ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
چېچەن كىرگۈزگۈچىسى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي پۈتۈپ ئىزدە تورىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
ئىزدە چېچەن كىرگۈزگۈچىسىدە تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئاستا بۇلۇش، ئىملا خاتالىقى ئېغىر بولۇش، توربەت ھۆججەتلىرى چۈشۈپ بولۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
چېچەن كىرگۈزگۈچىسى كۆرۈنمە يۈزى :
ئىقتىدارى :
1. ئۇيغۇرچى كىرگۈزۈش تىز ھەم قولايلىق .
2. مول بولغان سۆزلۈك ئامبىرىغا ئىگە (ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز).
3. ئىشلىتىش ئاسان، ئۇيغۇرچە-لاتىنچە ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
4. ھەقسىز ھەم ئېلان، تەشۋىقات قىستۇرۇلمىغان .
نۆۋەتتىكى يىتەرسىزلىكى :
ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان بولغاچقا ، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ئاساسەن ئوخشاش، شۇڭا دەسلەپكى بىر مەزگىلدە كۆڭۈلدىكى سۆزلەر بىرىنجى بەتتە كۆرسىتىلىپ بېرەلىشى ناتايىن، مەلۇم مەزگىل ئىشلىتىلگەندىن كىيىن كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرگە نىسبەتەن سېستىما ئاپتۇماتىك نومۇر قويۇپ مېڭىش جەريانىدا ئۇزۇنغا بارمايلا كۆڭۈلدىكىدەك كىرگۈزگۈچكە ئايلىنىشىغا تىلەكداشمىز.
ئىزدە تورىغا كىرىپ خەت كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ :
http://www.izda.com
ئەگەر ئىشلىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ياكى دەسلەپتە ئىشلىتىشنى كۆرىۋالماقچى بولسىڭىز چېچەن مەخسۇس بېتى ئارقىلىق چېچەن كىرگۈزگۈچىسى بىلەن تونۇسۇپ چىقىڭ !
چېچەن مەخسۇس بېتى ئادرىسى :
http://ime.izda.com
ھازىر IE9 ، IE8، IE6 ۋە Mozilla Firefox ۋە گۇگېل تور كۆرگۈلىرىدىكى Input رامكىلىرى ۋە تەھرىرلىگۈچلەرگە چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئارقىلىق بىۋاستە كىرگۈزۈش نورماللاشتى ! (چېچەن كىرگۈزگۈچىسى بولسىلا ( editor ) غا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز)، نۆۋەتتىكى چېچەن كىرگۈزگۈچىسى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 600 مىڭدىن ئاشتى .
باشقا تور كۆرگۈلەرگە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ بي يېڭى ئىشنى يېقىندىن قوللاپ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماي، تېخىمۇ ياخشى بىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ (مەنبە: مىسرانىم دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ)
ھۆرمەت بىلەن : ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى دىن - ئابباس ياسىن