ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت matros كە 2011-08-15 02:31 PMئەۋەتىلدى :
توۋا...ئايفوندىن ياردەم سورايمەن دەپ...نەدىكى زاپەر بىرمىنى ئايفون دەۋاپلىغۇ....ئۇ زاپەر بىرمىلەردە...تورغا چىقالىغاننىڭ ئۆزى غايەت زور بىر مەسىلە...
تېما ئىسمىغىلا قارىماي ئەمەلىي مەزمۇنىغا قاراڭ. كالا دېسە پاقالچەك دېمەي. مەن ئۇنى ئايفون دەۋالمىدىم، تېما ئىسمىنى شۇنداق قويۇپ ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلاردىن بۇ زاپەرگە نىسبەتەن مەسلىھەت ئالاي دېدىم، مەزمۇنىدا ئېنىق دىدىمغۇ زاپەر دەپ. مەن ئۇنى ھەقىقىي ئايفون دەۋالغىنىم يوق.
زاپەرلەردە تورغا چىققىلى بولمايدىغىنىنى مەنمۇ بىلىمەن، لېكىن ھەممىسىدە بولمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، (بۇ يەردە ئۇيغۇرچە تور بەت كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ). خەنزۇچە تور بەتكە بىمالال چىققىلى بولىدۇ.
بىلمىگەننى سورايدىغان گەپ، مېنىڭ سوئالىمنىڭ جاۋابىنى بىلمىسىڭىز گەپ قىلمىسىڭىز سىزدىن بىرسى رەنجىمەيدۇ.
قالغان تورداشلىرىمنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە كۆپ رەھمەت.
مەنمۇ شۇ زاپەردە ئۇيغۇرچە تور بەت كۆرۈشنىڭ تەسلىكىنى بىلەتتىم، شۇنداقتىمۇ ئىشلىتىپ باققانلار بولسا بىلەمدىكىن دەپ يوللىغان، بۇ تېلفوننىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ئايفونغا شۇ دەرىجىدە ئوخشىتىپ نەفىس ياسالغان ئىكەن. قارىسام مۇنبەردە نۇرغۇن زاپەر تېلفونلارغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى تېمىلار بار ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ ياردەم سوراشنى مۇۋاپىق كۆرگەنتىم.
يەنە باشقا بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، تېمىگە مۇناسىۋەتسىزلەر ھاياجىنىڭلارنى بېسىۋىلىڭلار.