ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت delhux-bodak كە 2011-08-08 10:46 PMئەۋەتىلدى :
باشتا ئەمگەك سۇغۇرتا ئىدارىسىغا بىرىپ مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن،ئىگىلىك تىكلەي دىگەنتىم،ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەنلەر گە ئۆسۈمسىز ئىگىلىك تىكلەش قەرىز پۇلى بىرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئاڭلىغان دىسىڭىز سىزگە ئىگىلىك تىكلەش پىلانى دىگەن قەغەزبىرىدۇ شۇنى تولدۇرۇپ .سىزگەتۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىن ئىسپات ئەكىلىڭ دەيدۇ،ھەممە نەرسە تەل بولغاندا بانكا بىلەن كۆرشىسىز تونۇش بولسا 3كۇن بولمىسا 3 ئايدا ئالالايسىز. بۇئۆسۇمسىز قەرىز بىرىش ھەممەيەردە ئوخشاش ئىلىپ بىرىلىدۇ
بۇنىڭغا تونۇش ئىزدەش كەتمەيدۇ ، ھەر قايسى ناھىيە ، شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانى بولىدۇ ، ئەگەر سىز شۇ يىللىق پىلانغا ئۈگىرەلىسىڭىز شۇ پىلان بويىچە ، ئۈلگىرەلمىسىڭىز كىلەر يىللىق پىلانغا قالىسىز ، ھەم بۇ خىل قەرز پۇل شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا بانكا بىلەن ئالاقىلاشمايدۇ ، شۇ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پىلاننى تۈركۈملەپ ئورۇندايدۇ ، ئاز بولغاندا 3 كۆپ بولغاندا 10 نەچچە ئادەمنى بىر ئەكىلىپ شۇ بانكا بىلەن توختاملىشىپ ، ئاندىن بىجىرىدۇ . شۇڭا تونۇش بولسا ئۈچ كۈن ، تونۇش بولمىسا 3 ئايدىن جىق ۋاقىت كىتىدۇ دىگەن گەپ بۇ قاملاشمىدى .
يىغىپ ئېيتقاندا مۇشۇ ىىلدىكى قەرز پۇلغا ئىھتىياجى بارلار شۇ شەھەر ياكى ناھىيلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، شۇلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى قەرز پۇل بىرىشىگە كىتەرلىك رەسمىيەتلەر بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ .