مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5298|ئىنكاس: 42

ناماز ئوقۇش قائىدىلىرى توغرىسىدا ( ياردەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12913
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5074
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 04:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار:

مۇنبەرداشلىرىمىز ئارىسىدا دىنىي جەھەتتە خىلى ئىلمىي بار،ئۇقۇمۇشلۇق كىشىللىرىمىز كۆپ.پىقىر مەۋجۈدنىڭ كىچىكىنە بىر ئىھتىياجى بار ئىدى،ياردەم قىلغان بولساڭلار.
ياردەم مەزمۇنى:
بەش ۋاخ ناماز،ھىيىت نامىزى،مىيىت نامىزى،قازا ناماز،سەپەر نامىزى،تەراۋا نامىزى،جۈمە نامىزى قاتارلىق نامازلارنىڭ ئۇقۇلۇش ئۇسۇلى،قانداق ئايەتلەرنى ئوقۇيمىز،قانداق دۇرۇتلارنى ئۇقۇيمىز،قانچە رەكەت،سۇننەت قانچە رەكەت،پەرىزچۇ؟
مۇشۇ توغرىسىدا بىر ئېنىق ،ئۆلچەملىك،سىستىمىلىق،توغرا بىلىملەرگە ئىھتىياجلىقمەن.مەنلا ئەمەس بەلكى باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ ئىھتىياجى بارلىقىغا ئىشىنىمەن،شۇ سەۋەپلىك ئۇشبۇ ياردەمنى سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ساۋاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ بىرىدۇ.
تىما تەستىقلىغۇچىلارنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىپ مۇنۇ ياردەمنى تەستقلاپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈمەن.
ئەسكەرتىش:تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماڭ.مۇشۇ مەزمۇندىكى بىلىملەر بولسا قارشى ئالىمەن.

—مەۋجۇد

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8367
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 926 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناماز ئۇقۇش قائىدىللىرى دىگەن كىتاپنى ئېلىپ كۈرۈپ باقسىڭىز ياخشى بۇلاتتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1438
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3446 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . بۇ يەرگە كىرىڭ . اللە خالىسا سۇئالىڭىزغا جاۋاپ چىقىدۇ .http://www.oginish.com/bbs/forum ... lay&fid=122

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3511
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2671 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزگە بىلگىنىمچە ياردەم قىلىشنى خالايمەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ،مۇشۇ ھەقتە ئىزدەنگىنىڭىزنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن.
قارىسام ئۈستىدىكى تورداش ،بۇ ھەقتە سىزگە قايىل قىلارلىق جاۋابنىڭ نەق جايىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ،شۇنىڭدىن كۆرۈپ پايدىلانغايسىز.ئاللاھ قا ئامانەت!

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12913
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5074
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:46:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىھ خۇدا،بىز خەق نىمە بولاپ كەتتۇقكىن تاڭەي ھىچ بىلمىدىم.مەنبى تىمامنىڭكى ئاۋاتلىقىنى ئاشۇراي دىمىدىم. بىلمىگەننى بىلىۋالاي دىگەن مەخسەتتە ما تىمىنى يوللىسام ئاران ئۈچ ئىنكاس.
باشقاتىمىلاردا خۇدادىن ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان،ئىسلام دەيدىغانلارنىڭ  قارىسىمۇ يوق مەۋەدە...
زادى موللامنىڭ دىگىنى قىل، قىلغىنى قىلما دىگىنى توغرائىكەن.
چىن دىلىدىن ياردەم قىلىدىغانلار چىقشىنى تىلەيمەن.

—مەۋجۇد

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15567
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈمە نامىزى
جۈمە نامىزى ۋە ئۇنى ئادا قىلىش قائىدىلىرى
        سوئال: جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟
                جاۋاب: جۈمە نامىزى - ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدە پېشىن ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، كىشىلەر بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن«جۈمە» ئەسلىسى «جۇمۇئە» يەنى (توپلىنىش، جەم بولۇش) دەپ ئاتالغان.
        سوئال: جۈمە نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
                جاۋاب: جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پەرز ئەينىدۇر. ئۇنى كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن ئادا قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
        سوئال: جۈمە نامىزى پەرز بولىدىغان كىشىلەر كىملەر؟
                جاۋاب: جۈمە نامىزى تۆۋەندىكى 7 شەرت ھازىر بولغان كىشىگە پەرزدۇر:
                (1) ئەر بولۇش. ئاياللارغا جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس. ئەمما ئوقۇسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئۇلاردىن شۇ كۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ.
                (2) ھۆر بولۇش. ئەسىر ياكى سولاقتا بولغانلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
                (3) سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق. يولۇچىلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
                (4) ئەما (كور) بولماسلىق. كورلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
                (5) مېيىپ بولماسلىق. جىسمانىي مېيىپ كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.
                (6)كېسەل بولماسلىق. ماڭالمايدىغان ئېغىر بىمارلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
                (7) كۆڭلىدە دۈشمەن ۋەھىمىسى بولماسلىق. جۈمەگە بارسا ھاياتى تەھدىدكە ئۇچراش ئېھتىمالى بار كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.
                جۈمە نامىزى ئوقۇغان كىشىلەردىن شۇكۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ.
        سوئال: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟
                جاۋاب: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزى ئىككى بولۇپ، بىرى، جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، ئىككىنچىسى، نامازدىن بۇرۇن خۇتبە(ئىككى خۇتبە) ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇتبىنى ئاڭلاش پەرزدۇر.
خۇتبە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
        سوئال: خۇتبە دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: خۇتبە - ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتىش ۋە جامائەتكە ۋەز – نەسىھەت قىلىش دېمەكتۇر.
        سوئال: خۇتبىنىڭ شەرتلىرى نېمە؟
                جاۋاب: خۇتبىنىڭ ئادا تېپىشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
                (1) خۇتبە نامازدىن(جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىدىن) بۇرۇن ئوقۇلىشى.
                (2) خۇتبە خۇتبىنى نىيەت قىلغان ھالدا ئوقۇلىشى.
                (3) خۇتبىنىڭ پېشىن ۋاقتىدا ئوقۇلىشى.
                (4) خۇتبىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ تىڭشىشى.
                (5) خۇتبە بىلەن جۈمە نامىزىنىڭ ئارىسىدا يېيىش- ئىچىش ۋە يويۇنۇشقا ئوخشاش، نامازنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى شەرتتۇر.
        سوئال: خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇش شەرتمۇ؟
                جاۋاب: خۇتبىنى ئەرەب تىلىدا ئوقۇش شەرت ئەمەس. ئۇنى ئەرەبچە ئوقۇشقا بولغىنىدەك، ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا ئوقۇسا ياخشى. ھەمدۇسانا (ئاللاھنى مۇدھىيىلەش) بىلەن دۇرۇد(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇلىدىغان دۇئا) ئىككىسىنى ئەرەب تىلىدا ئېيتسىمۇ، خۇتبىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى جامائەتنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
جۈمە كۇنىدىكى سۈننەت ئەمەللەر
        سوئال: جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار قايىسلار؟
                جاۋاب: جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
                (1) جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىش، ئۆزىگە ھەم كىيىملىرىگە خۇشبۇيلارنى چېچىش ۋە چىرايلىق كىيىنىپ بېرىش. غۇسلى قىلىش ۋاقتى جۈمە كۈنى سەھەردىن جۈمە ۋاقتىغىچە بولۇپ، غۇسلىنى كېچىكتۈرۈپ، جۈمە نامىزىغا بېرىش ئالدىدا قىلىش ئەۋزەلدۇر.
                (2) جۈمە كۈنلۈكتە جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەت نامىزى ئوقۇش پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. ئەمما جۈمەنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. ساھابىلارنىڭ ئولىمالىرىدىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ جۈمە كۈنلۈكتە جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى 4 رەكئەت، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن 4رەكئەت، جەمى 8 رەكئەت سۈننەت ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.( ) ھەنەفى مەزھىبىدە بۇ ھەدىسقا كۆرە ئىش كۆرۈلمەكتە.
                (3) جۈمە كۈنلۈكتە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش.
                (4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇد ئېيتىش.
        سوئال: جۈمە كۈنىدە ھارام بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
                جاۋاب: جۈمە كۈنىدە قىلىش ھارام بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
                (1) جۈمە نامىزى ئوقۇش شەرتىگە توشقان شەھەر، يېزا ۋە مەھەللىدە پېشىن نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش. بۇ جۈمە كۈنىدىكى جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن توپلىنىشتىن ئىبارەت ئىسلامىي ئەنئەنىگە قارشى ھەرىكەت سانىلىدۇ.
                (2) جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش.
                (3) مەسجىدتە بىراۋنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋېتىپ ئۆزى ئولتۇرۇش. چۈنكى مەسجىدلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگەنلەر بىر – بىرىدىن ئىلىم، مەنسەپ، مەرتىۋە، بايلىق ۋە باشقا تەرەپلەردىن قانچىلىك پەرقلىق بولۇپ كەتسۇن، ھەممىسى بۇ جايدا ئوخشاشتۇر.
                (4) مەسجىدتە ئىمامدىن باشقىلارنىڭ جامائەتنىڭ بوينىدىن ياكى مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى.
جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى
        سوئال: جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى قانداق؟
                جاۋاب: جۈمەنىڭ پەرزى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن مۇھىم ۋە ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھىنىڭ باشقا پەرز نامازلاردىن بىرەرسىنى تەرك ئەتكەنلىكنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر ۋە قاتتىق بولىدىغانلىقى تەبىئىيدۇر.
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... 5%D9%89%D8%B2%D9%89

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15567
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەراۋىھ نامىزى
        سوئال: تەراۋىھ نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى - رامىزان ئېيىدا ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان مەخسۇس نامازدۇر.
        سوئال: تەراۋىھ نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. خۇپتەندىن بۇرۇن ئوقۇلسا تەراۋىھ ھېسابلانمايدۇ.
        سوئال: تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكئەت؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى 20 رەكئەتتۇر.
        سوئال: تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
                جاۋاب: رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر.
        سوئال: تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش شەرتمۇ؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەۋزەل. ئەمما يالغۇز ئوقۇسىمۇ ئادا تاپىدۇ. ئەمما بۇ نامازنى بىر مەھەللىدە ھېچكىم جامائەت بولۇپ ئوقۇمىسا، شۇ مەھەللە جامائەتلىرىنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا جامائەت بولۇپ ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر.( )
تەراۋىھ نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
        سوئال: تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ.
        سوئال: رامىزاندىكى تەراۋىھ نامىزى جەريانىدا قۇرئاننى خەتمە قىلىش شەرتمۇ؟
                جاۋاب: بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش شەرت ئەمەس، ئەمما ساۋاب ناھايىتى كۆپ بولغان بەكمۇ ئەھمىيەتلىك سۈننەت ئەمەللىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئىنتايىن كۆپ مەشغۇل بولغان. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرمەيدىغان يېنىكرەك ئوقۇش ياخشىدۇر.
        سوئال: رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيالمىغان ياكى كەم ئوقۇغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كېلەمدۇ؟
                جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا ئوقۇيالمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سۈننەت ئەمەل. سۈننەتنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.
        سوئال: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولىشى دۇرۇسمۇ؟
                جاۋاب: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشى توغرۇلۇق ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى دۇرۇس ئەمەس دېگەن قاراشتا بولسا، كۆپ سانلىقى دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن. دۇرۇس دېگۈچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى)غا ئىمام بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. ئەمما پەرز نامازلاردا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى بىرلىككە كەلگەن
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... ;amp;extra=page%3D1

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15567
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بامدات نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناماز ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز ۋە « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز. ئالقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز. (ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالقانلىرىنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ).
                تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن قوللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ قول باغلاپ تۇرىمىز، يەنى ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە چىمىلتاق بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بېغىشىنى تۇتىمىز. ( ئاياللار قىيامدا تۇرغاندا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ، پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىـــدۇ).
                ئەر ۋە ئايال ھەرقانداق كىشى قىيامدا تۇرغاندا كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ - سولغا ياكى يوقىرى - تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش گەۋدە ئوڭ - سولغا تەۋرەنمەستىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
                تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز: « سُبْحَانَكَ الَّلهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَ اِلَهَ غَيْرُكُ» (سذبهانةكةللاهىممة ؤةبعهةمدعكة ؤة تةبارةكةسمذكة ؤةتةظةلا جةددذكة ؤةلا ظعلاهة غةيرذك (سۇبھانەكەللاھۈممە ۋەبىھەمدىكە ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»، ئاندىن﴿أعُوذ بِالله مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ﴾ (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم) ۋە ﴿ بِسْمِ الله الرَّحْمنِ الرَّحِيْمِ﴾ (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم)دەيمىز.
                ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز.
        فاتىھە سۈرىسى: ﴿الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ ● الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ ● مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ● إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ● اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ ● صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ ئوقۇلىشى:«ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس ـ سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين»ئامىين!
                فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز، مەسىلەن: مائۇن سۈرىسى: ﴿أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ ● فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ ● وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ ● فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ ● الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ ● الَّذِينَ هُمْ يُرَاؤُونَ ● وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾ئوقۇلىشى:«ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن. ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋەيەمنەئۇنەل مائۇۇن».
                ئۇنىڭدىن كېيىن« اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا، ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز.
        ئاياللار يېرىم ئېگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ. بارماقلىرىنى ئاچمايدۇ.
                رۇكۇدا ئۈچ قېتىم « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْم » (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيمىز.
        رۇكۇدىن تۇرۇشتا« سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ تۇرىمىز. رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىن كېيىن، قوللرىمىزنى يان تەرەپلىرىمىزگە قويۇپ بەرگەن ھالدا، تۈز تۇرۇپ « رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ » ( رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز.
                ئاندىن « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋال تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پېشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، ئىككى يوتا قورسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيدۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر - بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ. (ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرىنى بېقىنىغا، تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپلاپ تۇرىدۇ).
                سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ» (سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز ۋە «الله اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)»دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز. سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋال يۈز، ئاندىن قوللار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ. ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە«سُبْحَاَن الله»( سۇبھانەللاھ) دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا« رَبِّ اغْفِرْلِي، رَبِّ اغْفِرْلِي» ( رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي)دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيتتى). ئاندىن قايتا «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر بىلەن يەنە سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ »(سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.
                ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باشلايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە»بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم«نى ئوقۇيمىز. ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقوپ بولۇپ،«ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىر ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن: كەۋسەر سۈرىسى﴿ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَر.َ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ. إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ﴾ ئوقۇلىشى: «ئىننا ئەئتەينا كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر».
                ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ بولۇپ، «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.
        نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ. (ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ.
                ئولتۇرغاندا ئاۋۋال تەھىيات«ئەتتەھىياتۇ»دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.
                تەھىيات دۇئاسى:
                ﴿اَلتَّحِيّاتُ لِلّهِ وَالصَلَوَاتُ والطيِّباتُ،  السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّها النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبرَكَاتهُ، السَّلَامَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَالِحِيَن أَشْهَدُ أنْ لاَ إلٰهَ إلاّ اللهُ، وأشهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ﴾.
                 ئوقۇلىشى:« ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس - سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ».
                تەرجىمىسى: «جىمى مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر، ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن».
                ئاندىن كېيىن، «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك رەببەنا»لار ئوقۇلىدۇ:
                ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى
                ﴿اَلَّلهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إبرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ﴾.
                 ئوقۇلىشى:«ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
                تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
                ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى:
                ﴿اَلَّلهُمَّ بَارِكَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبرَاهِيمَ وَعَلَى آل إبراَهِيْمَ إنَّك َحَمِيدٌ مجَيِدٌ﴾.
                 ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».
                تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
                رەببەنا دۇئاسى:
                ﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾.
                ئوقۇلىشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار».
                تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
                يۇقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ) دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمە تۇللاھ ) دەپ سالام بېرىمىز.  بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.
        سوئال: بامدات نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلىشىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلىشىغا ئوخشاشتۇر. پەقەت نىيەت پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە سۈننەت، پەرزگە پەرز دەپ نىيەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر پەرقى شۇكى، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇش ئالدىدا ئەرلەر ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. (ئاياللارغا كېرەك ئەمەس). بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم»دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... ;amp;extra=page%3D1

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15567
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىشىن نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: پىشىننىڭ ئاۋۋالقى سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال پىشىننىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئولتۇرىمىز. ئولتۇرغاندا، «تەھىيات»دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەرنىمۇ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتكە ئوخشاش شەكىلدە ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرىمىز. بۇ ئولتۇرۇشتا «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا»لارنى تولۇق ئوقۇيمىز. ئاندىن ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىمىز.
        سوئال: پىشىننىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن پىشىننىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز ۋە «الله أكبر (ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ نامازغا باشلايمىز. دەسلەپكى ئىككى رەكئەت خۇددى بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش ئوقۇلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرىمىز. ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز ۋە ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەردە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئوقۇمايمىز. تۆتىنچى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرۇپ «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا» لارنى ئوقۇيمىز ۋە ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز.
        سوئال: پىشىننىڭ ئاخىرقى سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال پىشىننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... ;amp;extra=page%3D1

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15567
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىر نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بۇ سۈننەتنى خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ ئالدىنقى تۆت رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
        سوئال: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن، ئۇنى خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
شام نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: شام نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، شام نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. شام نامىزىنىڭ پەرزى ئۈچ رەكئەت بولۇپ، ئۇ، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرىلىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات»دۇئاسىنىلا ئوقۇپ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا»لارنى ئوقۇپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز.
        سوئال: شام نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال شام نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى نىيەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.
        سوئال: خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى، خۇددى پىشن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇغانغا ئوخشاش ئوقۇيمىز.
خۇپتەن نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلىشى
        سوئال: ۋىتىر نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
                جاۋاب: ۋىتىر نامىزى–تاق ناماز دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاخشىمى ئوقۇلىدىغان ئۈچ رەكئەتلىك نامازدۇر. ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئۇ، خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر نامىزى ئادەتتە جامائەت بولماي يالغۇز ھالدا ئوقۇلىدۇ. رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر نامىزى رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا جامائەت بولۇپ ئوقۇش مەكرۇھتۇر.
        سوئال: ۋىتىر نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
                جاۋاب: ئاۋۋال ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرىمىز. بۇ ئولتۇرۇشتا «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتتە بىسمىللاھنى تولۇق ئوقۇپ، سۈرە فاتىھە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇپ بولۇپ، قوللارنى ئىككى يانغا قويۇپ بەرگەن ھالدا، « اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ قولىمىزنى قولاق ئېگىزلىكىدە يوقىرى كۆتۈرىمىز. ئاندىن قوللارنى قايتىدىن كىندىك ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ،«قۇنۇت» دۇئاسىنى ئوقۇيمىز.
                قۇنۇت دۇئاسى:
                ﴿اَلَّلهُمَّ اِنّاَ نَسْتَعِيْنُكَ  وَنَسْتَغْفِرُكَ وَنُؤْمِنُ بِكَ وَ نَتَوَكَّلُ عَلَيْكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ نَشْكُرُكَ وَلاَ نَكْفُرُكَ  وَنَخْلَعُ مَنْ  يَفْجُرُكَ. اَلَّلهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ نَرْجُوْ رَحْمَتَكَ وَنَخْشََى عَذَابَكَ اِنَّ عَذاَبَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ﴾.
                 ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە ئىننا نەستەئىينۇكە ۋە نەستەغفىرۇكە ۋە نۇئمىنۇ بىكە ۋە نەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە ۋە نۇسنى ئەلەيكەل خەيرە، نەشكۇرۇكە ۋەلا نەكفۇرۇكە ۋە نەخلەئۇ مەن يەفجۇرۇكە. ئاللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇسەللى ۋە نەسجۇدۇ ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ نەرجۇ رەھمەتەكە ۋە نەخشا ئەزابەكە، ئىننە ئەزابەكە بىل كۇففارى مۇلھىق».
                تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ياردەم سورايمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىشىنىمىز، ساڭا تەۋەككۇل قىلىمىز، سېنى ياخشى تەرىپلەر بىلەن مەدھىيىلەيمىز، ساڭا شۈكۈر قىلىمىز، ناشۈكۈرلۈك قىلمايمىز ۋە ساڭا ئاسىيلىق قىلغاندىن يۈز ئۆرۈيمىز. ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمىز ۋە ئازابىڭدىن قورقىمىز. ھەقىقەتەن سېنىڭ ئازابىڭ كۇففارلارغا يەتكۈچىدۇر».
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... ;amp;extra=page%3D1

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش