مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xopur

ئۇزۇن قويرۇقلۇق ئادەملەر (رەسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:01:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 29قەۋەت  oychan كە 2011-07-27 11:31 PMئەۋەتىلدى  :


بۇنىڭغا ئېنىق ئايەتمۇ بارغۇ؟ ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا نەقىل كەلتۈرگەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشىنى چەكلىگەنىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ئەمىرگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار، دېيىلدى.    

ئۇنداقتا سىز دەپ بىقىڭا ، يەھۇدىلار خار مايمۇن بولماي ئىززىتى بىلەن ياشاۋاتىدۇ، بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ مايمۇنىدەك ياشاپ قالدۇق؟
بۇنىڭ بىزنىڭ ئالىملارنى چوڭ بىلمەي كەمسىتكىنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ -ئەمەسمۇ؟
دىنى پىكىرلەردە بەزى سۆزلەرنى ئۆز ئويىڭىز بىلەنلا كىسىپ دىسىڭىز توغرا بولامدۇ؟
ھازىرقى ۋەزىيەتتە ، مۇنبەردە باشقا دىندىكىلەرنى تىللاش توغرىمۇ؟ پاپىلارمۇ ئىسلام دىنىنى چەتكە قاقماي، ھەر قايسى دىنلارغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنىڭ ئىتىپاق ئۆتىشىنى دەۋەت قىلۋاتسا، سىز 9-ئەسىرلەردىكىدەك ئۇلارنى(ئالىملارنى) تىللاپ قاغىسىڭىز توغرا بولامدۇ؟

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ھەزرىتى ھەق سۇبھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24260
يازما سانى: 1267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9589
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:48:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، ۋاي توۋا .... ئەجەپ بوپ قالدىما ؟
مىنى ساق - سالامەت ، بەش ئەزايىمنى تولۇق ، بىجىرىم ياراتقان رەببىمگە ھەمدۇ - سانالەر بولسۇن ، ئەلھەمدۇلىللاھ !!!

ھەر بىر تىنغان تىنىقىمدا ئاللاھ قا شۈكرىلەر بولسۇن !!!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9793
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15210
تۆھپە نۇمۇرى: 504
توردا: 2540 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 01:01:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ، خالىغاننى يوقىتىدۇ، خالىغاننى بار قىلىدۇ،  چۈنكى ئاللاھ بىردىنبىر پادىشاھ..

ھۆرمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 01:08:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48484
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 03:00:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كورگىنىڭدىن كوپتۇر كورمىگىنىڭ ،   
كورمىگەننى كورەرسەن ئولمىگىنىڭ .

مەستانە

 ئاتائوغلى  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24989
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11469
تۆھپە نۇمۇرى: 1735
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 02:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  كاللا ئىگىلىرى   ئۇرەسىمگە ئۇبداق قاراڭلا    بىر كىرىشتىرمە رەسىم بىلەن ئىككى ئىغىز تۇقۇلما گەپنى تۇقۇپ ئەۋەتسە شۇنچە بۇلۇپ كەتتىڭلاما      
بڭلدى مەن كىيىن سىلار گە   مۇڭگۇزلۇك ئادەم    ...........  دىگەندەكلە نى يوللاپ بىرەي    پـۇتۇشۇپتا  كىرىشتىۇرۇپ

كىم بۇلىشىمدىن قەتئى نەزەر  مەنبىر ئاللاھنىڭ بەندىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39297
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 05:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت  شوپۇر 11976  سىز نىڭ باش سۈرىتىڭز نى نىمەدەيمىز «سىز نى كىم ياراتقان « ئاللاھ » قا ئىمان ئېيتىڭ » دوستۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39297
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 05:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆ جىزە دئىگەنلە  تۇپراق تىن ياراتقان ئىگەڭلەرگە ئىمان ئېيتىڭلا  مۇمكىن ئەمەس

ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 07:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللىبۇرۇن ئاغدۇرۇلۇپ بولغان سەپسەتە بۇ.
بۇنى كۆرۈڭلار

http://kino.yolyol.com/Player.asp?284,4,10,1.html

ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 07:46:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال: ئاتېئىزم دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: ئاتېئىزم – ئىنگىلىز تىلىدا Atheism، ئەرەب تىلىدا «الإلحاد» دەپ ئاتىلىدىغان، ”يوق“ لۇق پىكرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشنى ئاساسىي تېما قىلغان، پۈتۈن دىنلارنى، شۇنداقلا ئاخىرەت ئالەمىنى ئىنكار قىلىدىغان پەلسەپىۋى ئېقىمدۇر. ئاتېئىزمچىلار دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ۋە ياراتقۇچىنىڭ يوقلىقىنى دەۋا قىلغۇچىلاردۇر.

ئاتېئىزم پەلسەپىسى قەدىمدە بولمىغان بىر ئېقىم

        سوئال: ئاتېئىزم پەلسەپىسى قاچان ۋە نەدە مەيدانغا چىققان؟
                جاۋاب: ئاتېئىزم ئاللاھنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ھازىرقى مەنىسى بىلەن قەدىمدە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. «ئاتېئىزم» سۆزى پەقەت ھەق دىننىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشمىگەنلەر ياكى كۆپ ئىلاھلىق باتىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىنكار قىلىدىغان ئاز ساندىكى شەخسلەر ئۈچۈنلا قوللىنىلغان ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ جاسىيە سۈرىسىدىكى:﴿ قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلار:” ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز( يەنى تۇغۇلىمىز)، پەقەت زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن يوق بولىمىز“دەيدۇ. ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەنلا سۆزلەيدۇ﴾( ) دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئاللاھنى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكى ۋە پەقەت گۇمان، خىيال ۋە خاتا تەسەۋۋۇرغىلا تايىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. دەرۋەقە، ئاتېئىزمچىلارنىڭ بۇ ئىلمىي ئاساسقا يۆلەنمىگەن بۇ پۈچەك پەلسەپىسى ئۇزۇنغا بارمىدى. ياۋروپانىڭ فىزىكا، بىيولوگىيە ۋە باشقا تەبىئى پەن ئىلىملىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلمىغان، قاراڭغۇلۇق ئەسىرلىرىدە خېلى بازار تېپىپ قالغان بۇ سەپسەتە ئېقىمى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلىغان ئىلىم – پەت ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى ۋە ھامان سەھنىدىن چۈشكەن ئىدى. زامانىمىزدا ئىلىم – پەن ساھەسىدە تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىلىم – پەننىڭ ئاللاھقا باشلايدىغان يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا قايتىدىن ئىمانغا كېلىپ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغان ۋە ئاتېئىزمچىلارنىڭ بۇ پۈچەك پەلسەپىسىنى ئاللىبۇرۇن چۆرۈپ تاشلىغان مۇشۇ ئەسىردە، ئاتېئىزىم پەلسەپىسى ۋە ئېقىمى ئىلىم – پەندىن نېسىۋە ئالالمىغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ بەزىسىدە خەلقنى ھەقىقەتلەردىن قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۈچۈنلا دەۋر سۈرمەكتە.
                تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان كەرىمدە «لإلحاد»سۆزىنىڭ ھازىرقى مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى قەدىمدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلىدىغان جەمئىيەت ياكى ئاتېئىىزم پەلسەپە ئېقىمى يوق ئىدى. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە كەلگەن « لإلحاد » سۆزى ھازىرقى مەنىدىكى ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مەنىسىدە كەلگەن ئەمەس.( ) چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى كۇففار ئەرەبلەر ۋە كۆپ ئىلاھلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايتتى ۋە ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلىرىنى ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى ۋاسىتىلار ياكى كىچىك ئىلاھلار دەپ ئاتايتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:﴿ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!﴾( ) دېگەن.
                ئاللاھ تائالا يەنە مۇشرىك ئەرەبلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىكى مۇددىئاسىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دېگەن:﴿ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار:”بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر“ دەيدۇ﴾( )
                ھازىرقى مەنىدىكى ئاتېئىزم ئېقىمى ياۋروپادا خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرى مەيدانغا چىققان بولۇپ، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رەسمى راۋاج تاپقان ئىدى. بۇ ۋاقىتلار كارل ماركى، فرېدرىك ۋە چارلز دارۋىنلار ياشىغان ۋاقىتلار ئىدى. ئاتېئىزم پىكرى تەدرىجىي ھالدا تەرەققى قىلىپ كېيىنچە گېرمانىيىلىك پەيلاسۇپ شۇبىنھاۋىر (1788-1860) تەرىپىدىن رەسمىي پەلسەپە تۈسىنى ئالغان، ۋە «دىن - ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان نەرسە. ئىنسانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مەجھۇل بولغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى شەرھىلەش ئۈچۈن دىننى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىش ئىدى» دېگەن نەزەرىيە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. كارل ماركىس «دىن – ئەپيۇن»دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئاتېئىزم پەلسەپىسىگە چاقىرىدىغانلار ھەر خىل سەپسەتىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خەلقنى دىندىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا تىرىشقان.( )

ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار

        سوئال: ئاتېئىزم پەلسەپىسىنىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار كىملەر؟
                جاۋاب: ئاتېئىزم پەلسەپىسىنىڭ ھەر ساھەدىكى نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار تۆۋەندىكىلەر:
                1. كارل ماركىس (1818- 1883) ئىقتىساد ۋە تارىخنى ماتېرىيالىستىك يول بىلەن تەتقىق قىلىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماركىس «كاپىتال» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئۇ 1848 – ئەڭ يېقىن دوستى ئىنگىلىس بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىدە كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى ئېلان قىلغان.
                2. فەرۋىد رېك ئىنگىلىس ( 1820-1895) پەلسەپىۋىي مۇشكىلاتلار ھەققىدىكى ئاتېئىزم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
                3. چارلىز روبېرت دارۋىن ( 1809- 1882) تۈرلەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
                4. ئىمىل دۇركايىم ( 1858-1917) جەمئىيەت ئىلمى ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇركايىم ئاللاھقا ئىشىنەتتى، لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ئاتېئىزمچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

دارۋىنىزم نەزەرىيىسى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى

        سوئال: دارۋىنىزم نەزەرىيىسى دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: دارۋىنىزم ئەنگىلىيە بيولوگىيە ئالىمى چارلىز دارۋىننىڭ 1859-يىلى «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن نەزەرىيىدۇر.
                بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسچىسى دارۋىن 1809-يىلى 12- فېۋرال كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ شرۇسلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى دوختۇر، بوۋىسى تەبىئەتشۇناس ئىدى. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېئولوگىيە(ئىلاھىيات) فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن دارۋىن شۇ مەكتەبنە بىر ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىنى ناتۇرال (تەبىئەت)ئىلمى ئاسپىرانتى قاتارىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ”بېگىر“ ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتى بىلەن يەرشارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ساياھىتى ئېلىپ بېرىشقا نامزات كۆرسىتىشكە ماقول كەلتۈرىدۇ. پاراخوت يەرشارىنى ئايلىنىپ دېڭىزدا بەش يىل ئۈزىدۇ. دارۋىن بۇ جەرياندا، ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر، ھەرخىل جانلىقلار، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئىپتىدائىي شەكىلدە ياشايدىغان نۇرغۇن قەبىلىلەرنى كۆرىدۇ ۋە كۆزىتىدۇ. كۆرگەنلىرىنى ئۆز قارىشى بىلەن  بىرگە خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. بۇ خاتىرىلەر ئۇنىڭ كېيىن « تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»نى ئىلمىي تۈستە ئوتتۇرىغا قويۇشتا زور رول ئوينايدۇ. دارۋىن ئەنگلىيىگە قايتقاندىن كېيىن، بىئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىگە ئائىت بىر قانچە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ زور شۆھرەت قازىنىدۇ. 1859-يىلى «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ئەسىرىنى،1871-يىلى«ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جىنسنىڭ تاللىنىشى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئىككى كىتاب ئارقىلىق دارۋىن ئۆزىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ۋە «ئادەم مايمۇنسىمان ئادەمدىن كېلىپ چىققان»دەيدىغان قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.( )

        سوئال: دارۋىنىزمنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى قايسىلار؟
                جاۋاب: دارۋىنىزمنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:
                (1) بارلىق جانلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىئى بىر قانچە مىليون يىللار ئىلگىرىكى ئاميوبا ناملىق بىر دانە تاق ھۈجەيرە بولۇپ، بۇ ھۈجەيرە مۇنداق پەيدا بولغان: يامغۇر، گۈلدۈرماما، چاقماق، ئىسسىقلىق قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ تەسىرىدە، كاربون، ئازوت، ھېدروگېن، ئوكسىگېن قاتارلىق ئېلېمېنتلار بىرىكىپ ئامىنو كىسلاتاسىنى تەشكىل قىلغان. يەنىلا تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، بىر توپ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ زەنجىرسىمان بىرىكىشى ئارقىلىق ئاقسىل مولېكولى ۋۇجۇدقا كەلگەن. يەنىلا شۇ تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، بىر توپ ئاقسىل مولېكۇلىلىرى بىرىكىپ ئاميوبا ناملىق بۇ تاق ھۈجەيرە پەيدا بولغان. بۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشكە باشلاپ، دەسلەپ قوش ھۈجەيرىلىك جانلىقلارغا، ئاندىن كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارغا تەرەققىي قىلغان. بۇ ھۈجەيرىنىڭ بىر قىسمى تەرەققىي قىلىپ،  ھاشارەتلەر، ھايۋانلار، قۇشلار، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە سۈت ئەمگۈچىلەرنى تەشكىل قىلغان بولسا، يەنە بىر قىسمى تەرەققىي قىلىپ تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى تەشكىل قىلغان. ھايۋانلار بىرى-بىرىدىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ھايۋاناتلار تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھېسابلىنىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بارلىققا كەلگەن. ئادەممۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مايمۇندىن تەرەققى قىلغان.
                بىراق، ئىنسان بىلەن مايمۇن ئوتتۇرىسىدا ئەقىل، تەپەككۇر قىلىش، سۆزلەش ۋە ھەر تۈرلۈك قابىلىيەت جەھەتتە زور پەرق بولغانلىقتىن، مايمۇننىڭ ئادەمگە تەرەققى قىلىش ئارىلىقىدا چوقۇم يەنە بىر باسقۇچ بولىشى كېرەك. ئەمما بۇ باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدىغان جانلىقلارنىڭ تا ھازىرغىچە تىرىكى ياكى ئۆلۈكى (تاش قاتمىسى) تېپىلغىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ باسقۇچ”يوقالغان باسقۇچ“دەپ ئاتالماقتا.
                (2) بارچە جانلىقلار ئىرسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان چېتىلغان بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلك، ئۇزۇن يىللىق تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا، بىر-بىرىدىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر تۈر يەنە بىر تۈردىن كېلىپ چىققان.
                دارۋىنىزم بۇ نوقتىنى ھازىرغىچە ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلاپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.
                (3) جانلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات يۆنىلىشى تۆۋەن دەرىجىلىك تۈردىن يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرگە، ئاجىز تۈردىن كۈچلۈك تۈرگە، ئاددى تۈردىن مۇرەككەپ تۈرگە تەرەققىي قىلىشىدا ئىسپاتلىنىدۇ.
                ئەمما كائىناتتىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر كائىنات ۋۇجۇدقا كەلگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۆز ئەجىلىگە قاراپ سىلجىۋاتقان تۇرسا، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى دەۋا قىلغان تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىققا، ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققى قىلىش قايسى ئۇسۇلدا يۈز بەرگەن؟ قايسى قانۇنىيەن ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان؟ كائىناتتا بىرلا ۋاقىتتا بىر-بىرىگە تۈپتىن قارشى ئىككى قانۇنىيەتنىڭ بولىشى مۇمكىنمۇ؟ بىرى كائىنات كۈنسايىن ئىلغارلىق، تاكامۇللۇققا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ دېسە، يەنە بىرى كائىنات كۈنسايىن ئۆز ئەجىلىگە قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە دەيدۇ. كائىناتتا مۇنداق ئانتاگونىزملىق قانۇنىيەتلەرنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
                تېرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرىگە كۆرە، كائىناتتىكى ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەت، ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىش كونترول قىلىنماستىن قويۇپ بېرىلگەندە، زاماننىڭ ئۆتۈشى ئۇنى – ھەتتا نەچچە يۈز مىليون يىللار ئۆتسىمۇ- كۈنسايىن ئىلغارلىققا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى كۈنسېرى چىرىتىش ۋە يىمىرىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئاددىسى، سېمونت، تۆمۈر، خىش، قۇم قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئېنژىنېرسىز ۋە ئىشچىلارسىز ھالدا زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزلىكىدىن كۆركەم بىر بىناغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
                دارۋىنىزم مۇخلىسلىرىنىڭ «شەيئىلەرنىڭ ئىنتىزامسىزلىقتىن ئىنتىزاملىققا، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى تېرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرىگە ئويغۇن كەلمىسىمۇ، شۇنداق تاسادىپى بولۇپ قالغان»دەپ دەۋا قىلىشى تېخىمۇ كۈلكىلىك سەپسەتىدۇر. ماتېماتىكىنىڭ «ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى»مۇ بۇ تاسادىپىيلىق قارىشىنى يىمىرىپ تاشلاشقا يېتەرلىك. ئالايلۇق، مۇرەككەپلىكى نورمال بولغان، تەركىبىدە پەقەت تۆت يۈز ئامىنو كىسلاتاسى بولغان بىر دانە ئاقسىل مولېكۇلىنىڭ تاسادىپىيلىق ئارقىلىق بىرىكىپ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئۆمرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت كېرەك. شۇنداقلا، كائىناتتى بارلىق كاربون، ئازوت، ئوكسىگېن، ھىدروگېن، گۇڭگۇرت قاتارلىق ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان ئېلېمېنتلار بىلەن ئالەمنى تولدۇرۇپ، بۇلارنى ئىزچىل تۈردە ئارىلاشتۇرساقمۇ، يۇقىرىقى ئېلېمېنتلار بىلەن تولغان بۇ ئالەمنىڭ ھەجمى بىردانە ئاقسىل مولېكۇلىنىڭ تاسادىپىيلىق بىلەن بىرىكىپ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن يەتمەيدۇ.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە فىزىكا ئىلمى
                نۆۋەتتىكى فىزىكا قانۇنىيەتلىرىگە كۆرە، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى خاتا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەرشارىدا، ھەتتا كائىناتنىڭ ھېچقايسى بىر بۆلىكىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھادىسىدۇر. چۈنكى فىزىكا قانۇنىيەتلىرى بۇ كائىناتتىكى بارچە ئىش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ يۆنىلىشى –دارۋىنىزم ئېيتقاندەك-تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە ئەمەس، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن دەرىجىلىككە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىككە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، دەيدۇ. دېمەك، بارچە كائىنات ئىسسىقلىق ئەجىلىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ، فىزىكا قانۇنىيەتلىرىگە، خۇسۇسەن تېرمودىنامىكا قانۇنلىرىغا تۈپتىن زىت كېلىدۇ. تېرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرى تەجرىبىلەر بىلەن توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ۋە ئىلمىي ئاساسقا يۆلەنگەن قانۇنىيەتتۇر.

تېرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرى

        سوئال: تېرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرى قايسىلار؟
                جاۋاب: تەرمودىنامىكا قانۇنىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
        بىرىنچى قانۇنىيەت « ئالەم ئېنېرگىيىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ» يەنى ئېنېرگىيە يوقالمايدۇ. يوقتىن پەيدا بولمايدۇ. ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىلدىن باشقا خىل شەكىلگىلا ئايلىنىدۇ ياكى بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا يۆتكىلىدۇ. ئەمما ئايلىنىش ۋە يۆتكىلىش جەريانىدا ئېنېرگىيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.
                ئىككىنچى قانۇنىيەت « ئالەمنىڭ ئېنتروپىيىسى ئىنتايىن چوڭلۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ» يەنى ئالەمدىكى بارلىق ھەرىكەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەردە ئېنېرگىيىنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان شەكىلدىن پايدىلىنىشقا بولمايدىغان شەكىلگە ئايلىنىشى مۇقەررەر.
                ئالايلۇق، قۇياشتىن چىققان ئېنېرگىيىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمىدىن پايدىلىنىمىز، قالغانلىرى پايدىلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان شەكىلگە ئايلىنىپ كائىناتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كېتىدۇ.
                مانا بۇ ئىككى قانۇنىيەت ئارقىلىق فىزىكا ئالىملىرى تۆۋەندىكى يەكۈنگە ئېرىشكەن:
                ھامان بىر كۈنى پۈتۈن ئالەم تېرمال تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە يېتىپ، بارلىق ئۆزگىرىشلەر توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالەمنىڭ ئەجىلى توشىدۇ. چۈنكى ئىسسىقلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جىسىمدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق جىسىمغا يۆتكىلىدۇ. بۇ خىل يۆتكىلىش كائىناتتىكى بارلىق جىسىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭپۇڭلاشقىچە ئىزچىل تۈردە داۋام قىلىدۇ. تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە يەتكەندىن كېيىن بارلىق ئېنېرگىيىنىڭ يۆتكىلىشى توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كائىناتتىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر توختاپ فىزىكا ئالىملىرى«ئىسسىقلىق ئەجىلى»دەپ ئاتىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

        سوئال: تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى نېمە ئۈچۈن خۇددى
تەۋرەنمەس ئىلمىي ھەقىقەت سۈپىتىدە تارقالغان؟
                جاۋاب: ئومۇميۈزلۈك ياۋروپا خەلقى ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىئان دىنى دىن ئادەملىرى (پوپلار) تەرىپىدىن بورمىلىنىپ، مۇقەددەس كىتابلاردىكى (تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىكى) ئىلاھىي تېكىستلەرغا ئارىستوتىل قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيىلىرى ئىلاھىي تېكىست سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا پوپلار ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلارمۇ ئىلاھىي تېكىست تۈسىنى ئالغان ئىدى.
        ياۋروپادا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىكى كائىنات ۋە جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلىماتلارنىڭ ئىلىم-پەن ئالىملىرى كەشىپ قىلغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن زىت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن ئالىملىرى بىلەن چېركاۋلار ئوتتۇرىسىدا تارىختىكى مەشھۇر توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. بىراق، ئاخىرقى غەلىبە ئىلىم-پەن ئالىملىرىغا مەنسۇب بولدى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا «دىن ئىلىم-پەنگە قارشى»دەيدىغان ئۇقۇم ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى. شۇنداقلا، ئىلىم-پەن ئالىملىرىمۇ چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن دىننىڭ تەلىماتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ھەر قانداق بىر قاراشنى –ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ياكى ئىلمىي ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماستىنلا- قوبۇل قىلىپ، ئۇنى چېركاۋلارغا زەربە بېرىشتە ئۆزلىرى ئۈچۈن قورال قىلىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەندى.
                ئىلىم-پەن ئالىملىرى (يەنى پاۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى) چېركاۋلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى بىلەن سانائەت ئىنقىلابىمۇ غەلىبىگە ئېرىشكەن، كىشىلەر ئارىسىدا«دىن- ئىلىم-پەن بىلەن زىتلىشىدۇ» دېگەن قاراش كۆككە كۆتۈرۈلگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېركاۋنىڭ« ئىنسان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن تۈرەلگەن» دېگەن تەلىماتىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ خرىستىئان چېركاۋلىرىغا زەربە بېرىشتە زور كۈچكە ئىگە قورالىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن ئىلىم-پەن ئالىملىرى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى خۇددى تەۋرەنمەس ئىلمىي ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر تەنقىدنى -گەرچە ئىلمىي تەنقىد بولسىمۇ- دىنىي غەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دەپ قاراپ قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. مانا شۇنىڭدىن بىرى بۇ نەزەرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلىرى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ئەينى ۋاقىتلاردا، قېزىۋېلىنغان ئىسكىلىتلارغا ئوخشىغان بەزى پاكىتلارنى ساختىلاشتۇرۇشتىنمۇ ئەيمەنمىگەن ئىدى.
                بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى «سېر ئارتېر» ئېيتقاندەك، بۇ نەزەرىيىنى رەت قىلىش دېگەنلىك ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلانغان خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تەلىماتىغا ئىشىنىكە ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇش دېگەنلىكتىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئالىملىرى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ ھاكىممۇتلەق چېركاۋلىرىغا باش ئېگىشتىن كۆرە دارۋىن نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى.
                بىراق ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان چېركاۋلار ھاكىمىيىتىنى مەغلۇب قىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مانا ئەمدى، چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ياخشى خىزمەت قىلغان دارۋىن نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ نوقۇل نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغانسېرى، خۇسۇسەن فىزىكا ۋە بىئولوگىيە ئىلىملىرىدا زور ئىلگىرىلەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغان قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.
                «ئىلمىي مۆجىزە ژۇرنىلى»نىڭ 5-سانىدا، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە،
                1999-يىلى 11- ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كانساس ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى دەرسلىك پروگراممىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش قارارىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا (Tennesee) ۋە (Louisiana) ۋىلايەتلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى دەرسلىكلەردىن چىقىرىپ تاشلىغاننىڭ سىرتىدا، بۇ نەزەرىيىگە تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن چىقىرىشى قارارىنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا، (Washingtonj) ۋە(Ohaio) ۋىلايەتلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ(people & Pandas) ناملىق كىتابنى دەرسلىك پروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ كىتاب ھەر بىر بېتىدە تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن ۋە دارۋىنىزم ئىدىيىسىنى تۈپىدىن يىمىرىپ تاشلايدىغان كىتاب ئىدى.
                ستۋگولد1999-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى”تايم“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مايمۇندىن تەرەققىي قىلىش» ناملىق ماقالىسىدا، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ھازىرغىچە قوللاپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ:« بۇ نىڭ سەۋەبى، بۇ نەزەرىيىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان تەۋرەنمەس بىر ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ مەيدانغا كەلمىگەنلىكىدە ئىدى» دېگەن.

ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىدىغان تەدرىجى تەرەققىيات

        سوئال: ئىسلام دىنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلاردا تەدرىجى
تەرەققىي قىلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بەلكى  قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئاسمان جىسىملىرى، يەر قاتلاملىرى، تاغلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ئورگانىزىملارنىڭ يارىتىلىش جەريانىدا تەدرىجى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاسمان جىسمىنىڭ دەسلەپتە قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ  قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿كاپىرلار كۆرمەمدۇكى، ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەسلىدە بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتۇق﴾( )  
يەنە بىر ئايەتتە ئاسماندىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ نېمىدىن شەكىللەنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاندىن ئاللاھ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ۋاھالەنكى، ئۇ ئىس-تۈتەك ھالىتىدە ئىدى﴾ ( )
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئىلمىي خەۋەرلىرىنى ئەمدىلا ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئىزدىنىش ئارقىلىق تېپىپ چىققان.
قۇرئان كەرىم يەنە يەرشارىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەرشارىنىڭ قانداق يېيىلغانلىقىغا قاراپ باقمامدۇ؟﴾ ( ) يەنى يەرشارى دەسلەپتە ئۈستۈنكى قىسمى بولغان يەر پوسىتىسىز ئىدى، ئاندىن ئۇنى يېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەر پوستى شەكىللەندۈرۈلگەن.
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿بىز يەرشارىنىڭ يايدۇق، ئۇنىڭدا تاغلارنى تاشلىدۇق ۋە ئۇنىڭدا ھەر تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق﴾ ( ) دەيدۇ.  
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿ئاللاھ يەرشارىنى يايدى ۋە ئۇنىڭدا تاغلارنى، دەريالارنى ياراتتى﴾ ) دەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەر ئۈستىدە ياخشى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، ئەسلىدە ھازىرقىدەك يېيىتىلغان يەرشارىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭدا تاغ، دەريالارنىڭ يوقلىقىنى، شۇنداقلا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى - نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن ئىسپاتلىغاندەك – يەر شارىنىڭ يېيىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋۇلقانلار بىلەن يەر شارى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىقىش ئارقىلىق تەدرىجى ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئادەملەردىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: « ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئاتىمىش گەز ئىدى»( ). يەنە بىر ھەدىستە:« جەننەتكە كىرىدىغان ھەر قانداق كىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ بويى ئاتمىش گەز ئىدى، ئاندىن كىشىلەر تا بۈگۈنگىچىلىك كىچىكلەپ كەلگەن»( ) بىر گەز تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ.
دېمەك ئادەملەرنىڭ جىسمى ئەسلىدە بوي جەھەتتە ناھايىتى ئىگىز، توغرىلىق جەھەتتىمۇ ناھايىتى كەڭ بولغان. تەدرىجى كىچىكلىشىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكىدەك كىچىك جىسىملىق ئادەمگە ئايلانغان. بۇ ساسكىس ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى تېپىپ چىققان بىر ئادەمنىڭ ئىزىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقىغا ئاساسلىنىپ چىقارغان يەكۈندۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن دارۋىندىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسلام ئالىملىرىدىن بىر قانچىسى دارۋىندىن بۇرۇنلا بۇ تەدرىجى تەرەققىيات توغرۇلۇق سۆز ئاچقان. مەسىلەن: ئەھمەد ئىبنى سەھل ئەلبەلخى( ) «باشلىنىش ۋە تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە، ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد مىسكىۋەيھ( ) « ئەخلاقنى تۈزىتىش ۋە ئىرقى پاكلاش»ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى خەلدۇن( ) ”مۇقەددىمە“ناملىق ئەسىرىدە جانلىقلاردا تەدرىجى تەرەققىي قىلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرۇلۇق سۆز ئاچقان. شۇنداقلا يېقىنقى زامان ئىسلام ئالىملىرىدىن ئەققاد، فەرىد، ۋۇجدى، باشەمىل، سەييىد قۇتۇب ۋە مۇھەممەد قۇتۇب قاتارلىقلارمۇ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئەسلىدە ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ نەزەرىيە يامان غەرەزلىك يەھۇدىيلار تەرىپىدىن دىنغا، خۇسۇسەن خرىستىئان دىنىغا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئىلمىي يۆنىلىشىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ماھىيىتى بورمىلانغان، دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن.

        سوئال: ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تەدرىجى تەرەققىيات قايسى؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىپ قوللايدىغان تەردرىجى تەرەققىيات ھەر بىر جانلىقنىڭ ئۆز تۈرى ئىچىدىكى تەرەققىياتىدۇر. ھەتتا  ئىسلام دىنى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى ئورگانىزىملاردا ئەسىرلەر بويى ئۆزگىرىش بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەدرىجى تەرەققىي قىلغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، دارۋىنىزمچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەلىلى بولغان ” گېنلاردا توساتتىن ئۆزگىرىش“ يۈز بېرىشى نەتىجىسىدە بىر تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ نەچچە خىللىرى ۋۇجۇدقا كېلىشىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بىراق، ئىسلام دىنى ”بارچە جانلىقلارنىڭ تاق ھۈجەيرىلىك ئاميوبا ناملىق بىر خىل ھايۋاندىن ھەر خىل تۈرلەرگە تەرەققىي قىلغان، ئىنسان ئاۋۋال مايمۇنغا، مايمۇندىن نۆۋەتتىكى كۆركەم ئىنسانغا تەرەققىي قىلغان“ دەيدىغان ئەپسانىۋى ھېكايىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ ۋە ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.  چۈنكى دارۋىن دەۋرىدە بىلىنمىگەن ئىرسىي ئامىللارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، دارۋىنىزمچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ”تۈرلەر بىر- بىرىدىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن“ دەيدىغان ئەپسانىنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەر بىر تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىرسىي ئامىللىرى بولۇپ، بىر قانچە مىليون يىللار ئۆتسىمۇ بۇ ئىرسىي ئامىللار ئۆز خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، باشقا بىر تۈرگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يېڭى ئىلىم-پەن ئىسپاتلىدى. مەسىلەن: مۈشۈكنىڭ ئىرسىي ئامىللىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىتقا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن بولمىغانغا ئوخشاش بىر ئىش. چۈنكى مۈشۈكنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۈشۈكلۈك دائىرىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇزاققا كېتەلمەيدۇ. مۈشۈكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ تۈرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىنكى، ئەمما ئۇنىڭ ئىتقا ياكى باشقا بىر ھايۋانغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئاددىي ئىلمىي ھەقىقەتنى ئىرسىيەت ئىلمىدىن خەۋىرى بار ھەر قانداق ئادەم ياخشى چۈشىنىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، ئىسلام دىنى قوللايدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان تەدرىجى تەرەققىيات ھەر تۈرنىڭ ئاز دائىرىسى ئىچىدە بولىدىغان، ئىنساننىڭ ئىگىز بويلۇق، زور غوللۇق ۋە ئۇرۇن ئۆمۈرلۈك ئىنساندىن ھازىرقىدەك كىچىك تەنلىك، قىسقا ئۆمۈرلۈك ئىنسانغا ئايلىنىشىدەك، ھەر تۈرنى ئۆز دائىرىسى ئىچىدە نەچچە خىل شەكىللەرگە كۆپەيتىدىغان تەدرىجى تەرەققىياتتۇر.
ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر

        سوئال: ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر قايسىلار؟
                جاۋاب: ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ياۋروپا خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ دىن نامىدىن خەلقنى مىسلىسىز دەرىجىدە ئەزگەنلىكى، ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى خۇراپات ۋە سەپسەتىلەرنى دىن نامىدىن قانۇنلاشتۇرۇپ يەرلىك خەلققە زورلاپ تاڭغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قانداقلا بىر ئىلىم – پەن ۋە ئىلمىي كەشپىياتلارنى دىن نامىدىن رەت قىلىپ، دىننى ئىلىمگە قارشى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى كېلىدۇ. ئاتېئىزمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە تارقىلىشىدا يەھۇدىيلارنىڭ قولى بارلىقى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. چۈنكى يەھۇدىيلار ياۋروپا خەلقىنىڭ مۇستەبىت خرىستىئان چىركاۋلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە ئۇلارغا قارشى ئىنقىلابلىرىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسىدە ئاتېئىزم پىكرىنى تارقىتىشتا چوڭ رول ئوينىغان.

        سوئال: غەربلىكلەر ئاتېئىزمنىڭ تارقىلىش سەۋەبىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىدۇ؟
                جاۋاب: غەربلىكلەرنىڭ ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ تارقىلىشىغا ئالاقىدار ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
                (1) خرىستىئان چېركاۋلىرى ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي دەۋالار بىلەن يېڭى كەشىپ قىلىنغان تەجرىبە ئىلمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى. غەربلىكلەر خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ دىنىي دەۋالىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن كۆپلىرىنىڭ تەجرىبە ئىلىملىرى ئىسپاتلاپ چىققان نەزەرىيىلەرگە قارىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى ھەم ھېس قىلىشماقتا.
                (2) ھېسسىي ياكى ئەقلىي پاكىت ئاساسىغا تايانغان تەجرىبە ئىلمىنىڭ پرىنسىپى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ پرىنسىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقلار. چۈنكى ئىلمىي پرىنسىپ لوگىكىلىق ئۇيغۇنلىشىشنى شەرت قىلىدۇ، دىنىي پرىنسىپ دىنىي ھەقىقەتلەرنى-گەرچە ئېنىق ئەقىل لوگىكىسىغا زىت بولسىمۇ- قوبۇل قىلىۋېرىش ئاساسىدا ئەقلىي زىتلىقلارنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.
                (3)غەربنىڭ كۆپلىگەن دىنىي ئالىملىرى ۋە دىنىي زىيالىيلىرى غەيبىي(مېتافىزىكا) مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ پاكىتسىز قاراشلىرىنى ھەقىقەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، نيۇتۇننىڭ دوزاخ توپوگرافىيە توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئوخشاش.
                (4) بەزى دىندار تەبىئي پەن ئالىملىرى مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى دىنىي دەۋالارغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ بوينىنى تولغاشقا ئورۇنغان. مەسىلەن، مىتران (جىيمىز ئەشىر) ئىنجىلنىڭ بەزى تېكىستلىرىنى تەھلىل قىلىپ، يەرشارى مىلادىيىدىن بۇرۇن 4004 - يىلى يارىتىلغان دەپ نەتىجە چىقارغان. بۇ نەتىجە مىلادىيە 1650- يىلى رەسمىي نەشىر قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇقەددەس كىتاب (ئىنجىل)نىڭ «تەكۋىن» بۆلۈمىنىڭ ئاستىغا بېرىلگەن ئىزاھاتىغا قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ، ۋىكتورىيانVictorian)، 1837-1901)دەۋرىگە قەدەر ئىنجىلدا ئىزاھات سۈپىتىدە تۇرغان.
                (5) ئىلىم-پەن بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دىننىڭ تارماق مەسىلىلىرىگە يىغىنچاقلىنىپ قالماستىن، بەلكى پرىنسىپال ئاساسلىق مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. دىنشۇناس ئالىملار نەزىرىدىمۇ خرىستىئان دىنى تايىنىۋاتقان كىتاب(ئىنجىل)نىڭ مەسىھ (ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام)نىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىلمىي پاكىت يوقلىقى ھەممىگە ئايان. ھەممەيلەن بىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئىنجىلنى باشقىلار يازغان، ئۇلارنىڭ بەزىسى تونۇشلۇق ئادەملەر، يەنە بەزىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس ئادەملەردۇر، ئۇلار ئۇ كىتابنى ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلى ئۇزۇن زاماندىن كېيىن يازغان. بۇ كىتابنى يازغانلارنىڭ سۆزلىرىدە زىددىيەتلەر كۆپ.
                (6) مۇقەددەس كىتابتىدىكى زىتلىقلار ئىلاھنىڭ زاتىغا ئالاقىدار قاراشلانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى ئىلاھ ياراتقۇچى دەپ سۈپەتلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بالا مەنسۇپ قىلىنغان ۋە ”ئىسا ئاللاھنىڭ بالىسى“ دەپ قارالغان. ئىلاھ بىر دىېيىلىپ تۇرۇپ، ئۇ ”ئاللاھ، ئىسا ۋە مۇقەددەس روھ“ ئۈچىدىن تەركىب تاپقان دەپ قارالغان.( )

ھەق دىن ئىلىم – پەن بىلەن زىتلاشمايدۇ

        سوئال: دىن ئىلىم – پەن بىلەن زىتلىشامدۇ؟
                جاۋاب: شۇ ئېنىقكى، ھەق دىن بىلەن توغرا ئىلمىي ھەقىقەت ھېچ ۋاقىت بىر- بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ.
                (1) ياۋروپادا دىن بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن زىددىيەت پەقەت دىن نامىدىن سۆزلەيدىغان چېركاۋلار بىلەن بولغان ئەخلاقىي ۋە سىياسىي زىددىيەتتۇر. شۇڭا غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئاتېئىزم تارىخچىلىرىنىڭ بىرسى مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھنىڭ بارلىقىنى-چىركاۋغا تايانماي- مۇداپىئە قىلغاندا، بۇ ئىمان چۈشىنىشلىك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى چېركاۋ داۋالاشنىڭ بىر قىسمى بولماستىن، ئاللاھنى تونۇشتا كېسەللىك ۋە قىيىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، چېركاۋلار ئاتېئىستلىقنى ئۈندۈرگەن زېمىن بولۇپ قالدى.»( )
                (2) ئاتېئىزملىق سەۋەبلىرىنىڭ چوڭراقى مەشھۇر پەيلاسوپلار ئۇلىنى سالغان ۋە ئۆزلىرى مۇداپىئە قىلغان بەزى ئىدىيە ئاساسلىرىدۇر. بۇ پەيلاسوپلاردىن كۆپلىرى ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىدىيە ئاساسلىرى ئاتېئىزمنىڭ ئاساسلىرى ئىدى. شۇڭا ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ ئىدىيە ئاساسلىرى بىلەن قانائەتلەندى ۋە ئاتېئىزملىقنى شۇ ئاساسلارغا قۇرۇشتى. كېيىنكىلەر، ئىدىيە ئاساسلىرىنى يىلتىزلاشتۇرغان پەيلاسوپلارنىڭ ئىمانىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يىلتىزلاشتۇرغان ئەقلى قائىدىلەرگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان شەخسى مەسىلە دەپ قاراشتى.
                (3)تەبىئەت ۋە تەبىئىي پەنلەر نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پەيلاسوپ دىكارت (Descartes) مۇشۇ خىل قاراشتىكى پەيلاسوپلارنىڭ بىرسى. ئۇ تەبىئەت توغرىسىدا: «ئاللاھ تەبىئەتنى ياراتقاندىن كېيىن، تەبىئەت ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان مۇستەقىل قانۇنىيەتلىرى بىلەن تولۇق مۇستەقىل بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ياراتقۇچى تەبىئەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بولدى ياكى ئۇنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىپ قويىدىغان بولمىدى» دەپ قارايدۇ.
                پەيلاسوپ دېكارتنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ياراتقۇچى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە نەق ئېھتىياجلىرىدىن يىراق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، ھايات ئۇنىڭغا تايانمايمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىن بولىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالغان، يارىتىلىشنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىنى بايان قىلغاندا ياراتقۇچى توغرۇلۇق سۆزلەشتىن باشقا ياراتقۇچىنى زىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى... پەيلاسوپ دىكارتنىڭ نەزەرىدىكى بۇ سەلبىي ئىلاھ كۆپلىگەن تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە تەبىئەت نىزامى تايىنىدىغان پرىنسىپلارنىڭ قوشۇمچە ئىسمىغا ئايلىنىپ قالغان.
                (4) زامانىمىزدا، كائىناتنىڭ ئارقا رادىئاتسىيىسىدە قورۇقلار(Wrinkles) نىڭ بارلىقى كائىنات ئۆمرىنىڭ دەسلەپكى 300000 يىلغا قايتىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ نەرسە زور پارتىلاش نەزەرىيىسى بويىچە كائىنات جىسىملىرى شەكىللەنگەن ئۇرۇغ(يادرو) ئىكەنلىكىنى كەشىپ قىلغان فىزىكا ئالىمى جورج سىموت ( George Smoot) ئاشۇ كەشپىياتىنى 1992-يىلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا ئېلان قىلىپ:"ئەگەر سەن دىندار بولساڭ، خۇددى ئاللاھنى كۆرگەندەك بولسىەن"دېگەن.
                (5) غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ دىندىن ئۈكۈش سەۋەبىنى ئاقلاشتا كىتابلىرىدا كۆپ تەكرارلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى غەرب تارىخىدا دىنىي ئىختىلاپ سەۋەبلىك ئۇرۇش ۋە تراگىدىيەنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىدۇر.
                (6) ئاتېئىزمچىلار دىننى ئىلىم-پەنگە قارىشى مەيدانغا قويۇپ ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا تاياندى، ئاندىن ئىلىم -پەننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى، ئىلىم-پەن ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئىجادىيەتلەر ۋە ئۇتۇقلار، ئىلىم-پەننىڭ كائىناتقا ئالاقىدار مەرىپەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى ۋە شۇ ئارقىلىق كائىنات خاراكتېرىگە ياكى كائىناتتىكى تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەبلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ئالاقىدار كۆپلىگەن خۇراپاتلارنى يوقاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئاندىن ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلەر ئۈچۈن ھەقىقەتلەرنى بىلىشتە دىنغا تايانماي تەبىئىي پەنلەرگە تايىنىش كېرەك دېيىشتى.( )

دۇنيادىكى ئۇرۇشلارغا دىن سەۋەب بولغان ئەمەس

        سوئال: دۇنيادىكى ئۇرۇشلارغا دىن سەۋەب بولغانمۇ؟
                جاۋاب: غەرب ئەللىرىدە دىن نامى بىلەن كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەقىقەت، لېكىن مۇشۇ سەۋەب دىننى ئۇنىڭ قايسى دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇتلەق رەت قىلىشقا سەۋەب بولالامدۇ؟
                ئەلۋەتتە بۇ ئابزاسلارغا نەزەر يۈرگۈزگەندە مەلئۇن ئاپپاق غوجىنىڭ ئىسلام دىنىي نامىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئەزگەنلىكى، ئازدۇرغانلىقى ۋە دىن نامى بىلەن دۆتلەشتۈرگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشى ئىسلام دىنىي سەۋەبلىكمۇ ياكى ئىسلام دىنىنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن يامان غەرەزلىك ئىستىمال قىلغان ئازغۇن غوجىلارنىڭ سەۋەبىمۇ؟ ئىسلام دىنىي سەۋەبچى دەپ قارايدىغان بولساق، ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىيلار ۋە سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك مەدەنىيىتىگە نېمە دەيسىز؟
                رەسۇلۇللاھ خاۋارىجلار توغرىسىدا:"ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، لېكىن قۇرئان ئۇلارنىڭ گاللىرىدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇلار خۇددى ئوق پاچاقتىن چىقىپ كەتكەندەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە كاپىرلار بىلەن كارى بولمايدۇ، ئەگەر مەن شۇ تۈردىكى ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولسام، ئۇلارنى ئاد قەۋمىگە ئوخشاش ھالاك قىلغان بولاتتىم"دېگەن.( )
                ماقۇل، دىنىي ئەقىدە ئاشۇ ئۇرۇشلارغا ئېلىپ باردىمۇ دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى، غەرب ئەللىرىدە ”دىننى سىياسەتتىن ئايرىش“ تۈزۈمى دىننىڭ ئورنىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇرۇش توختىدىمۇ؟ ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق، ۋەيرانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق دىن سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنمۇ؟ كاپىتالىزم ۋە سوتسىيالىزم دۆلەتلىرى ئاجىز دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىۋېلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇرۇشلار دىنىي ئۇرۇشلارمىدى؟ ئىراق، سۇمالى، چېچەنىستان، ئافغانىستان ۋە ئىراقلاردا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارمۇ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك يۈز بەرگەنمۇ؟
                ئەگەر ھەركىم دىنغا باھا بېرىشتە ئىنساپلىق بولىدىغان بولسا، ھەر بىر ئىشنى ئۆز ئورنىدا قويىدۇ، بىر دىننىڭ سەۋەبىنى باشقا بىر دىنغا ئارتمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا دىنغا بەرگەن باھا ئىلىم ۋە ئەقىل تونىغا ئۇرىنىۋالغان ھاۋايى- ھەۋەس خاراكتېرىدىكى باھا بولۇپ قالىدۇ.

دىنغا تايانماستىن ھەممە نەرسىنى بىلگىلى بولمايدۇ

        سوئال: دىنغا تايانماستىن ھەممە نەرسىنى بىلگىلى بولامدۇ؟
                جاۋاب: ھېسسىي ئەزالار كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىشنىڭ يولى ئەمەس، ھېسسىي ئەزالار بىلەن بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ھېسسىي ئەزالار بىلەن بىلىش، ئەقىل ئارقىلىق بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئەقىل ئارقىلىق بىلىش ئوتتۇرىسىدا زىتلىق مەۋجۇد ئەمەس.
                شۇنى بىلىش كېرەككى، تەبىئىي پەن بىلەن ھەق دىن ئوتتۇرىسىدا زىتلىق مەۋجۇد ئەمەس. ھەقىقىي دىن ئىلىم-پەن مېتودىنى مەرىپەتكە يېتىشنىڭ يولى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ بارلىق مەرىپەتلەرنى بىلىشنىڭ يولى ئەمەس دەپ قارايدۇ. چۈنكى بەزى مەرىپەتلەر نەقىل(رىۋايەت) ئارقىلىق ھېس قىلىنىدۇ، يەنە بەزى مەرىپەتلەر ئەقل بىلەن يەكۈن چىقىرىش يولى ئارقىلىق بىلىنىدۇ، يەنە بەزى مەرىپەتلەر پەقەت پەيغەمبەرلەر يولى ئارقىلىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەقىللىق كىشى مەرىپەت تۈرىگە قارىتا بۇ مەرىپەت يوللىرىنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىدۇ.  ئەمما ئەقىلسىزلار  بەزى مەرىپەت يوللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بەزىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.
                شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر- تەبىئىي پەن يېتەلمەيدىغان شۇ مەرىپەتلەرگە قاتتىق ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن قايسىبىر دىنغا-گەرچە ئۇ دىن باتىل دىن ياكى ئۇنىڭدا بەزى قاراشلار خاتا بولسىمۇ- ئېسىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
                كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن كائىنات كۆرۈنۈشلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ ئاسانچىلىق يارىتىپ بەرگەن زور ئىلمىي كەشپىياتلار-خاتا چۈشەندۈرۈش سەۋەبىدىن- كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئېزىقتۇرۇپ، تەجرىبە ئىلىمي ئىنساننى دىندىن بىھاجەت قىلىدىكەن، بەلكى دىن مەغلۇب بولغان جايلاردا تەجرىبە ئىلمىي غەلىبە قىلىدىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى بۇ تۈردىكى مەغرۇرلۇق دەرىجىسىنى خېلى پەسەيتىۋەتتى.
                ئاتېئىزمچىلار بىلەن سىكۇلارىزمچىلار كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىلمىي ھەقىقەتلەر دىنىي دەۋالارنى يوققا چىقىرىپ تاشلايدۇ ۋە ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرىنى قوللايدۇ دەپ خىيال قىلدۇرۇشتا غەلىبە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئاتېئىزم كۆز قارىشى يالغۇز ئىلمىي قاراشتۇر دەپ خىيال قىلىدۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بەزى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئاتېئىزم ئىلىم-پەن ئۇقۇمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئاتېئىزمچىلارنى ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن سەۋەبلەر

        سوئال: ئاتېئىزمچىلار بۇ غەلىبىگە قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشتى؟
                جاۋاب: ئاتېئىزمچىلار بۇ غەلىبىگە تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشتى:
                (1) ئاتېئىزىمچىلار ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئاتېئىزم قاراشلىرى بىلەن ئىزاھلاش، ئاندىن بۇ نەزەرىيىلەرنى ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى ئىزاھلاپ بېرىشكە قادىر دەپ تەسۋىرلەش ۋە دىن پۇرىقى بار ياكى دىننى قوللايدىغان ھەر قانداق پۇراققا ئىگە نەزەرىيىنى يىراقلاشتۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتى.
                (2) ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرىنى نەشىر قىلىش، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا- ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرى ئىلمىي ھەقىقەتلەر دېگەن ئېتىقادتا تەربىيلىنىشى ئۈچۈن- دەرسلىك قىلىشتا ئۈنۈم قازىنىشتى. گەرچە ئۇ نەزەرىيىلەر تولۇق تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن نەزەرىيە ياكى خىيال بولسىمۇ، ئاتېئىزم مەكتەپلىرىدە چىن ھەقىقەت دەپ سىڭدۈرىلىدۇ. ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرى خاتالىقنى قوبۇل قىلمايدىغان نەزەرىيە سۈپتىدە دەرسلىك قىلىنىدۇ.
                (3) ئاتېئىزم نەزەرىيىلىرىگە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشى، ئۇ نەزەرىيىلەرنى يالغانغا چىقىرىدىغان ياكى ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويدى. مەسىلەن، ئاتېئىزمچىلار دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە مۇتەئەسسىپلىك قىلىدۇ، دارۋىننىڭ نەزەرىيىسىگە ئىشەنگۈچىلەر ھازىر بىئولوگىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ، بۇلار دارۋىن نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلغان ياكى ئۇ نەزەرىيىگە رەددىيە بەرگەن ياكى ئۇ نەزەرىيىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانلارنى كۆرسە ئىچى سىقىلىپ، ئۇلارنى نادان ياكى دىنىي مۇتەئەسسىپلەر دەپ تۆھمەت قىلىدۇ.
                (4) ئاتېئىزمچىلار ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللۇنۇپ كىشىلەرگە دىننىڭ سۈرىتىنى سەت كۆرسىتىش، ئۇنى ھەمىشە ئىلىم – پەنگە قارشى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆپ كىشىلەرنى قانداقلا بىر دىندىن يىراقلاشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى.( )

ئىسلام دۇنياسىدا ئاتېئىزىم پەلسەپىسىنىڭ باش كۆتۈرىشى

        سوئال: ئىسلام دۇنياسىدا ئاتېئىزىم پەلسەپىسى قاچان باش كۆتۈرگەن؟
                جاۋاب: ئىسلام دۇنياسىدا ئاتېئىزىم ئېقىمى غەرب مۇستەملىكىسى سەۋەبلىك خېلى بۇرۇنلا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئوسمانيلار خەلىپىلىكى ئۆرۈپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئاتېئىزم ئېقىمى ۋەپەلسەپىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

        سوئال: ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا باش كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟
                جاۋاب: ئاتېئىزم ئېقىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا باش كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
                (1) كۆپلىگەن مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچرىغانلىقى.
`                (2)مۇسۇلمانلاردا دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى.
                (3) ئىسلام دۇنياسىدا جاھالەتنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى.
                (4)مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر ۋە ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتە قالاقلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى.
                (5) ھاۋايى ھەۋەسلەرگە بېرىلىش مەيلىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى.
                (6) مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىشى.
                 خۇلاسە قىلغاندا، ئاتېئىزم پەلسەپىسى ۋە ئاتېئىزمچىلارنىڭ خۇداسىزلىق دەۋاسى ئىلمىي ئاساسقا ئەمەس، بەلكى گۇمان بىلەن خىيالغا تايانغان بولۇپ، ئىلىم – پەن بىلەن ماسلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن سەھنىنى ئىلىم–پەنگە بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئېقىمدۇر.
                 شۇڭا ئاتېئىزم ئېقىمى ۋە پەلسەپىسى دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن چېكىنىپ، پەن – مەدەنىيەتتە ۋە پەن-تېخنىكىدا دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قالغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ بەزى ئاز ساندىكى رايونلىرىدا، خەلقنى مەنىۋىياتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.   
                ئاتېئىزمچىلارغا ئىلىم – پەننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە ھەممىنىڭ يېگانە ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ تۇرغان ئىلمىي دەلىللىرى رەددىيە بېرىپ كەلمەكتە.
        تۆۋەندە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي ۋە ئەقلىي دەلىللەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش