مەن يىقىندا iPhone 4 بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خىلى پەچەت ئويۇنلىرى باركەن،ئەمدى مەن پات-پات iPhone ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرشىم مۇمكىن ، iPhone نىنىڭ ئورگان بىتى كۆپىنچە ئويۇنلارنى ۋاقىتلىقلا ھەقسىز تارقىتىدۇ ، ئاندىن كىيىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1 دوللاردىن ساتىدۇ، شۇڭا iPhone سىتۋىلىش ئويى بارلارغا تەۋسىيەرىم شۇكى مەن تونۇشتۇرغان ھەقسىز ئويۇنلارنى ۋاقتدا چۈشۈرۈپ itunes( مەخسۇسiPhone نىڭ دىتال چۈشۈرۈش قۇرالى) نىڭ ئامبىرىغا ساقلىۋىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. كىيىن iPhone نى سىتۋالغاندا بۇ ئويۇنلار مىليۇن دوللارگە چىقسىمۇ سىز بۇرۇن ساقلاپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەقسىز ئوينايسىز دىگەن گەپ...
itunes نى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.
1- ئويۇنننىڭ نامى : دورامچۇق مۈشۈك تام 2
بۇ ئويۇن ئىنتايىن قىزىقارلىق بولوپ بۇ مۇشۇك سىز سۆزلىگەن گەپنى دوراپ سىزگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن باشقا خىلى كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار ، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز ،ساقلاپ قويۇشقا تامامەن ئەرزىدۇ.
ئويۇن رەسىملىرى:
ماۋۇ قوتۇر ئىشىت بىچارە مۇشۇكنى بەك بوزەك قىلىدۇ...
چۈشۈرۈش مەنزىلى :
چۈشۈرۈش
2-ئويۇننىڭ نامى : ئىنتايىن ئوماق ئويۇن ئاپلىسىن قوغداش
بۇ ئويۇن ئىنتايىن ئوماق لاھىلەنگەن ئويۇن بولوپ ، بۇ ئويۇندا بىز خەتەرلىك بۇلۇتلارنىڭ زىيىنىدىن ئاپلىسىنلارنى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇلۇتتىن ياغقان زەھەرلىك يامغۇر ئاپلىسىنزارلىقتىكى مىۋىلىرىڭىزنى نابۇت قىلىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىپ ئۇلارنى ئوراپ يامغۇر تەگمەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىسىز. بۇ ئويۇننىمۇ چوقۇم ساقلاپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئويۇن رەسىملىرى :
چۈشۈرۈش مەنزىلى :
چۈشۈرۈش
تىخىمۇ نادىر ئويۇنلار ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدا:
http://hawaskar.net/