ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 19قەۋەت xabnam010 كە 2011-08-14 12:42 AMئەۋەتىلدى :
ئەگەر كومپىيوتىرعا كامىرا ئورناتمىعان بولساقمۇ كۆرەلەمدۇ ؟
سىزنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن كومپىيۇتىرغا يۇققان ۋىرۇس كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق مەشغۇلاتىڭىزنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىدۇ، قارشى تەرەپ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ماتىرىياللارنى خۇددى سىز كىرىپ ئىشلەتكەندەك خالىغانچە كىرىپ ئىشلىتەلەيدۇ.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇسلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىمۇ ئاشماقتا.
بۇرۇن كومپىيۇتىرىڭىز ئۆچۈك بولسا قارشى تەرەپ پايدىلىنالمايتتى، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن.
نەچچە كۈن بۇرۇن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن پروگراممىسىدا بىر كومپىيۇتىر ئارقىلىق نەچچە مىليون يۈەننى قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىنى كۆردۈم. ئۇ دېلودا سۈرەت كامىراسى ئورنىتىلمىغان شارائىتتا، ھەمدە كومپىيۇتىر ئېتىگلىك شارائىتتا كومپىيۇتىر ئىگىسىنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كۆرۈۋىلىپ، ھېساباتىدىن نۇرغۇن پۇلنى يۆتكىۋاپتۇ.
بۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى: كومپىيۇتىر ئېتىكلىك تۇرسىمۇ ئۇنىڭدىكى ماتىرىياللارنى كۆرەلىگىنى.
پىرىنسىپى مۇنداق ئىكەن: جىنايەتچى يۇقتۇرغان ۋىرۇس كومپىيۇتىرنىڭ CMOS سىموسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كومپىيۇتىرنى قوزغىتىدىكەن.
شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل: توكتىن چىقىرىۋىتىش. ئەلۋەتتە ۋىرۇس يۇقتۇرىدىغان ئامىللارنى مەن تېمىدا دېگەندەك ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا، كومپىيۇتىرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ۋىرۇس ھەرىكەتتە بولىدۇ.