيەر كەچتە بەكلا قىززىيدىغاندەك قىلاتتى ،شۇڭا بايىقى چولاق ئاشپەزلەر بىزگە قىلىدىغان مۇلازىمەتنى كەچكە نىسى قويۇپتىكەندە بىز تۆتەيلەن بۇ ھاۋالىق ،گۈزەل مەنزىرىدىن ناھايىتى رازى بولغان بولساقمۇ چىچىلىپ ياتقان بوتۇلكىلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق .ئەجدادلىرىمىز ھەريىلى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان بۇ ئورۇننىڭ ھەلا بۇكۈندە بىزنىڭ .....ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىزدە
بوتۇلكا دۆۋىسىدىكى بالا
يىشىللىق بىلەن ئورالغان ‹‹نۇرۇز بۇلاق ››
بىز بۇلاقنىڭ يىنىنى بويلاپ يىنىمىزدىلا تۇرغان تاغقا يامىشىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدۇق ،يىنىمىزدىلا بىر تاشلاندۇق كونا زاۋۇت تۇراتتى ،ھەيرانلا قالدۇق مۇشۇنداق چەت يەرلەردىمۇ زاۋۇت باركەن ھە !؟بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدا ئىشلەشتىن توختىغان كونا سىمىنۇت زاۋۇتى ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بولسا كىرەك ،بىز بۇ كونا زاۋۇتنىمۇ ئالا قويماي ئايلىنىپ چىقتۇق .
زاۋۇتتىن بىر كۆرۈنۈش
زاۋۇتتىن ئايرىلىپ كەڭرى كەتكەن جاڭگاللىققا چىققاندا شامال ئەۋجىگە چىقتى ،شورلۇق توپىلار يۈزۈمىزگە ئۇرۇلۇپ يىنىمىزدىلا كۆرۈنگەن بۇ تاغلارمۇ ئارقىغا يىنىپ كەتكەندەك بىلىندى .بۇ جاڭگال يولىدا بىر پادىچى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقاچ ماڭدۇق ،ئۇ كىشى ئالدىمىزنىڭ ئارقىسىدا ‹‹دۇلدۇل ئوقۇرى ››‹‹مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئاياغ ئىزى ››قاتارلىق پاراڭلارنى مەيلى راست بولسۇن مەيلى رىۋايەت بولسۇن سۆزلەپ بەرگەچ ماڭدى ،مۇشۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىتىنىڭ ئوقۇرى بارمىش راست مەھمۇت قەشقىرىلا ئەمەس ئەجدادلىرىمىز ئات مىنىشكە ھەقىقەتەن ماھىر بىر مىللەت بۇنداق تاغنىڭ ئۈستىدە ئات مىنىش ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئۇلۇغ خىسلەت .
بىز بۇ كىشىنىڭ پەقەتلا ئۈچ كالا ئون نەچچە قوينىلا بىقىپ يۈرگىنىگە قاراپ نىمىشقا كۆپرەك باقمىغىنىنى سورىدۇق .
ئۇكىشى بولسا بۇ جاڭگاللىقنىڭمۇ سىتىلىپ كەتكىنىنى قوي باققنىنى قويمايدىغانلىقىنى ئىيىتىپ بەردى .
بۇ ۋاقىتتا ‹‹تارىخى ھەمىدىدىكى ››بىر ئىغىز جۈملە ئىسىمگە كەلدى .
بىز پادىچى بىلەن بىللە
قالغان ھەمراھلىرىم بىلەن تاغقا چىقىشتا بەسلەشتىم ،‹‹كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس››دەپ يىقىندىلا كۆرۈنگەن تاغ مېنى خىلى ھالسىراتتى قالغان ھەمراھلىرىم ساپ دېھقان پەرزەنتى بولغاچقىمۇ مەندىن خىلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى ،مەن يىرىملاشقان تاغ چوققىسىدىن شالاڭ قەبرە بىلەن قاپلانغان زىمىنغا نەزەر تاشلىغاچ دىمىمنى ئالدىم ،ھەمراھلىرىمنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن يەنە تاغقا ياماشتىم بىز مۆلچەرىمىزدىكى تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز يىرىگە چىقىپ بۇ مەھمۇت يۇرتى بوستانىغا چوڭقۇر نەزەر سالدۇق .
مەھمۇت يۇرتىغا بىر نەزەر
چەشمە زىلال مەسچىتىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنىشى
بىزھىلىقى كىشى ئىيىتقان ‹‹دۇلدۇل ئوقۇرى››تاپايلى دەپ ئويلاشتۇق يۇ لېكىن جۈمەنى مۇشۇ ئۇلۇغ ماكاندا ئوقۇيمىز دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن تاغدىن يىنىپ چۈشۈشتۇق ،بۇ سىھىرلىك مەنزىرىلەردىن سىزمۇ ھوزۇر ئىلىڭ
ئەجدىرھا غارى
ئەجدىرھا غارى ھەققىدە رىۋايەت
ئالىم مەھمۇد قەشقەرى بەغدادتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ‹‹سۈزۈك بۇلاق ›› يېنىدىكى مەدرىسەدە دەرىس ئۆتۇپتۇ . ئۇنىڭ ئاكا -ئۇكا ئىككى
شاگىرتى بولۇپ ،بىرنىڭ ئىسمى ئىمام مالىك ئەكبەر ، بىرسىنىڭ ئسمى ئىمام مالىك ئەسقەر ئىكەن . بىر كۇنى بۇ ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن
كېچىسى سىرتقا چىقىپ قايتىپ كېلىۋاتسا ، قوش ھەيدەۋاتقان بىر دىھقان يىگىت ئۇچىراپتۇ . ئۇنىڭ ئانىسى تاپ بېسىپ ئارقىسىدىن يىغلاپ
كېلۋاتقان ئىكەن .ئاكا -ئۇكا ئىماملار ؛ ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ئانا ۋە يىگىت ، نېمىشقا مۇنداق كېچىدە يەر ھەيدەيسىلەر ۋە يىغلايسىلەر ؟ ››
دەپ سوراپتۇ . ئەھۋال مۇنداق ئىكەن .شۇ ئەتراپتا بىر ئەجدىرھا بولۇپ ، ھەر يىلى دىھقانلارنىڭ بىردىن بالىسىنى يەيدىكەن ، بولمىسا
يۇرتقا ئاپەت ياغدۇردىكەن . شۇ كۇننىڭ ئەتىسى ئەجدىرھاغا مۇشۇ يىگىتنى يىيىش نۈۋىتى كىلىپ قاپتۇ .شۇڭا يىگىت ئۆلۇش ئالدىدا ئانىسىغا
يەر تېرىپ بىرىش ئۇچۇن كېچىلەپ قوش ھەيداۋاتقان ئىكەن . ئىمام مالىك ئەكبەر بۇ مەخلۇقنى ئۆلتۇرۇشكە جەزىم قىپتۇ ۋە ھەزرىتى موللامدىن
ئىجازەت سوراپتۇ . ھەزرىتى موللام ئىمام مالىك ئەكبەرگە بارماسلىقنى دەپتۇ ۋە ئەجدىرھانى ئۆلتۇرۇشكە ئۆزى بىرىشنى قارار قىلىپ
ئىككى قىلىچنى ئېلىپ چىقىپتۇ . ئىمام مالىك ئەكبەر ھەزرىتى موللامنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ‹‹ سىلى بولمىسىلا بىزنى كىم ئوقوتىدۇ ؟ يالماۋۇزنى يوقۇتىشقا مەن باراي›› دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋاپتۇ . ھەزرىتى موللام نائىلاج ئۇنىڭغا يالماۋۇزنى يوقىتىشقا ئىجازەت قىپتۇ . ئىمام مالىك ئاكبەر كۆك
ئىنەكنىڭ سۇتىنى ئىچىۋىلىپ ئوڭ -سول بېقىنىغا ئىككى دانە قىلىچنى چىڭ تېڭىپ ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ . ئەجدىرھا دەم تارتىشى بىلەن
ئىمام مالىك ئەكبەر ‹‹ ئاللاھۇ ئەكبەر ›› دەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ئىككى بېقىنىغا باغلانغان جۈپ قىلىچ بىلەن ئەجدىرھانى ئىككى پارچە
قىلىپ تاشلاپتۇ . لېكىن ئىمام مالىك ئەكبەر ئىچكەن سۇتكە سۇئارلىشىپ قالغاچقا ،زەھەر قايتىماي ئۇچ كۇندىن كېيىن ۋاپات بولۇپتۇ .
ھەزرىتى موللام ئستېداتلىق ۋارىسىم بولۇپ قالىدۇ ،دەپ قارىغان شاگىرتى ئىمام مالىك ئەكبەر ئۇچۇن قان يىغلاپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئەل -يۇرت جۇۋا تەلپەكلىرىنى تەتۇر كېيىپ ،كۆك تاياقتىن ھاسا تۇتۇپ ، يەتتە كېچە -كۇندۇز ھازا تۇتۇپ يىغلاپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، خالايىق ئىمام مالىك c
ئەكبەرنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۇلۇغلاپ دۇئا قىلدىغان ،ياد ئېتىدىغان بولۇپتۇ .
مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى كۆرگەزمىخانىسى
(رەسىم تارتىشقا بولمايدىكەن ،ئەگەر بۇ رەسىملەرنى تورغا تارقىتىش قانۇنغا خىلاپ بولسا ئۆچۈرۋىتىلسە بولىدۇ )
كۆرگەزمىخانىدىن ئايرىلىپ جۈمە ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن جۈمەگە تەييارلىق قىلدۇق ،ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن شۇنداق ئېگىز تاغ باغرىدىن ئىتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيىدىن ئۇچۇملاپ ئىچىپ تاھارەت ئالدۇق ،شۇنداق بىر چوڭ زىيارەت ۋە ساياھەت ئورنىدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تاھارەت ئىلىشقا بىرەر مۇستەھەپخانا ياسالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ بوستانلىق ئادەملەرنىڭ ئىغىر بۇلغىشىغا ئۇچراپتۇ گەرچە ئەتراپتا بىر يەردە ھاجەتخانا كۆرگەن بولساممۇ شۇنچىۋالا كۆپ ساياھەتچى ھەم تاھارەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن زامانىۋى بىرەر ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ياسالمىغانلىقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى .ئامالسىز ئورمانلار ئارىسىدا تاھارەت ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇق .
چەشمە زىلال مەسچىتى
مەسچىتتىن چىقىپ بىردەم بىر شىماللىق ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم ،ئۆزىنىڭ يازلىق تەتىلدىن بىرى جەنۇبى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىۋاتقانلىقى ئالدىدا ئاتۇشتىكى جايپەچچىمنى ساياھەت قىلىپ ھازىر مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئىيتتى ،جايپەچچىمدىكى تەبى بۇلاق سۇلىرى ھەم ئۇ يەردە چۈشكەن رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسەتتى ،ئاخىرىدا بۇ يەردىكى بۇلاق سۈيلىرىنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكى تەمىنىڭمۇ غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيتتى .راست نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ بۇلاقلار ھازىر ھەقىقەتەن قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى مەنمۇ بۇلاق سۈيىنى ئىچتىميۇ بىرخىل ئۆزگەرگەن تەمدىم كۆڭلۈم غەش بولدى ،بۇلاق سۈيلىرىمۇ ئازلاپ كەتكەنىدى ،ئەسلىدىكى تەبىئى بۇلاق سۈيى چىقىش ئىغىزى ھازىر سىمىنوت بىلەن يېڭىلانغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم تەم ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغاندۇ .كۆڭۈل غەشلىك ئىچىدەنەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ياشاپ ھازىرقى كۈندە بىلى سۇنغان بوۋايدەك بولۇپ قالغان ‹‹ھاي-ھاي ››تىرەكنىڭ يىنىغا كەلدىم ،بۇ تىرەكمۇ ئۇزۇن يىللارنى باشتىن كەچۈرگەچكە ھازىر شاخلىرى ئىگىلىپ تىرەپ قويۇلغانىدى .تىرەكككە ھەرخىل ئىسىملار خەتلەر ئويۇپ قويۇلغان تىرەك ئۆسكەن بۇلاقمۇ ئىچىملىك شىشىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ،سۇلىرى بولسا ئازىيىپ قارىداپ قالغاندەك كۆرىنەتتى ،ھەي تارىخىنىڭ شاھىدلىرى سىلەرنى قوغداش بىزنىڭ قوغداش بۇرچىمىز ئىدى .
ھاي -ھاي تىرەك
ھاي -ھاي تېرەك رىۋايىتى
مەھمۇد قەشقەرى باغداتتىن قايتاشىدا ئۇستازىدىن ؛‹‹مىنىڭ ياتار جايىم قەيەردە بولىدىكەن ››دەپ سورىغان ئىكەن ، ئۇستازى ؛
قولىڭىزدىكى ھاسا قەيەردە كۆكلىسە، شۇ جاي سىزنىڭ ياتا جايىڭىزدۇر دەپتۇ . ئالىم مەھمۇد قەشقەرى يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ
‹‹ مەدرىسە مەھمۇدىيە ›› دىگەن مەدرىسنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىپتۇ ، يىشى ئۇلغايغانسىرى تىنى ئاجىزلىشىپتۇ
، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى نامازغا تاھارەت ئالغۇچە ھاسىسى سانجىپ قويغان يەردە بىخلىنىپ كۆكلەپتۇ . >
ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە كۆز يىشىدەك بۇلاق سۈيى ئېقىۋاتقىدەك ئالىم بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ ‹‹ھاي-ھاي بۇمۇ كۆكلەپ كىتىپتۇ ،
مىنىڭ ياتار جايىم مۇشۇ يەر بولغىدەك ›› دەپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاسسىدىن كۆكلىگەن تېرەك ‹‹ ھاي -ھاي تېرەك ›› ,
بۇلاق ‹‹چەشمە زىلال ›› (سۇزۈك بۇلاق) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ . بۇ تېرەك شاخلىرى ئۆسۇپ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى ئالەمدىن }
ئۆتۇپتۇ ئالىمنىڭ شاگىرتلىرى تېرەك شىخى قاراپ ئۆسكەن تەرەپ ئۇستىدىكى دۆڭلۈككە مەھمۇد قەشقەرىينى دەپنە قىلىپتۇ .
ھاي -ھاي تىرەك يىنىدا بىرنەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈپ ئەمدى ئاخىرقى نىشانىمىز مەھمۇت قەشقىرى مازىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پەشتاق ئاتلاپ قەبرە ئىچىگە كېرىپ كەلدۇق ،ئىغىر سۈكۈنات ،چەكسىز ھۆرمەت بىلەن بۇ قەبرە ئەتراپىنى زىيارەت قىلدۇق ،دۇئايى سالاملار يوللاشتۇق ،تۈركى خەلىقلىرىنىڭ شانۇ -شەۋكىتىنى ئەقىل پاراسىتىنى جاھانغا يايغان بۇ ئالىمغا بولغان پەخىرلىك ھېسىياتىمىزنى مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە چوڭقۇر ھېس قىلدىم قەبرە ئىچى ئىتىكاپخانا ،خاتىرە سارىيى قاتارلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلدۇق .
مەھمۇت قەشقەرى قەبرىسى
ئىتىكاپخانا
مەھمۇت قەشقىرى خاتىرە سارىيى
مەقبەرە يىنى
مەقبەرىدىن ئايرىلىپ ئەتراپلىرىنى ئايلاندۇق بىردەم بۇ يىشىللىقلاردىن ھوزۇرلانغاچ سالقىندىدۇق ،كۆزىتىشىمچە مەھمۇت قەشقىرىنى زىيارەت قىلىشقا كىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى يىلىدىن يىلغان كۆپ ئىدى ،مۆلچەرىمچە كۈنلىكى 400ئادەم قىتىم ئۆپچۆرىسىدە دەپ ئويلىدىم لېكىن زىيارەتكە كېلىۋاتقانلارنىڭ يىرىمى دېگۈدەك شىمالدىن كېلىۋاتقانلار ئىدى نېمىشقا شۇ مەقبەرىنىڭ يىنىدا تۇرۇپمۇ يىلدا بىرە قىتىم دېگۈدەك چىقالمايمىز يەرلىك كىشىلەر نىمانچا ئاز .بەزى ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى ئىشىكتىن كېرىش بىلىتى ئوتتۇز يۇئەن گەرچە بۇ پۇل ئىنتايىن ئاز پۇل بولسىمۇ ئايدا بىرەر قىتىم گۆشكە ئىغىز تىگەلمەيۋاتقان بەزى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ خىلى كۆپ پۇل گەرچە مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى بىر كۆرۈشكە تىگىشلىك ئەرزىگۈدەك يەر بولسىمۇ شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆيىدىن ئايرىلماي ياشاۋاتقان ئەشۇ بىچارە دېھقانلىرىمنى ئويلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى ،
بۇ بىزنىڭ مىللى غورۇرىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان ،ئەۋلاتلارنى تەربىيلەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى بولغاچقا خاسلا پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلغان ساياھەت ئورنى بولۇپ قالمىسىكەن دەپ ئويلايمەن ،ھىچبولمىغاندا شۇ ساياھەت كىرىمىدىن كېرگەن پۇللارنى مەقبەرىنى رىمىنىۇت قىلىش ،ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ،مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە دەپ ئويلايمەن .
پىكىرلىرىمنى ئۈزۈپ مەقبەرىدىن ئۇزاپ چىقتۇق
ئالدىمدا ھەيۋەتلىك تۇرغان مەھمۇت قەشقىرى ھەيكىلى خوش بالام دەپ بىزگە ئاقيول تىلەپ ئۇزىتىپ قويدى .
مەنبە:ئۆزۈم
[mp3=1]http://xugkari.com/wp-content/uploads/2011/07/05_mexmut-wetinim.mp3[/mp3]