بىر ياپونىيىلىك، بىر كورىيەلىك، بىر جۇڭگۇلۇق تەڭرىدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ قاچان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ:
-100يىل دەپتۇ تەڭرى ياپونىيەلىككە.
-ئاھ خۇدا، ئۇنى كۆرەلمىگۈدەكمەن، ئۆمرۈم يەتمىگۈدەك.-دەپ يىغلاپتۇ ياپونىيىلىك.
كورىيەلىك سوراپتىكەن تەڭرى 200يىل دېگەن جاۋاپنى بېرىپتۇ. كورىيەلىكمۇ ياپونلۇققا ئوخشاش‹مەن كۆرەلمىگۈدەكمەن›دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ.
نۆۋەت جۇڭگۇلۇققا كېلىپ سورىشىغا تەڭرى يىغلاپ كېتىپتۇ
جۇڭگۇلۇق ھەيران بولۇپ، ھەي تەڭرىم ساڭا نېمە بولدى دېسە تەڭرى قوپۇپ:
-ئۇنى مەنمۇ كۆرەلمىگۈدەكمەن دېگۈدەك