ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئۆز ئىرىنى ياخشى كۈتۈۋالغىسى كىلىدۇ . بۇ ھىكايىدىكى ئەرنىڭ گىپى راست بولسا ئايالنىڭ قىلغىنى ياخشى بولماپتۇ . بىر ئائىلە ئايالى بولغاندىكىن ئىرىنى ياخشى كۈتۈۋېلىشى كېرەك . ھازىر ئەر ئايال تەڭ ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ . مەن دائىم ئەتىگەن تۇرۇپ يولدىشىمغا ھەسەل سۈيى ئىچىدىغان قايناقسۇنى سوۋۇتۇپ قۇيىمەن ، ۋاقىت يار بەرسە تەييار قىلىپ بېرىمەن . ناشتىلىقنى تەييارلايمەن . چۈشتە ھېرىپ ئېچىپ كىلىپ تاماق تەييارلايمەن . يولدىشىم كومپيۇتېر ياكى تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا قىڭغىيىقلىق . تازا يىتىشىپ بۇلالماي قالسام ، تەنە گەپلەرنى قىلدۇرۇپ ياردەملىشىدۇ . قىيمىلىق تاماقلارنىڭ خېمىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ شۇ . تاماق يەپ بۇلۇپ قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ ، ئۆينى بىرەر قۇر يىغىشتۇرغىچە ۋاقىت تۇشۇپ كىتىۋاتقان .ھەي ....... ئايال كىشىمۇ ئادەم ، ماشىنا ئادەم ئەمەس ، ھېرىپ چارچايدۇ . مىنىڭچە ھازىرقى ئەرلەر ئۇنداق پادىشاھدەك بۇلۇۋالماسلىقى كېرەك . يا بولمىسا ، بولدى خۇتۇن خىزمەت قىلما ، سىنى باقىمەن . بالىلارغا ياخشى قارىساڭلا بولدى ، دىيىشى كېرەك .