ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت .tuz. كە 2011-08-06 01:43 PMئەۋەتىلدى :
ناۋادا ھاۋا گۈلدۈرلەپ قاتتىق ئاۋاز چىقىپ شۇ سەۋەبلىك قۇلقى ئىتىلىپ قالسىچۇ ؟! ئاشۇنداق ئەھۋال ھەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . ناۋادا سىزدەك - مەندەك پۇخرالار يولدا كىتۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى ئىتىلىپ كەتتى دەيلى ،شۇ يەردە بەش - ئالتە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم بولىشى مۈمكىن . مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قاتناش ۋەقە بۆلىمىگە خەۋەر قىلىپ ، شوپۇرنىڭ بىزنى داۋالىتىش ھەم ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتى بار دەپ تۇرۋالسا بولامدۇ ؟! قىنى سىزدىن سوراپ باقاي ، ئاشۇ چاق ئىتىلىش ھادىسىسى تەبى ھادىسىگە كىردۇ . ھىچقانداق قەستەنلىك يوق ، شۇنداققۇ ؟! ھەجىبا ئاۋۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ ئادىمىلىك نۇقتىستىن بولسىمۇ بولدى قىلىشى كىرەكتىغۇ ؟!
شوپۇر بولۇش كۈندىن - كۈنگە تەسلىشىدىكەندە ....................................
تۇز ئەپەندىم ئالدى بىلەن مۇنداق كېلىشمەسلىك بىزگە نىسىپ بولمىسۇن.
تىمىڭىزدىكى ۋەقە بويىچە ئالغاندا ساقچى ئۇششۇقلۇق قىلمىغان.بۇ يەردىكى مەسىلى سەۋەپ نەتىنجە مۇناسىۋىتى.
سىزگە بىر ھەقىقى ۋەقەنى سوزلەپ بېرەي بۇ ئەنزە ماتىريالىنى مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ قانۇن قانىلىدا بەرگەن. بىر موماي يولنىڭ قىرىدا كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز ئۇلۇپ قالىدۇ،موماينىڭ بالىسى كوچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كۆزگە چۈشۈپ قالغان سورەتتىنمۇ ھىچنىمىنى بايقىمايدۇ پەقەت بىر كىچىك ماشىنىنىڭ موماي يىقىلغان چاغدا يولدىن تىز ئوتۈپ كەتكەن كۈرۈنۈشىدىن باشقا ھىچقانداق ئالامەت يوق،ئۈستىدىن بىرنەرسە بېشىغا چۈشتى دىسەڭ ئۇ يەر ئۇچۇقچۇچۇق.بىرسى سوقۇۋەتتى دىسەك ھىچكىم مومايغا يېقىنلاشمىغان...
پوس كاللىسىنى دەي: تىز كېتىپ بارغان ماشىنا موماينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە قۇرۇق بىر مىنرال سۇ قۇتىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن،گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن موماي يىقىلغان ...سىزنىڭچە بۇ ئۇششۇقلۇقمۇ؟ نوچى ماشىنا شوپۇرى موماينىڭ ئۈلۈم تۆلىمىنى ئۈستىگە ئالدى.نەچچە تۈمەن پۇل خەجلەپ قۇتۇلدى... ئىنكاسلارنى كۈرۈپ بۇ ۋەقەنى بايان قىلغۇم كەلدى...تىمىغا كوچەيلى...ئەمدى قانداق قارايسىز؟
يېقىندا بىرسى تارىم دەرياسىغا چۈشۈپ ئۈلۈپ كېتىپتۇ...يېقىندا سوتقا ئەرز قىلارمىش مەسىلە نىمە دىسە تارىم دەرياسىنىڭ قىرغىغىغا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىيىنى ئورناتماپتۇ... بۇنىڭغا قانداق قارايسىز...
پوس كاللىسى ھاياجانلىنىپ كەتمەي قانۇن بويىچە ئىش قىلايلى،قانۇن بىلىملىرىنىمۇ كۈرۈپ قويايلى،قانۇن گېزىتىنىڭ رەڭلىك بېتىگە ئېسىلىپ قالماي رەڭسىز بېتىنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭ،بىر كۈنلەردە ئەسقېتىپ قالىدۇ...