ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت nazila998 كە 2011-08-19 03:07 PMئەۋەتىلدى 9قەۋەتتىكى(yolbaxqi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
قارغاندا سىز تىخى ئۆيلەنمىگەن ئوخشايسىز ، بۇ ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ يۈرەك سۆزى ، بۇنى مەيلى ئەر بولسۇن مەيلى ئايال بولسۇن بويتاقلار چۈشەمەيدۇ ، بۇرۇنقى زامانلاردا ئەرلەر ئوتۇن ياراتتى ، سۇ توشۇيىتتى ، ئۇن ، ياغ ، گۈرۈچلەر تۈگىسە ئەكىلەتتى ، ھازىر جەميەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن يىڭىلىقلار بولدى ، سۇ لازىم بولسا ئاشخانىمىزدا ،تەبى گاز قازىنىمىزنىڭ يىنىدا ، ياغ - گۈرۈچلەر تۈگىسە تىلىفۇن قىلساق ئەكىلىپ بېردۇ ، دىمىسىمۇ ھازىر ئەرلىرىمىز ، ئەتكەن تامىقىمىزنى يەپ بەرسە ، ئاخشىمى بىزگە قونۇشۇپ بەرسە ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلىسە ، شۇ ئۇلارغا باشقا ئىشمۇ قالمايدۇ ،يەنىلا ئاياللارنىڭ جاپاسى ، ئەتتىگەن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايسىز ،ئىشقا بارسىز ،چۈشتە كىلىپ تاماق ئىتىسىز ،كەچتىمۇ شۇ تاماق ،ئۇندىن باشقا ئائىلىنىڭ تازلىقى ، يۇيدىغان كىر-قات ، باقىدىغان بالا ....مانا بۇلار ئاياللارغا قاراشلىق ئىشلار ، چۈشەنگەنسىز قىرىندىشىم ؟
سىزچە سىز دىگەندەك شارائىتتا ياشاۋاتقان ئەر-ئاياللار قانچىلىك ؟( ئۆيىدە گاز بار ، ئۇن ، گۈرۈچ ياغنى ئۆيىدە تۇرۇپلا ئەكەلتۈرەلەيدىغان ) سىز قىسمەن شەھەر مۇھىتىنى كۆرۈپلا يۇقارقى قارارنى چىقاردىڭىزمۇ ؟ بىلىپ قويۇڭ بۇيەردە يەنە جەمىيەت نۇپۇسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئىگەللەيدىغان يېزىلار بار ، بۇ يېزىلاردا ئېتىزدا بىللە ئىشلەپ ، بىللە قايتىدىغان ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە لايىق ئىشلارنى قىلىدىغان ، بەزىدە ئەر - ئاياللار ئۇرۇشۇپ قېلىپ بىرەر تەستەك تىگىپ كەتسىمۇ ئۇ ماڭا يۈز كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلىمايدىغان ، ئەتىسى يەنە بالىلىرىغا ئاناڭ ياخشى ئانا ، ئاتاڭ ياخشى ئاتا دەپ توختىمايدىغان ئەر-ئاياللار بار .