ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت Eltekin كە 2011-08-17 11:31 PMئەۋەتىلدى :
مۇھەببەتكە جاۋاب تاپتىڭىزمۇ نېمە ؟! ھەي تەس جۇمۇ. ھەر يۈرەك ھەر كۆيۈكتە... شۇڭا تەس دەيمىز . قاراڭ مەن بۇنى مۇھەببەت دەپ ھىس قىلىپ ھىسياتنى قۇرغا تىزغان ئىدىم.باشقىلارمۇ ئوقۇپ باقامسىلەر:
مېنى سېغىنساڭ ئايغا قارا، بىر يەرگە كېلەلمىسەكمۇ، ئايغا قارسىاڭ مېنى كۆرىسەن، چۈنكى مەنمۇ ئايغا قاراۋاتىمەن. ھىچ بولمىغاندا ئىككىمىز بىر نەرسىگە قاراۋاتىمىز.ھىس قىلالىدىڭمۇ.....؟
ئى مۇھەببەت سەن تولىمۇ سىرلىق،
.......
ئەلتېكىننىڭ بۇ تەسەۋۋۇرىنى كۈرۈپ ئۇقىۋاتقان ۋاخلىرىمىزدىكى بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى :
مىنىڭ ، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقىۋاتقاندا مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۇپ ساۋاقدېشىم بار ئىدى . ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگەندە ئۇلار باشقا - باشقا شەھەردىكى مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلنىپ قالدى . ئۇ چاغلاردا قول تىلفۇن تەخى تازا ئۇمۇملىشىپ كەتمىگەچكە يىراق يېقىندىكىلەر بىلەن خەت ئالاقىسى قىلشاتتۇق . ئۇغۇل ساۋاقدېشىم ئۇ قىز ساۋاقدېشىمغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ۋە ئۇ قىزنىڭ ئۈزىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئەلتېكىن ئەيتقاندەك «سەن سېغىنساڭ ئايغا قارا ، مەن سېغىنساممۇ ئايغا قارايمەن . ھازىر مەن چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە سېغىنىش ئىلكىدە ئاسمانغا قاراۋاتىمەن . مانا ھازىر ئايدىنمۇ نۇرلۇق بىر چولپاننى كوردۇم ....» دىگەندەك دەبە-دەبىلىك سۆزلەر بىلەن پۈتۈلگەن بىر پارچە سۆيگۈ خېتىنى ئەۋەتسە ، ئۇ قىز ساۋاقدېشىم : «مىنى ئايغا ئوخشۇتۇپ تۇرۇپ ، يەنە نۇرلۇق يۇلتۇزنى كۆرگەن بولساڭ شۇ يۇلتۇزنىڭ يېنىغا بار » دەپ ئايرىلىپ كەتكەنتى .