|
|
|
|
[paragraph]
Bashliq نىڭ PS مەشىق ئەسەرلىرى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار! بۇ سۈرەتلەرنى نەچچە ۋاقىتتىن ئۆز قىززىقىشىم بويىچە ئاز-تولا ئىشلەپ، لايىھە تۈسىگە كىرگۈزۈپ، چ چ بوشلۇقىمدا ساقلاپ يۈرەتتىم. لېكىن، يېقىندىن بۇيان بۇ ئەجىر - ئەمگەكلىرىمنىڭ ھېچ بىر مەنبەسىزلا باشقا جايلاردا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، سەل بىئارام بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن يەنە ئىككى - ئۈچ پارچە قوشۇپ ئىشلەپ، ئاز بولسىمۇ ئامالسىز مۇنبەردە ئېلان قىلىپ، ‹‹مانىڭ ئىگىسى مەن›› دەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم... ياقتۇرغان دوستلارنىڭ ساقلىۋىلىشى، سۆيۈپ ئىشلىتىشى مېنى خۇش قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ مەنبەنى ئەسكەرتكەن شەرت ئاستىدا بولىشى كېرەك ئەمەسمۇ....
ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا چىققان بۇ سۈرەتلەر مەندەك بىر ھەۋەسكارنىڭ قولىدىن چىققان ئاددىي ئەسەرلەر خالاس. لايىھە جەھەتتە ، بىر ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخى خاممەن! بولۇپمۇ، قىسمەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش نۇقتىلىرى يۈكسەك تەپەككۇر، ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسى تەلەپ قىلىدىغان سەزگۈر نۇقتىلار. مانا مۇشۇ جەھەتتە، ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەكرەك چولتا ھېس قىلىمەن.... شۇڭا كەڭ ئۇستازلارنىڭ ۋە ھەۋەسكار دوستلارنىڭ تەلىمى ۋە ئۆزگىچە تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا، ھۈنىرىمنى تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا جان دىل بىلەن قوبۇل قىلىمەن! قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!~
مۇنبەردىكى ئىسىمىم bashliq،ئۆزۈمنىڭ ئىسمى ئاۋزەر...مەخسۇس چ چ بوشلۇقىدىلا يىغىۋاتقىنىم ئۈچۈن ئاۋزەر دېگەن تامغا بىلەن ساقلاپ كەلگەن ئىكەنمەن... ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن~ مۇنبەردىكى bashliq بىلەن سۈرەتلەرنى لايىھىلىگۈچى ئاۋزە مەن بىر ئادەم شۇ~
=======
=======
=======
=======
=======
======= =======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
=======
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيى ۋە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزا ھېيت بايرىمىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن!
|
|
|
|
|
|