مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1516|ئىنكاس: 20

ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئۇچرايدىغان بەزى سۆزلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەمەتجان مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1176
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13854
تۆھپە نۇمۇرى: 1151
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 04:13:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا مۇنبەرگە يۆتكىسىڭىز مەنبەنى ۋە رەتلىگۈچىنى تولۇق ئەسكەرتىڭ!
ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئۇچرايدىغان بەزى سۆزلەرگە ئىزاھات
رەتلىگۈچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
1.    سۇلۇن: چىرايلىق
2.    ھىلال: يېڭى چىققان ئاي، ئۈچ كۈنلۈك ئاي
3.    مىرغىزار: ئوتلۇق جاي،گۈل چىمەنلىك
4.    بۇزرۇك: ئەتىۋارلىق،ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك
5.    نەرگىس: كۆزگە ئوخشايدىغان چىرايلىق گۈل
6.    شىكەستە: زەخمىلىك، جاراھەتلىك
7.    بەريان: لەختە-لەختە، تىلىنىش
8.    ئەپغان: دات-پەريات، نالە-پىغان
9.    پەيمان: قاچا
10.    سىپاگەرچىلىك: ھەبىي ئىلىم، ھەبىي مەشىق
11.    تىركەش: ئوقدان
12.    ئەيسا: لوپنۇردا ئۆتكەن ئەشەددىي زومىگەر
13.    بويچىلىق: بويتاقچىلىق، بويتاقلىق
14.    پىلاش: ئاتاپ قويۇش، تەغدىم قىلىش
15.    سىن،سىنى: چىراي،چىرايى
16.    مۇرۇللۇغ: ۋەدىلىشىش، ۋەدىلەشكەن
17.    كامپاشى: قومۇش پۆپۈگى
18.    ئۇجۇل: يېكەن، توزغاق
19.    غارغالتا: كېمە توختايدىغان جاي
20.    بەت گوپا:  بىۋاپا، ۋاپاسىز
21.    ھۆلتەن: تىرىك جان
22.    مىژگان: كىرپىك
23.    قارا باتۇر: تاھىر-زۆھرەنىڭ ئارىسىغا ئۈنگەن شۇم بۇيا
24.    تاشا: ياقا،چەت
25.    جۇپ دىگەر: يولداش، مەھبۇب، ھەمرا
26.    دۇتار: ئېگىلگۈچى،مۆھتاج
27.    شەمشى باقا،ماھى تابا: ئۆلمەس كۈن، تولۇن ئاي
28.    ئاتەش: ئوت
29.    مەھشەر: قىيامەت كۈنى
30.    بەدەخشان: تۈرلۈك رەڭدىكى ئۈنچە-مارجان،لەئىلى-ياقۇت چىقىدىغان جاي
31.    شاھى خۇبايىم: گۈزەللەرنىڭ شاھى
32.    سابا: تاڭ شامىلى
33.    سىنە: كۆكرەك، يۈرەك
34.    زەبۇن: ئاجىز، ۋەيران، ناچار، خامۇش
35.    جامۇن: جام، قاچا
36.    مۇجاپىر: قوشنا، ھەمسايە
37.    ئېرسالنامە: يارغا ئەۋەتىلىدىغان خەت، پۈتۈكنامە
38.    تابىنا: كۆزى كۆرمەيدىغان كىشى، كور، ئەما
39.    بىھال: مۇمكىن ئەمەس، ئىمكانىيەتسىز
40.    غۇبار: چاڭ-توزاڭ
41.    رىيازەت: جاپا-مۇشەققەت
42.    چىلتەن(چىھىلتەن): قىرىق گۋدىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى
43.    بادى سابا: ئۇچقۇر شامال، تاڭ شامىلى
44.    پىيام: دەرھال،تېز
45.    خاكى-پاھىڭ: تۇپراق، جاي
46.    دەرىڭ: ئىشىك ئالدى
47.    چاھ: قۇدۇق
48.    سەراسى: سەرخىلى، ئېسىلى، ئەركىسى
49.    پۇرجاپا: جاپانى يەڭگۈچى
50.    نەرەم: يۇمشاق، مۇلايىم
51.    كەرەم: سېخى
52.    مەرگەژدۇم: يىلان، چايان ۋە باشقا زەھەرلىك قۇرتلار
53.    داببە: تۆت ئاياقلىق ھايۋانلار
54.    بەستەدىل: دىلى بارغلانغان
55.    گۈلى ئەھمەر: خۇشپۇراق گۈل
56.    سەييات: ئاڭ(كىيىك)
57.    كامان: كامالەت
58.    تەۋەللۇت: كۆزى يورۇش، بوشىنىش، دۇنياغا كېلىش
59.    بوسە: سۆيمەك،سۈيۈش
60.    ئەقە: باغلاش
61.    بالىغ: ①بالاغەتكە يەتكەن،  ۋايىغا يەتكەن② شەھەر، قەلئە
62.    يارە: يارغا
63.    نارە: نار،ئوت
64.    خۇنى خارە: قان يۇتماق، قاتتىق قايغۇ يۇتقۇچى، غەمكىنلىك
65.    زارە: ئازار بېرىش
66.    غەپلەت خۋاپ: غەپلەت ئۇقۇسى
67.    پۇرئاپ: ياشقا تولغان
68.    بەنت: نەزەربەنت
69.    يەكتەن: يالغۇز
70.    ماجالى: ھالى
71.    چەرخى ناشات: قايغۇلۇق دۇنيا
72.    تەۋەققۇپ: توختاش،تىك تۇرۇش
73.    ئەنداز: قېلىپ،ئۆلچەم
74.    مەرغۇپ: يېقىملىق، سۆيۈملۈك
75.    بىگانە: يات، ناتۇنۇش، ئۆزگە، بۆلەك، غەيرى
76.    مېھرام: مېھرىبان
77.    ئاھى سەرد: سوغاق ئۇھ تارتىش
78.    ئەزدىل پەرد: دىلى يالغۇزلۇقتىن مۇڭلىنىش
79.    سۇپەر: قالقان
80.    شىنجۈن: تۇيۇقسىز كېچىلىك قانلىق ھۇجۇم
81.    گەردۇن: ئاسمان گۈمبىزى
82.    ئەبزۇن: چەكسىز
83.    نۇش: ئىچىملىك، ئۇسسۇزلۇق
84.    دۇش: قەۋەت، توپلانغان، يىغىلغان، دۆۋلەنگەن
85.    ئالات(ئالەت): قوراللار، ئەسۋاپلار
86.    مادە: چىشى، ئورغاچى
87.    قىسسەئى كامانىغا: ئوقيانىڭ يايىغا
88.    بەند ئەيلەپ: باغلاپ قويۇپ
89.    زىھلەت: يولغا چىقىش، جۆنەش
90.    بەنىدەرگاھ:  ①پورت②چۆل،تاغلىق جايلاردىكى قونالغۇ جاي(پەللە مەنىسىدە)
91.    بوسە: سۆيۈش، ئۆپۈش
92.    بىدار: ئۇيقۇسىز، سەگەك
93.    مۇختەسەر: قىسقىچە
94.    بىسيار: كۆپ،تولا
95.    مالامەت:①ئەيىبلەش، كايىش، جىملەش②يامانلاش، قارىلاش، يالا③ئاۋارىچىلىق، دىشۋارچىلق
96.    ۋادەرىخ: ۋاي ئېسىت، ۋاي ئەتتەڭ، ۋاي ئەپۇس
97.    دەردى سۆز: كۆيۈك دەردى
98.    خۇن جىگەر: جىگەرى قان بولۇش
99.    قابا(قاباھەت): قەبىھ، يامان، يارىماس
100.    نار: ئوت،يالقۇن
101.    جەيھۇن: ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمقى نامى
102.    مۇنەججىم: ئاستورنۇم
103.    پۇرئاب: ياش(كۆز يېشى)غا تولغان
104.    پەنە: نەسىھەت، كېڭەش
105.    مەتلۇب: خاھىش، تىلەك، تەلەپ
106.    سەرگەشتە: ئاۋارە، سەرگەردان، بېشى ئايلانغان
107.    بىسەرۇسامان: بىچارە ۋە پەرىشان
108.    باكەرەم: مەرت، سېخى، كەڭ قورساق
109.    ئاب: سۇ
110.    رازىدىل: دىلسىرى، يۈرەك سىرى
111.    ئىشقى مەجازى: يۇشرۇن ئىشىق
112.    مۇتالىئە: كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش، ئوقۇپ چۈشنىۋېلىش
113.    ماھوسال: ئاي ۋە يىل
114.    تېرس: تەتۈر
115.    خۇناب: قانلىق ياش، ئاچچىق يىغا
116.    تاېئ : قاراشلىق، تەۋە، قول ئاستىدىكى
117.    مال ئەھۋالى: مال-مۈلۈك، بايلىقى
118.    باغى مەھرەم: ①بەھىر، دېڭىز، دەريا②كۆڭلۈم بېغى
119.    پەيمانە: جام، قاچا
120.    مەراھىل تەي قىلىپ: ئۆتەڭ(مەنزىل) بېسىپ
121.    فارىخ: ①تېنچ، خاتىرجەم بولماق②قۇتۇلماق، ئازات بولماق③بىمالال
122.    قۇرئەنداز: قۇرئە تاشلاپ پال ئاچقۇچى، پالچى
123.    مۇرغىزارلىق: قۇشزارلىق
124.    فىردەۋسى: باغ، جەننەت بېغى
125.    مۆرۈۋەت: ئادەمگەرچىلىك، ئاقكۆڭۈللۈك
126.    سۇد: پايدا، نەپ
127.    چۈن ئەبرى نەۋباھار: خۇددى باھار بۇلۇتلىرىدەك
128.    ھۆۋەيدا: ئېنىق، روشەن، ئاشكارە بولماق، بەلگىلىك بولماق
129.    زاھىر: ①تېشى، سىرتى، كۆرۈنۈشى②ئوچۇق، روشەن
130.    چاك: ①تىكىش، چەك②يىمىرلىش، ئۈزۈلۈش، يىرتىلىش، كېسىلىش
131.    كەربالا: ئىراقتىكى دەشت-باياۋاننىڭ نامى
132.    ناشاد: خاپا كۆڭۈلسىز
133.    دەججال: يالغانچى(قىيامەت يېقىنلاشقاندا پەيدا بولۇپ ئادەملەرنى دىندىن ئازدۇرغۇچى )
134.    زەنگى: قارا تەنلىك، نىگىر
135.    نەۋجۇۋان: ياش يىگىت
136.    مۇتەغەييىر بولۇپ: ئۆزگىرىپ
137.    ئاتەش ئىشقى: ئىشق ئوتى
138.    سەھەت تېپىش: ساقىيىش، شىپا تېپىش
139.    ئەرەستە: زىننەتلەنگەن
140.    فەرسەڭ(فەرسەخ): 6 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر تاش مۇساپە
141.    غۇلام: قۇل، خىزمەتكار
142.    قىرمىز: قىزىل، توق قىزىل
143.    خەستە: سۇنۇق، تۆۋەن، كېسەل
144.    مەلۇل بولۇپ: خاپا بولماق، رەنجىمەك، غەمگە چۆكمەك
145.    دەبدەبە: ھەشەمەت، داغدۇغا
146.    رەشىك ئەتمەك: قىزغىنىش، كۆرەلمەسلىك، كۈنچىلىك
147.    سەيلان: سەيلە قىلىپ
148.    نەرگىس: ئاق ياكى سېرىق گۈللۈك ئوت ياكى ئۇنىڭ چىرايلىق گۈلى
149.    سۇمبۇل: ①بىر تۈرلۈك خۇشبۇي ئۆسۈملۈك②چاچ(مەھبۇبىنىڭ چېچى)
150.    ماھرۇى: ئاي يۈزلۈك
151.    سەيياد: ئوۋچى
152.    شېكەرفىشان: شېكەر چاچقۇچى
153.    غەمزە: جىلۋە، ناز، قىلىق
154.    ئىرەنلەر: ئەرلەر، ئەركەكلەر، مەردانىلەر
155.    مەھرەم: ①ئۈلپەت، يېقىن دوست② خىزمەتكار، ئىشەنچلىك ياردەمچى
156.    تەۋازۇئ : ① ئېگىلمەك② ئىززەت-ھۆرمەت
157.    ھەقىر: بىچارە، مىسكىن، خارلانغان
158.    مۇنتەزىر: ئۆمىد قىلغۇچى، كۈتكۈچى، ئىنتىزار
159.    مۇستەجاپ: قوبۇل قىلىنغان، ئىجابەت بولغان
160.    شەيدا: قايناق مۇھەببەت، ئاشىق بولماق
161.    زاغ: قارا قاغا
162.    بەريان: كۆيۈپ كاۋاپ بولماق، قورۇلۇۇۇش
163.    باد: شامال
164.    قازارا: تەغدىر بىلەن، تاسادىپى
165.    ھەمىن: ئۇشبۇ، مۇشۇ
166.    زىر-زەبەر: ئاستىن-ئۈستۈن
167.    شەررىدىن: يامانلىقىدىن
168.    شەرمىسار: ئۇياتلىق
169.    دىلىجەمىئە: كۆڭلى خاتىرجەم بولماق
170.    مەھاسىل: تۇتقۇچىلار
171.    چاھار: تۆت
172.    سۇۋار: مىنمەڭ(ئاتقا)
173.    بىباك: ھىچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ئەيمىنمەيدىغان
174.    چاھ: ئورا، يەر ئاستى گەمە،قۇدۇق
175.    مۇھازىر: مەزە
176.    بەناگاھ: بىردىنلا
177.    تۇرپە: ①ئاجايىپ، ھەيران قالغۇدەك، قىزىق②يېڭى كەلگەن ئادەم
178.    ئازمايىش: سىنىماق، ئىمتىھان ئالماق
179.    تەسكىن تېپىش: تېنچلىنىش، ئارام تېپىش، خاتىرجەم بولۇش
180.    مار: ئىلان
181.    بارە: قېتىم، مەرتە
182.    غۇبار: ①توپا چاڭ②غۇۋا③ئىس، دۇت
183.    ناتاۋان: ئاجىز، بوش، كۈچسىز، قۇۋەتسىز
184.    چەشمە: بۇلاق
185.    كەسرت: يامان، يارىماس
186.    گۈزەرگاھ: بېسىپ ئۆتىدىغان يول
187.    سىپارش: تاپشۇرۇق
188.    بەدەرگاھ: خۇدا ئالدىدا
189.    قازىيەل ھاجات: ھاقەتلەرنى راۋا قىلغۇچى
190.    ھەر  چەندان: ھەددىدىن زىيادە كۆپ
191.    تىيرەدىلدۇز: تىيرە ـــ ئوقيانىڭ ئوقى، دىلدۇز ـــ يۈرەككە سانجىلىدىغان
192.    پەلەك چەرخى: پەلەك چاقى
193.    گۇزەر: ئۆتۈش
194.    سازا: لايىق
195.    جەھد: قەتئىي نىيەت، ئىجتىھات، تىرىشىش
196.    گولاب: گۈل سۈيى
197.    نىسار: ①پىدا،قۇربان قىلماق②چاچماق، چاچقۇ
198.    مەزاسى: مەزىسى، تەمى
199.    مال-مەنال: مال-دۇنيا
200.    ئەندەك: ئازراق
201.    ئەقدى نىكاھ: نىكاھ توختىمى
202.    بىكەس: ①بىچارە، ئاجىز②خانىش
203.    غەمناك: غەمكىن
204.    ئەس-ئەسە: داغدۇغا
205.    تەكپىن تەجىز: كېپەنلەش
206.    مۇددەرىس: ئالىي دىنىي مەكتەپ مۇئەللىمى
207.    يارجوق: ئوقيانىڭ بىرخىلى
208.    پەيدەر-پەي: ئارقىمۇ-ئارقا
209.    ھاقىر: قەدىرسىز
210.    دەر-بىدەرگادا: سەرگەردان گاداي
211.    تەرگىچ: تەمەش
212.    مەجلىس: سۆھبەتلىشىش، ئولتۇرۇش، يىغىلىش
213.    جاۋاھىر: قىممەت باھالىق نەرسىلەر
214.    شاھاپچە: بۆلۈم، قىسىم، تارماق
215.    سەرپا: بىر قۇر كىيىم
216.    ھەلقى كەمەند: سالما
217.    سەرۇ-سامان: باش
218.    شىكەستە: سۇنۇق، كۆڭلى سۇنۇق
219.    سەيىد: ئوۋ،ئوۋلاش، ئولجا
220.    ھەزار دەرىخ: ئىسىت-ئىسىت، مىڭلىغان-مىڭلارچە پۇشايمان
221.    كاشانە: ئىگىز، زىننەتلەنگەن
222.    ئارەستە: بېزەش، زىننەتلەش
223.    زىنە-پايە: پەلەمپەي، بالداق
224.    بىر پەرسەڭ: سەككىز چاقىرىم
225.    گادا(گەدا): گاداي
226.    قۇرئە: پال تېشى
227.    قىيام: چۈش ۋاقتى
228.    سۇمبۇلە: 8-ئاي
229.    كىمخاپ: زەر تۇماق
230.    كىبرانە: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، كۆرەڭلەش
231.    موۋۇت پەنجىرە: ئۇزۇن چاپان
232.    شەنگەن يامۇل: ھازىرقى ناھىيە دەرىجىلىك تۈرمە
233.    گوجەي: لاتا
234.    بىجا: ئىجرا
235.    سوگو: ناھايىتى كەمبەغەل
236.    ئەييۇھانناس: دېققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار
237.    تاۋى: روھى،مىجەزى
238.    سىركاي: چىنە
239.    دەرقەمتە: توپلۇشۇش، يۈزمۇ-يۈز
240.    ۋەجى: سەۋەپ
241.    چەش بۇغداي: ساپ بۇغداي
242.    ئاۋام: خەلق
243.    بۇزاقى: بۇزۇق
244.    بويۇنتاۋلىق: بويسۇنماسلىق
245.    مالىخاي: قالپاق
246.    ھۇششەرە: ئەقىللىق
247.    چۇلۋۇر: يۈگەن
248.    خاڭدۇق: سادىر پالۋاننىڭ لەقىمى
249.    مۇھەييا: تەييار
250.    پازىل: ئالىم،بىلىمدار
251.    ئىسمەت: نومۇس، ئىپپەت، پاكلىق
252.    زەرد: ئوت
253.    غەنىم: دۈشمەن، تاۋ
254.    جەبرۇبىداد:  ھىچكىمگە ئەرز-داد قىلالماي نائىلاج قېلىش
255.    ۋەلى: ئەۋلىيا
256.    لەئىل: قىزىل ياقۇت
257.    ھېسارى: قەلئە،ئىستىھكام
258.    زەراپەت: ھۇشيارلىق
259.    سەھبا: ۋىنو، قىزىل شاراب
260.    مۇسەپپا: ساپ
261.    ئەغيار: ئۆزگە، باشقا، يات
262.    زىنھار: ھەرگىز
263.    زىند: بىپەرۋا، بولۇمسىز
264.    پارسا: يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى
265.    خۇم(خۇمرا): كوزا
266.    بۇنيات: ئىشقا ئېشىش، ۋۇجۇتقا چىقىش
267.    مەردۇم: ئەل، خەلق
268.    ئىمراد: مەدەت، ياردەم
269.    ناكەس: پەسكەش، ۋىجدانسىز
270.    زوھۇر: پەيدا بولۇش، نامايەن بولۇش، كۆرۈنۈش
271.    يوق ئىنتىھاسى: ئاخىرى يوق، تۈگەنچىسى يوق، پايانى يوق
272.    سابىت: ئېغىشماس، مۇستەھكەم
273.    تەۋق: بويۇنتۇرۇق
274.    ھەرچەند: ھەرقانچە، كۈچىنىڭ بارىچە
275.    مەلۇل: خاپا، غەمكىن
276.    مەۋزۇن: ۋەزىنلىك، شېئىرىي
277.    خىرارمەند: ئەقىللىق، دانا
278.    ئەنداز: قېلىپ، شەكىل، مودىل
279.    ئەھرەمەن: دىۋە
280.    مۇرۇۋەت: رەھىمسىز، ئادەمگەرچىلىكى يوق
281.    زەلىل: پېقىر، نامرات، ئاجىز
282.    نىش: نەيزە، تىغ
283.    دۇم: قۇيرۇق
284.    مار: يىلان
285.    كەرەم: ھىممەت
286.    رىيا: ئىككى يۈزلىمە
287.    لاش: ئۆلەرمەن
288.    ھەزىل: چاقچاق
289.    باتىنىڭ: ئىچكى دۇنيايىڭ
290.    كەمەك: قەدىمقى ئىران شاھلىرىدىن جەمشىدنىڭ ھەييارى
291.    بادى سابا: سۈبھى شامىلى، تاڭ شامىلى
292.    تاپاخور: پەخىرلىنىش، پەخىرلەنمەك
293.    كىرامەن كاتىبىن: پەرىشتىلەرنىڭ ئىسمى،ئۇلار ئادەمنىڭ ئىككى مۈرىسىدە تۇرۇپ بىرى ياخشىلىقنى، يەنە بىرى يامانلىقنى يازارمىش.
294.    چەرخى كەيۋان: چاقتەك ئايلانغۇچى پەلەك
295.    شىرى  غەرران: قورامىغا يەتكەن شىر
296.    بازۇ: بىلەك
297.    ئەپلاك: پەلەك
298.    ھەۋزىكەۋسەر: كەۋسەر كۆلى، شەربەت كۆلى
299.    بەھرى ئۇممان: ئۇممان دەرياسى
300.    پەلىد: ئىپلاس، نومۇسسىز
301.    سەمەندەر: ۋولقانلارنىڭ ئىچىدە يۈرىدىغان ئوت چاشقىنى
302.    شاقاۋەت: بەختسىزلىك
303.    مەنھۇس: يوق قىلىنغان، نابۇت قىلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن
304.    زاغۇ-زوغەن: قاغا-قوزغۇن
305.    چەرخى بۇنياد: مەۋجۇت دۇنيا
306.    ئەغيار: غەيرى
307.    بىخى بۇنيادىن: بىخ ۋە يىلتىزى
308.    مەزھەر: دەھشەتلىك سەت كۆرۈنۈش
309.    قىرمىز: گۆزەل
310.    بىتىمىز: تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدىغان،تاتلىق

مەنبە:مەن
                 2. تېمىدىكى سۆزلەردە خاتا بولۇپ قالغان جايلىرىنى ئۇچراتسىڭىز توغرىسىنى ئىنكاستا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
burkvt + 16 جاپا چېكىپسىز
Aytugh + 500 نادىر تېما
hokumran + 200 بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر.
asrari + 100 پايدىلىق ،ئەجىرلىك تېما.
باياۋان + 50 ئەجرىڭىزگە بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 866   باھا خاتىرىسى

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ. http://waksina.com  ۋاكسىنا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97740
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 06:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەر خېلى باركەن...

ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51975
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3425
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-8-17
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 06:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن كۆپ،رەھمەت.ئەمدى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سوراپ،ئۇلارنى ئاۋارە قىلمايدىغان بولدۇم.

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 06:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ، مەن ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي .

ئەمەتجان مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1176
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13854
تۆھپە نۇمۇرى: 1151
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 06:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى جايلىرىنى تەھرىرلەي دېسەم ۋاقىت ئېشىپ كەتتى دەپ چىقىۋالدى، http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=968
بۇ ئادرىستا  تەھرىرلەنگىنى بار.

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ. http://waksina.com  ۋاكسىنا مۇنبىرى

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9121
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7003 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 06:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ، شېئىرىيەتتە سۆزلەر مەزمۇنى چوڭقۇر ، ئىخچام بولۇشى لازىم . ئۇنداق بولمىغاندا ئادەتتىكى سۆزلۈك-جۈملىلەردىن پەرقى بولمايدۇ . سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە نۇرغۇن لۇغەت تەركىبىگە ئىگە بولدۇق .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29116
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 07:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى ئىجادىيەتلەرگە يول باشچى، كەمتۈك تىللارنى راۋانلاشتۇرغۇچى سۆزلەركەن!!!
رەھمەت تېما ئىگىسى

كىمنى كۆرسەڭ ئۆز يايرىم دېمە،يار بولالماس ئۆتكەن~كەچكەنلەر…

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3216
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9826
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 07:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رھمەت،مۇنبەر شائىرلىرىغىلا ئەمەس ،ئۇقۇپ چۈشەنگۈچىلەرگىمۇ پايدىلىقتە بۇ.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 09:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىسيار دىگەن سۆزنىڭ بۇنداقمۇ مەنىسى باركەندە ، مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىر قىلغان چاغاتاي يىزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقى سىلىشتۇرما لۇغىتىدە بىسيار دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى مۇستەھكەم ،قاتتىق ...دەپ كۆرگەن ئىدىم !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2575
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21717
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9991 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 10:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسۇن ، مەيلى باشقا كەسىپتىكىلەر بولسۇن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىلىملەركەن . سۆزلۈكلىرىمىزنىڭ لوغەت مەنىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى . بۇ سۆزلۈكلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر ئەسەردە ئالدىمىزغا ئۇچرىغىنىدا، ئاشۇ ئەسەرلەرنى چۈشۈنۈۋېلىشىمىزغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ .
   تېما ئىگىسى ئەجرىڭىزگە، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت .

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش