راسا كۈلۈپتىمەن ما ئېلتېكىننىڭ توپ تارقاتقان يۇمۇرلىرىنى ئوقۇپ.....
ما شاتئاي دېگەن نەۋرەم تاس قالدى دېسە ئۇ يالغانچىغا ئالدىنپى كەتكىلى...
ئېلتېكىن سەپەرگە كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدە كۆرسەتكۈچتە :
-بۇ يولدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ،باشقا يولدا مېڭىڭ! -دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ،ئۇ ئالدى تەرەپكە قاراپ بۇ يول ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئالدىنى توسىۋالىدىغان بىرەر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ،ئۇزۇن ئۆتمەي بۇزۇلۇپ كەتكەن بىر كۆۋرۈك ئۇنىڭ يولىنى توسىۋاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز كەينىگە يېنىپتۇ.ئۇ بايىقى يول بەلگە تاختىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە تاختىنىڭ كەينى تەرىپىگە :
قايتىپ كەلگەنلىكىڭنى قارشى ئالىمىز كالۋا!-دېگەن خەتنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ