ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 83قەۋەت This.is.It كە 2011-08-14 01:42 PMئەۋەتىلدى 81قەۋەتتىكى(hekmat-uyghur) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
نېنى كىچىك ناۋاي بەك توۋلايدۇ ...قېرىندىشىم ... ئۇنداق ئادەملەرنى تولا كۆرگەن ... مۇنبەرگە كىرسە موللا ئىشان بولۋالدىغان ئەخلاقشۇناس بۇلىۋالدىغان ئادەمنى بىز تولا كۆرگەن ... ئۇنداقلارنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغىنى مۇنبەردە ئۆزىنى كۆرسىتىش ...ماڭا قاراڭ قېرىندىشىم ... سىز ئانا تىلىڭىزنى راۋان سۆزلىيەلىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى سۆزلىيەلمەيدىغان قېرىنداشلىرىڭىزغا ئۆگىتىڭ بۇ يەردە ئانا تىلنى بىلدىغىنىڭزنى پاش قىلماڭ ..ئۇنى بۇ مۇنبەردە ھەممە ئادەم بىلىدۇ .......... يەنە بىرگەپ بىراۋنىڭ كەمچىلكىنى كۆرسىتىش ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ ئىشى ...ئەمما ئۇنىڭ تىللاپ رەسۋا قىلىپ بۇ مۇنبەردە يوق ئادەمگە يەنە كىلىپ بۇ مۇنبەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئادەمنى بۇ يەردە ئۇنى بۇنى دىيىش مىنىڭچە ئەخلاققا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ دەيمەن ... ئەگەر سىز ئۆزىڭىز نى ئەخلاقلىق دىسىڭىز ئەسقەر ھازىر ئۈرۈمچىدە بۇلىشى مۇمكىن ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى تاپامسىز ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ دەمسىز ئۆزىگە تەربىيە قىلىڭ ..بۇ يەردە كىشىنىڭ ئىزىتىگە ياتىدىغان ئىنكاسنى يازماڭ .... يەنە بىر گەپ خالىسىڭىز سىزمۇ ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان بىرەر ئىش توغۇرلۇق تىما يوللاڭ ... بىزمۇ ئىنكاس بىرىپ باقايلى ... نەچچە ۋاقتتىن بىرى ئنكاس يازماي ئولتادىم .... بۇگۇن قارىسام قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەر پەيدا بوپ قاپتۇ ... قېرىنداشلار ھەممەيلەن يۈرەكى سىلاپ بېقىپ ئىنكاس يازايلى ...بۇ مۇنبەردە ئۆزىمىزنى ھېلى سوپىغا ھېلى موللىغا ھېلى پەيلاسوپ شائىر جامائەت ئەربابىغا ئوخشىتىۋالمايلى كىمنىڭ قانداقلىقى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىدۇ خەققە باھا بىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز قانچىلىك مەن نىمىش قىلالىدىم دەپ ئويلاپ قۇيايلى ...مەن بۇ تىمىدا ئەسقەر مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتتى دەپمۇ يوللىمىدىم مەن ئۇنداق گەپ قىپ باقمىدىم ماڭا ئىنتايىن ئېنىق مىللەتنى ناخشىچى بىلەن تۇنۇتقىلى بۇلمايدۇ مىللەتنى تۇنۇتۇش ئۇ كىچىك ئىش ئەمەس بەك چوڭ ئىش ئەمما بۇ ھازىرقى مۇنبەرلىرىمىزدە ئاسانلا ئېغىزدىن چىقىپ كىتىدىغان ھادىسىگە ئايلاندى ئەمما بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىش كىرەك چۈنكى بىز ھەممىز مىلىتىمىزنى سۆيىمىز ھەم مىلىتىمىزنىڭ دۇنياغا تۇنۇلىشىنى بەك ئۈمىت قىلىمىز شۇڭا توردا مەتبۇئاتلاردا بىرەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ياخشىراق نەتىجە قازانسا بىز ئۇنىڭغا ئالقىشلاپ شۇنداق ئىنكاسلارنى بېرىمىز ئەمما بىر مىللەتنىڭ تۇنۇلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى،، پەن تېخنىكىسى دىگەندەك نۇرغۇن ئامىللار بىلەن بۇلىدىغان ئىش .... ئەمدى ئەسقەركامغا كەلسەك ماڭا پەقەت ئۇنىڭ مۇزىكىسى ھەم مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى بولسا بولدى ...مەن قانداقتۇر بىر ناخشىچى مىللەتنى تۇنۇتىدۇ دىگەن قاراشنى كاللامغا كەلتۇرمەيمەن ...مەن پەقەت ئۆزەم ئامراق ناخشىچىنىڭ ئۇيۇنلىرىنى ئەسقەرنىڭ مەستانىلىرى بىلەن بىللە ئاڭلايلى دەپ يوللىدىم ... ھەم بىز ئەسقەر مەستانىلىرى بىز ئۇنىڭ ناخشىسىغا ئامراق ئەمما بىز ئۇنىڭغا چۇقۇنمايمىز ... سىزنىڭ قانداقتۇر ‹‹ئاشۇ ئىلاھىڭلارغا ئېيتىڭلار ››دىگەن سۆزىڭىز ماڭا خۇددى ھەزرىتى يۇسۇف پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ئامون ئىبادەتخانىسنىڭ كائىنلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندەك تۇيغۇ بەردى ھەم ئىنتايىن قاتتىق چۈچۈدۈم ...قېرىندىشىم ... بىز ئەسقەر گە چۇقۇنىمىز دىمىسەكمۇ سىزنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك بىلەن شۇ بىر گەپنى دىيىشىڭىز نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ ؟؟؟ توغرا سىز دىگەندەك ئۇنىڭ شۇنداق بىر قانچە سەۋەنلىكلىرى بار ،،، ئەمما مىنىڭ مۇزىكا قارىشىمچە ئۇنىڭ مۇزىكىسى مىللى مۇزىكىنى بىر قەدەر ئاساس قىلىدۇ ...مەيلى ئۇ قايەردە نىمە چالسۇن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ ئېلمىنتلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ .. ئۇ ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئۇيغۇرچە پۇراق يەنى كىلىپ يەرلىك مىللىيچە پۇراق بەك كۈشلۈك ،،،ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان خېلى ئاتاقلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ناخشىسىدا ئۆزبەكچە تۈرۈكچە ئېلمىنتتىن باشقىنى تاپقىلى بولماس ھالەتكە يىتەي دىدى ... يەنە كىلىپ ئەسقەر ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكلىرىنىڭ ھەرقاندىغا نەق مەيدان ئۇرۇنلايدۇ ئىشەنمىگۈچىلەر بولسا ئۇنىڭ كېچىلىكىگە مەرھەمەت قىلسۇن ...ئەمما بىزنىڭ بۇيەردىكى چولپانلىرىمىزچۇ نەق مەيدان ئېيتمايدۇ مۇزىكىرى ھەم نەق مەيدان ئۇرۇنلانمايدۇ پەقەت قىلالايدىغىنى نەق مەيدان سۆرەتكە ئالالايدۇ ئۇيۇننىڭ تەشۋىقات ئېلاندىمۇ شۇنداق ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ شۇغۇ ئۇلارنىڭ ئۇيۇنىمىز نەق مەيدان سۆرەتكە ئېلىنىدۇ ..نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق نىمىدىگەن كۈلكىلىك ...ھەققى سەنئەتكار بولسا نەق مەيدان ئيتسا بولمامدۇ ..ئۇلار دەل شۇنىڭدىن نېنى تېپىپ يەيدۇ ئۆزىگە نان بىرىۋاتقان ئىشنى يالغان قىلسا بۇلامدۇ ..خەلىقنى ئالدىسا بۇلامدۇ .... بولدى بەس قاخشىماي مەندەك بىر ئاددى ئادەمنىڭ بۇ يەردە قاخشىشى بىكار ... ھېكمەت قېرىندىشىم كۆڭلىڭىزگە تەگكىدەك گەپ بولسا سىزدىن چن كۆڭلۈمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن ....
نېنى يوغان ناۋاينىڭ نېنىمۇ كۆرىۋاتىمىز،خېمىرىنى كۆپتۈرۈپ،ئۈستىنى مايلاپ بازارغا سالغان بىلەن تەنگە قانچىلىك قۇۋۋەت قىلىۋاتقىنىنى،نۆۋەتتە ئاشۇنداق بىرقىسىم ياۋروپا پەرەسلەرنىڭ تەسىرىدە مىللىتىمىز گە يالىڭاچ مەدەنىيەتنىڭ ئۇرۇغى چېچىلپ،ئانا تىلىمىز شالغۇتلىشىپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە ئانا تىلىنى بىلىش ۋە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى چوڭ بىر ئىش بولۇپ قالغىلى تۇردى،باشقىلار تودرىن چۈشسە نىمە بولسۇن ئىشقىلىپ كۈندە نەچچە مىڭ ئادەم زىيارەت قىلىدىغان بۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى مۇنبەردە ئەخلاقنى،ھايانى،مىللى ئەنئەنە ۋە دىننى پەزىلەت،يېڭى بىلىم ۋە ئىلىم -پەن تېخنىكىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ھېلىقىدەك بېلىنى تولغاپ ئۇزۇن چاچلىرىنى بۈدرە قىلىپ يۈرۈيدىغان يىگىتلەر ۋە شەرمى ھاياسىز يېرىم يالىڭاچ قىزلار ھەدەپ تەرەققى قىلدۇرىۋاتقان چەلگەش سەنئەتنى تۇنۇشتۇرۇشتىن كۆپ ياخشى دەپ قارايمەن،ئاكىڭىزنىڭ ناخشىلىرىدا مىللى پۇراقنىڭ بارلىغىنى مەنمۇ بىلىمەن،بىراق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرىنىمۇ ئوخشاشلا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ،ئۇنىڭ ناخشا پۇرىقى بىلەن سەھنە پۇرىقى ماس كەلمىگەن ئادەمنىڭ مىللى غۇرۇرى قانچىلىكتۇ؟ۋۇجۇدى روكلىشىپ.جازلىشىپ،ياۋرۇپالىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى داڭلاش ئەركىنلىگى بولسا ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئۇنىڭ ھېلىقىدەك مىللەتتىن ياتلاشقان،چاكىنا،پاھىشىۋى سەھنە ھالەتلىرىنى ئەيىپلەش ئەركىنلىگى بار، بىلىپ قېلىڭ گەپتىن قورقىدىغان ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزىگە گەپ كېلىپ قالىدىغان ئىشنى قىلماسلىغى كېرەك،بەك چۆچۈپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇسىزگە كائىنلاردەك تۇيغۇ بېرىپ قويغان بولسام سىزمۇ ماڭا لەدي گاگا نىڭ مەستانىلىرىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويدىڭىز.ياتنىڭ فېلامىنكو،روك،جاز سەنئىتىدە تەرەققى قىلغان روك مۇزىكانتىغا مەستانە بولۇش ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان بىر ئۇيغۇر غا ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ئويلىنىپ بېقىڭ.
بىزنىڭ ئەسقەرگە پىكىرىمىز بولسا ئۇنڭغا تېلفۇن بېرىپ دېيىش كىرەك بولسا،سىزنىڭمۇ ئەسقەرگە تىزغان گۈلدەستىلىرىڭىز بولسا پوچتا ئارقىلىق ئىۋەتىپ بەرمەمسىز؟ .مەيلى ئۇ نەق مەيدان ئېيتسۇن ياكى مىللى پۇراقتا ئېيتسۇن تۆۋەندە ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىش ۋە ئامراقلىغى ئاساسىدا سەھنە ھالىتى ۋە يۈرۈش تۇرۇشىدىن تەسىرلىنىپ تەربىيلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، دېمىسىمۇ ھازىر ئۆزىچە ئاغزىدا ئاللاھ،مىللەت،ئەخلاق دەپ شۇئار توۋلاپ ، يەنە بىر تەرەپتىن خەقنىڭ يىلاندەك تولغۇنۇپ،يېرىم يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناپ،نەچچەمىڭ تاماشىبىننىڭ ئالدىدا يات جىنىس بىلەن سۆيۈشىدىغان شەيتانىزىم سەنئىتىگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مەستانە بولۇپ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ئادەممۇ مەينەت ۋىروستەك ئاينىپ كېتىۋاتىدۇ.
قېرىندىشىم،ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە ‹‹غەيۋەت››،‹‹رەسۋا ›› قىلىشمىساق ئوبدان بولاتتى ،بىراق خەق شۇنداق ئېغىزغا چىقىپ قالغاندىكىن ئامال يوق،بەزىدە ئاشۇندا مىللىتىمىز بېغىدىكى ھارام شاخ ۋە پۇتاقلارنى ‹‹غاجاپ›› ۋە ‹‹پۇتاپ›› قويمىساق كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ يەيدىغىنى قاقشال دەرەختىكى يىگىلەپ كەتكەن ئەتسىز مىۋە بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.شۇڭا گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا خاپا بولمىغايسىز..
مىللەتنى ياتنىڭ كۆزى ئەمەس بەلكى ئەۋلاتلارنىڭ سۆزى بويىچە سۆيەيلى.
سالامەت بولۇڭ.......