رامىران كېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن رامىزاننى بەكمۇ سېغىنغان ئىدىم ، رامىزان ئايلىرىنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم، چۈنكى رامىزان كىرسە ئۆزۈمنى خۇددى باشقا بىر يەرگە بېرىپ قالغاندەك ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى ، مەغفىرەتلىرى ھەددى-ھىساپسىز يېغىپ تۇرىدىغان مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئىلگىرى بىلىپ -بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىز ، ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدىغان داستىرخانغا تەرييارلىق قىلىۋېلىشنى ئويلىسام ۋۇجۇدۇم بىر خىل ئىللىق سېزىمگە تولاتتى، شۇ سېغىنغا رامىزانمۇ كەلدى . ئەمما ‹ مۇبارەك رامىزان كەلدى › دەپ بولغۇچە يەنە كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇلۇغ رەببىم كېلەركى رامىزانغا ئۆمرىمىزنى ئۇلاشتۇرسۇن ، گەرچە ئاللاھقا يارىغۇدەك ئىبادەت قىلىپ بۇلالمىساقمۇ مىھرىبان ئاللاھىم شۇ قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن ، شۇ قىلغان دۇئالىرىمىزنى ئىجاۋەت قىلسۇن ، (ئامىن)
شۇ قىممەتلىك قەدىر كېچىسىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي ........
ئاللاھ شۇلارنىڭ دىلىنى يورۇتقايسەن