مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gherip

رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7682
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5527
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 12:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاراۋىھ نامىزىنى بىدئەت دىگەن ئادەمنىڭ ئاغىزىغا تىقىۋەتسەم دەيمەن..

مۇھەببەت ھەم ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 4332 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 12:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن .

كىشلەرنىمە كويدا

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4253
تۆھپە نۇمۇرى: 1291
توردا: 1105 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 08:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن رھمەت

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221161
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11549 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 07:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت  mayliti كە 2011-08-12 12:29 PMئەۋەتىلدى  :
بەزىلەر8رەكەت ئوقۇيدىكەن. بەزىلەر 20 رەكەت ئۇقۇيدىكەن. زادى قايسىسى توغرىدۇ؟ مەلۇمات بەرسەڭلار.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېچىلىك ناماز توغرۇلۇق سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ، ئەگەر بىرىڭلار بامداتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن قورقسا، ئاخىرىدا بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ، ئۇ ئوقۇغان نامازلىرىنى تاق ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 990-ھەدىس)



بۇ ھەدىستە كېچىدىكى نامازنىڭ رەكئەت سانىنى بېكىتمىگەن بولۇپ، قانچە رەكئەت ئوقۇشنى كىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويغان  .



رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئەڭ توغرا چۈشەنگەن ساھابە ۋە تابىئىيلاردىن تەركىب تاپقان سەلەپلىرىمىز شۇنداقلا مەشھۇر ئىماملار تەراۋىھ تامىزىنى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ قانچە رەكئەت ئوقۇشتا ئوخشاش قاراشتا بولمىغان. بەزىلەر 41 رەكئەت، بەزىلەر 39 رەكئەت، بەزىلەر 23 رەكئەت، بەزىلەر 13 رەكئەت، يەنە بەزىلەر 11 رەكئەت ئوقۇلىدۇ، دەپ قارىغان  .



ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىغا قاراپ باقايلى:



ئابدۇراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رامىزاندىكى كېچىلىك نامىزى قانداقتى؟ دەپ سورىۋىدى، ئائىشە مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ رامىزاندا بولسۇن، باشقا چاغلاردا بولسۇن ئون بىر رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى، ئالدى بىلەن تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، سەن ئۇ نامازنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىدىن سورىمايلا قوي، ئاندىن يەنە تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، بۇ نامازنىڭمۇ مۇكەممەللىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىدىن سورىمايلا قوي، ئاندىن (بىر ئاز ئۇخلىۋېتىپ) ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى. مەن: يارەسۇلەللاھ! ۋىتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟ دېسەم، ئۇ ماڭا: «مېنىڭ ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى: 3569-ھەدىس. مۇسلىم: 738-ھەدىس)



ئىمام بۇخارى سەھىھىدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىلىك نامىزىنىڭ قانداقلىقى ۋە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدە نەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا دېگەن بابتا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:



ئەبۇ ھەمزە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدىكى نامىزى ئون ئۈچ رەكئەت ئىدى.(1138-ھەدىس)



مەسرۇق رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىلىك نامىزى توغرۇلۇق سورسام، ئۇ: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا يەتتە، توققۇز ۋە ئون بىر رەكئەت ئوقۇيتتى، دېدى.( 1139-ھەدىس)



قاسىم ئىبنى مۇھەممەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىمۇ بار.( 1140-ھەدىس)



ئەمدى ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ زامانىدا قانچە رەكئەت ئوقۇلغانلىقىغا قاراپ باقايلى:



سائىب ئىبنى يەزىيد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزاندا جامائەتنى ئۇبەي ئىبنى كەئب بىلەن تەمىيم ئەددارىي ئىككەيلەننىڭ ئىماملىقىدا يىگىرمە بىر رەكئەت ئوقۇشقا تۇپلىغان. ئۇلار يۈز ئايەتتىن ئوقۇپ تاڭ ئاتاغا يېقىن قايتىشاتتى.(مۇسەننەفى ئابدۇرراززاق 4/260-بەت 7730-نومۇر)



بەزى رىۋايەتلەردە يىگىرمە ئۈچ رەكئەت دەپ كەلگەن بولۇپ بۇ ۋىتىرنىڭ ئاز كۆپلىكىگە باغلىق. بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلگەندۇر  .



ئابدۇل ئەزىز ئىبنى رۇفەيئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزادا مەدىنىدە جامائەتكە ئىمام بولۇپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى.(مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 2/163-بەت 7684-نومۇر)



ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنى رامىزاندا جامائەتكە ئىمام بولۇپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرۇغان. (مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 2/163-بەت 7681-نومۇر)



ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ساھابىلار تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان. ئۇلار سۈننەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار ئىدى. بۇ شۇ چاغدىكى ساھابە ۋە تابىئىيلار تەرىپىدىن تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كېلىنگەن ئىجمائدۇر. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانمىغانلىقى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى چەكلىمىگەن، ئەكسىچە راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان. ئۇنداق بولىدىكەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن يولغا قويۇلغان بولىدۇ  .



پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ((مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغان راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، قولدىن بەرمەڭلار)) دېگەن.(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى: بۇ ھەسەن سەھىھ ھەدىس، دېگەن)



ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندىكى تەراۋىھ نامىزىدىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئەييەن بىر سان بېكىتمىگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى رامىزاندا بولسۇن باشقا چاغدا بولسۇن ئون ئۈچ رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى. لېكىن رەكئەتنى ئۇزۇن سوزۇپ ئوقۇيتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابە-تابىئىيلارنى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىقىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا يىغقاندا ئۇ جامائەت بىلەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇپ ئاندىن ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. رەكئەت سانىنى ئاۋۇتقانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننى يەڭگىلرەك ئوقۇغان. چۈنكى بۇ جامائەتكە نىسبەتەن بىر رەكئەتنى ئۇزۇن ئوقۇغاندىن يەڭگىلرەك چۈشەتتى. ئۇندىن كېيىن سەلەپلەردىن بىر قىسمى قىرىق رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. يەنە بەزىلەر ئوتتۇز ئۈچ رەكئەت ئوقۇپ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇغان. بۇنىڭ ھەممىسى جائىز. رامىزاندا مۇشۇلارنىڭ قايسىبىرىنى تۇتۇپ تەراۋىھ ئوقۇسا ياخشى قىلغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر رەكئەتتە ئۇزۇن تنۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار بولسا، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى رامىزان بىلەن باشقا چاغلاردا ئوقۇغاندەك ئون رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇش ئەۋزەل. ئەگەر جامائەت ئۇنداق ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولسا، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەل. بۇ كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىش بولۇپ، بۇ ئون بىلەن قىرىقنىڭ ئوتتۇرىدا ئوتتۇراھالدۇر. قىرىق ياكى ئۇندىن كۆپرەك ئوقۇسىمۇ جائىز بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرى مەكروھ بولمايدۇ، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئىماملاردەك بىرقانچە ئىماملار بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەندۇر. كىم رامىزاندىكى كېچىلىك نامازدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇئەييەن بىر سان بىكىتىلگەن، بۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم قىلسا بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالسا، خاتا ئويلىغان بولىدۇ."(مەجمۇئۇل فەتاۋا 22/272)   



دېمەك يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى، ئۇبەي ئىبنى كەئب، تەمىيم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن تەركىب تاپقان ساھابە ۋە تابىئىيلار بىلەن بىللە ئوقۇغان رەكئەت سانىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر رەكئەتتە ئۇزۇن تۇرۇپ ئوقۇسا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغاندەك ۋىتىر بىلەن ئون بىر رەكئەت ئوقۇسا ياخشى، ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە، ساننى ئاۋۇتۇپ يىگىرمە رەكئەت قىلىپ قىسقىراق ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ غەيرىتى، بەرداشلىق بېرىشىگە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ. دىيارىمىزدىكى مەسجىدلىرىمىزدە باشقا كۆپلىگەن ئىسلام دىيارلىرىدا ئوقۇغاندەك ئادەتتە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. ھەر بىر رەكئەتكە بىر بەتتىن ئوقۇپ يىگىرمە رەكئەتتە بىر پارە، ئوتتۇز كۈندە قۇرئان باشتىن ئاخىر بىر قېتىم تامام بولغان بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق نورمال مىقدار. بۇ ئوقۇش يەڭگىل كەلگەنلەر ئۆيىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇۋالسا، ئېغىر كەلگەنلەر بىر قىسمىنى ئوقۇپ قايتىپ ئارام ئالسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلماسلىق لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

  پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-13

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش