مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mufassir

بۇ تېپىشماقلارنى تېپىپ بېقىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلە ئۆز ھايا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45168
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 09:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاۋابىنى قاچانلىققا ئىلان قىلىسز. تىزراق دەۋىتىڭە.

مىڭىشقا ئىرىنسەڭ ،يۇگۇرەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50021
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1756 سائەت
تىزىم: 2011-8-1
ئاخىرقى: 2011-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 10:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرناننى6پارچىدىن بۇلسە5نان 30پارچەبۇلىدۇ.3 ئادەم 10پارچىدىن يەيدۇ،كىيىن كەلگەن ئادەم ھەر 2پارچىسى ئۇچۇن1تەڭگىدىن10پارچىسى ئۇچۇن5تەڭگەبەرگەن،2نىنى بار ئادەمنىڭ نىنىدىن 2پارچىلا يىگەن،شۇڭا2نىنى بارئادەم1 تەڭگە3نىنى بار ئادەم4تەڭگە ئالسا بۇلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38987
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4260
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 11:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە 21-قەۋەتتىكى دوستىمىزنىڭ ئاساسى باردەك قىلىدۇ،مەن ئويلاپ تاپالمىدىم.

ئادەم شۇنداق ياشىشى كىرەككى ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىگە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن.

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:19:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋىتىڭە جاۋابىنى، كىچىچە ئۇيقۇم قاچمىسۇن مىنىڭ!

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49686
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-نىڭ جاۋابى ئۇلار ئۈچى ئۈچ نان يىگەن ئاشقان ئىككى ناننى ئىككى نىنى بارغا بەرگەن ھەمدە بىر تەڭگە بەرگەن شۇنىڭ بىلەن ھەرئىككىلىسى رازى بولغان.
قالغان ئىككىسىنى مەنمۇ بىلمىدىم چۈنكى ھىسابلىق ئەمەسكەن ئەمەسمۇ؟

ئەتە ئۈچۈن تىرىشايلى!!! ئالغا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2387 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:54:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hammisi hata!

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50825
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 02:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50825
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 02:38:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەقەتلا قامچىغا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3063
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120005
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3252 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 09:31:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ھەممىدىن جاۋابلارنى ئاڭلىغىم كېلىۋاتىدۇ . ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېڭى تېپىشماقلار ئىكەن .

ۋاقىت رەھىمسىزلىك بىلەن تەرجىمھالىمنى يېزىۋاتىدۇ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12673
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9263
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 05:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىمىزنى قوغدىيالمىدۇق، ئەمدى ھوقۇقىمىزنى نېمىگە تايىنىپ قوغدايمىز ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جايلار يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشلىرىدا  بەزىبىر ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغى ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ئارقا-ئاقىدىن قانۇن نىزاملارنى چىقىرىپ پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق –مەنپەتىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن جايلار مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇن بىلەن قارشىلىشىپ، ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق دەخلى-تەرۇز قىلماقتا، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەركەز بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇن « ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەر ئېلىش ۋە چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۆچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى » ( ش ھ ب ‹ 2010› 139 –نۇمۇرلۇق ) ھۆججەت ( تۆۋەندە « پىكىرى » دېيىلىدۇ ) تارقىتىپ، گوۋۇيۈەن 2011-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىن جىياباۋ ئىمزا قويغان 509-نۇمۇرلۇق گوۋۇيۈەننىڭ بويروغىنى تارقىتىپ ( تۆۋەندە « نىزام » دەپ ئاتىلىدۇ )، زىمىن بايلىغى مىنىستىرلىقى جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەجبۇرى ئېلش، مەجبۇرى چېقىش قىلمىشىنىڭ قەتئي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما قىسمەن جايلار بارغانسىرى ئەسەبىلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قايتا-قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېقىپ-كۆچۈرۈشتە چوقۇم قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، ساقچى كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرماسلىق، دېھقانلارنى بىناغا كۆچۈرۈشكە زورلىماسلىق، مەجبۇرىي چېقىش قىلمىشىنى قەتئى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چېقىپ كۆچۈرۈشكە ھۆكۈمەت ئارىلاشماسلىق، تۆلەمنى « ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم- ئۆيلەرنى قايتۇرۇۋېلىش قارارى ئىلان قىلىنغان كۈنىدىكى ئوخشاش رايۇندىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، غەيرىي ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆيلەرنى قايتۇرۋېلىش قارارى ئىلان قىلىنغان كۈنىدىكى ئوخشاش ئۆيلەرنىڭ ئۆي، يەر مۈلۈك بازىرىدىكى باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كىرەك، تۆلەمنى ئۆينى قايتۇروۋالغۇچى بىلەن ئۆيى قايتۇرۋېلىنغانلار كېلىشىش ئارقىلىق بېكىتسە بولىدۇ » ( شىنجاڭ گېزىتى » 2011-يىل 5-ئاي 21-كۈنىدىكى سانى 3-بەت ئۇيغۇرچە نەشىرى ) دەپ قايتا قايتا بويرۇق قىلغان، ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئەمما قىسمەن جايلار چېۋىقىغا ئالماي، بارغانسىرى ئەسەبىلىشپ كېتىۋاتىدۇ.
يوقارقىدەك ئەھۋال پەيزاۋات ناھىيىسىدە بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى خېلى كۆپ بىر قىسىم خىزمەتچى يىمەي-ئىچمەي مائاشىدىن يىغقان پۇلغا يەر سېتىۋېلىپ، تۇلىمۇ تەستە شەخسى ئۆي سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجىرى قىلچە ئىتىبارغا ئېلىنماي، ھوقۇقى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىدى، يەنى پۇقرا-دېھقان، كادىر، ئەر –ئايال، چوڭ-كىچىك... دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە خىلىغا ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى « سالاھىيىتى » گە، « جىنسى » غا ئاساسەن ئېغىر ياكى يەڭگىل دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي ئورنى قانچىلىك بولىشىدىن، سالغان ئۆينىڭ كۆلىمى قانچە كۇۋادىرات مېتىر بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئىككى –ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئائىلىگە 7 فۇڭدىن ئۆي ئورنى كېسىپ بەرگەن بولسىمۇ 2010-يىلىدىن باشلاپ بىردەك ئۆي ئورنى كېسىپ بەرمىگەننىڭ سىرتىدا ئۆي ئورنىغا تۆلەم بەرمىدى ياكى ئۆي بەرمىدى، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر، پەرزەنتىنىڭ قانچە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆي ئورنىغا 50 كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر ئۆي بەردى، ئەگەر دېھقان بولۇپ، بىر ئېغىزلىق كەپە ئۆيى بار، لىكىن ئۇنىڭ توي قىلىش يېشىغا يەتكەن 5 ئوغلى بولسا ئۇنىڭ ئۆي ئورنى ، ئۆي كۆلىمى بىلەن ھېساپلاشماي ھەر بىر ئوغلىغا 50 كۇۋادىرات مېتىرلىقتىن بىردىن بەش يۈرۈش، ئۆزىگە بىر يۈرۈش جەمئى 6 يۈرۈش ئۆي بەردى؛ ئەگەر قانچە پەرزەنتى بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ كىشنىڭ ئوغلى بولماي پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى قىز بولسا، ئۇنىڭ يېشىنىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆي بەرمىدى، ئومۇمەن قىلغاندا خىزمەتچى قالپىغى بارلار، پەرزەنتلىرى كىچىك دېھقانلار، پەرزەنتى قىز دېھقانلار ناھايتى كۆپ زىيان تارتتى.
ئەسلىدە پەيزاۋات ناھىيىسىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي ئورنىغا 50 كۇۋادىرات مېتىرلىقتىن بىر يۈرۈش ئۆي بېرىش لايىھسىنى تۈزۈپ تارقاتقان، لىكىن بۇ ناھيىنىڭ ھاكىمىنىڭ « خىزمەتچىلەرگە ئۆي بېرىپ نېمە قىلىمىز، خىزمەتچىلەرنىڭ خېلى بىر قىسمى تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ بولدى، سېتىۋالمىغانلىرى مائاشى بولغاندىن كېيىن سېتىۋالالايدۇ ... » دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھاكىمنىڭ سۆزى « قانۇن » ئورنىغا دەسسەپ خىزمەتچىگە ئۆي بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئۇمۇمەن قىلغاندا بۇ ناھىيىنىڭ قىلغانلىرى مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ نىزام، بويرۇق، ھۆججەتلىرىغا تامامەن زىت بولۇپ، بۇلارنىڭ دەلىلى سۈپتىدە ئىككى خىل سالاھىيەتتىكى ئىككى كىشنىڭ ئۆيىنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈلۈشىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن؛
بىرى ئۆزۈمنىڭ ئۆيى بولۇپ، مەن 2005-يىلى 718 كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ناھايتى كۆپ پۇلغا سېتىۋېلىپ، بۇ جاي يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي بولغىنى ئۈچۈن 150 مىڭ دانە پىششىق قىش، ئىككى توننا پولاپ چىۋىق، 30 توننا سىمونت ئىشلىتىپ، ھەر بىر ئېغىز ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى بىتون بىلەن قاتۇرغاندىن باشقا ھەممە ئۆينىڭ ئىككى جايىغا پۇلات چىۋىق- بىتون بىلەن چاچاپ قۇيۇپ 16 ئېغىز، ئۈچ يۈرۈش، 260 نەچچە كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە 9 بال يەر تەۋرەشكە چىداملىق داچا شەكىلدە ئۆي سېلىپ، ئىنتايىن چىرايلىق بېزىگەن، بېزەش، پار، ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقىلا 100 مىڭ يۈەن پۇل خەجلىگەن ئىدىم، بىراق بۇ قېتىم مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئورنىغا ئاستى ماگزىن ئۈستىگە مەبلەغ توپلاپ سالىدىغان شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، ئۆيى چېقىلغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئالمايلا ھۆكۈمەت تەرەپ تەكلىپ قىلغان باھالاش شىركىتى تەرپىدىن بىرلا ۋاقىتتا سېلىنغان ئوخشاش ئۆينىڭ ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىرىنى 540 يۈەن، 320 يۈەن ۋە 270 يۈەن ئۈچ خىل باھادا 118 مىڭ 251.40 يۈەن باھالىدى، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئورنىغا مەبلەغ جۇغلاپ سېلىنىدىغان بىر كۇۋادىرات مېتىر ئۆينىڭ باھاسىنى 1350 يۈەن، ماگزىننىڭ ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىرنى 5000 يۈەن، تاۋار ئۆينىڭ باھاسىنى 1850 يۈەن چىقاردى،  مەن « نىزام » دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ باھاغا قۇشۇلمايدىغانلىغىمنى ئېيتىپ قايتا باھالاپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويدۇم، بىراق قايتا باھالىماي، قايتا تەكشۈرۈپ « كۆلەمدە ئازىراق چۈشۈپ قاپتۇ» دەپ ئۈچ مىڭ نەچچە يۈز يۈەن قوشتى، مەن يەنىلا رازى بولماي، گوۋۇيۈەن چىقارغان « نىزام » ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قويۇش پىكىرى » نى كۆرسىتىپ « يۇقىرنىڭ ھۆججىتىدە ‹ ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆيلەرنى قايتۇرۇۋېلىش قارارى ئېلان قىلىنغان كۈنىدىكى ئوخشاش رايۇندىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئادەتتكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىغى لازىم » دەپتۇ، سىلەر بۇ ھۆججەتلەردىن خەۋىرىڭلار يۇقمۇ؟ » دەپ سورسام، باھالىغۇچىلار « ناھىيە بىزگە ئەڭ يۇقىرى باھا   ** يۈەندىن ئوتتۇرا باھا ** يۈەندىن، تۆۋەن باھا ** يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك» دەپ باھا بەلگىلەپ بېرىدۇ، بىز ناھىيىنىڭ باھاسى بويىچە باھالايمىز » دەپ قايتا باھالىغىلى ئۇنمىدى، مەن يەنە « نىزام » ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قۇيۇش پىكىرى » نىڭ روھىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە باھالاش سالاھىتىگە ئىگە « شىنجاڭ شىچىڭ ئۆي –مۈلۈك باھالاش شىركىتى » نى تەكلىپ قىلىپ باھالاتتىم ۋە ئۇلارغىمۇ  « نىزام » ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قۇيۇش پىكىرى » نى كۆرسىتىپ، مۇشۇنىڭ روھى بويىچە باھالاپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويسام، ئۇلار باھالاپ بولۇپ « سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ سۈپەت ۋە باشقا تەرەپلەردىن قارىغاندا بىز باھالىغان ئۆيلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىكەن، بىزمۇ باشقا ناھىيىلەردە چېقىپ-كۆچۈرۈش ئۆيلىرىنى باھالىغان، بىز ھۆججەت روھى بويىچە باھالىساق، ناھىيە ئۈستىمىزدىن ئەرىز قىلىدۇ » دەپ يۇقىرىسىنى ھەر كۇۋادىرات مېتىرنى 950 يۈەن، ئەڭ تۆۋەننى 750 يۈەندىن باھالاپ 240 مىڭ 649 يۈەن چىقاردى، گەرچە مەن بۇنىڭغىمۇ قايىل بولمىغان بولساممۇ ئىلاجىسز ناھىيىمىزنىڭ « مەجبۇرى چاققۇچى » لىرىغا ئىككىنجى قېتىملىق باھالاش جەدىۋىلىنى كۆرسىتپ مۇشۇ بويىچە تۆلەم ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسام، ئۇلار بىز ناھينىڭكىنى ئىجىرا قىلىمىز، دەپ ئىتىراپ قىلمىدى، مەن ناھيىدىن « مەجبۇرى چېقىش » گۇرۇپپىسى مەسئۇلىغا « نىزام » بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قۇيۇش پىكىرى » نى بېرىپ، « بۇ ھۆججەتنى سىلەرنى ئۆي چېقىشقا بۇيرىغان ناھىيە باشلىقىغا كۆرسىتپ ماڭا جاۋابىنى بېرىڭلار، ناھىيە مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سىياسىتىنى ئېجىرا قىلامدۇ ياكى ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلىگىلەش ھوقۇقى بارمۇ؟ مەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ئاندىن چاقىمەن » دېسەم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن « ناھيىنىڭ ئۆز ئالدىغا باھا چىقىرىش ھوقۇقى بار، بىز ناھيىنىڭكىنى ئىجىرا قىلىمىز، ئەگەر چاقمايدىكەن مەجبۇرى ئىجىرا قىلىمىز » دېگەن جاۋابىنى بەردى. ئەمما ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىمىنى قىستاپ كەتتى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قۇيۇش پىكىرى» نىڭ 2-ماددا 5-تارمىقىدا « ...قورقۇتۇش ياكى باشقا زوراۋانلىق ئىشلىتىش، بېسىم قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، چېقىپ كۆچۈرۈشكە، ۋەزىپىسىدىن توختۇتۇش، ئىش ئورنىدىن ئايرىۋېتىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، خىزمەتتىن چىقىرۋېتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۆي چېقىپ كۆچۈرۈلىدىغانلارنى تۆلەم، ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاشقا ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىمۇ چېتىۋېلىشقا بولمايدۇ... » دەپ ئېىنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارغا پىسەنت قىلماي، پەرزەنتلرىمنى چاقىرتىپ ماڭا خىزمەت ئىشلەتكۈزدى، مېنىڭ پەيزاۋاتتىكى ئۈچ پەرزەنتىمنىڭ ئۈچىلىسى « يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇغىدەك باشلىق » بولۇپ، ئۇلار « ئەمىلى » دىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن، كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن قورقۇپ، يىغلاپ يالۋۇرۇپ مېنى ئۆينى چېقىشقا مەجبۇرلىدى، « مەجبۇرى چېقىپ كۆچۈرۈش » گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىغى بىر قېتىملىق يىغىندا « راخمانجان ئىككى ھۆججەتنى كۆتۈرۋېلىپ، بىز باشقىلارنى ئۆي چاقتۇرالمىدۇق » دەپ دوكلاپ قىلىپ مېنى ۋە پەرزەنتلىرىمنى ۋەھىمىگە سالغاچقا مەن ئۆينى چاقتىم.
يەنە بىرى مېنىڭ قوشنام مىجىت تۇرسۇن بولۇپ ئۇ دېھقان، ئائىلىسىدە بەش نوپۇس، ئىككى ئەمگەك كۈچى بار، ئۈچ پەرزەنتى كىچىك، ھەممىسى ئوقۇيدۇ، ئۆيى شەھەر ئىچىدە بولغاچقا تېرىلغۇ يېرى يوق، مىجىت تۇرسۇن ئەسلى شۇ يەرلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئۆيىنى يېڭىلاپ ئولتۇرغان، ئۆينىڭ ئۇمۇمى كۆلىمى 416.47 كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى گەرچە پىششىق قىش قۇرۇلمىلىق ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق ( يەر تەۋرەش مەركىزى بولغاچقا ئۆيلىرنىڭ بىر قىسمى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ياغاچ قۇرۇلمىلىق سالغان ). بۇنىڭ ئىچىدە 112.7 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە 8 ئېغىزلىق سودا دۇكىنى بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى بەش نۇپۇس ئاشۇ سودا دۇكىنىدىن ئالىدىغان 2400 يۈەن ئىجارىسىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسىنى 430 يۈەندىن ئەڭ تۆۋىنى 170 يۈەندىن جەمئى 106 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشۇ بەش نۇپۇسنى بېقىۋاتقان، ئىككى پەرزەنتىنى ئۇقىتىۋاتقان 112.7 كۇۋادىرات مېتىر دۇكاننىڭ ھەركۇۋادىرات مېتىرى 170 يۈەندىن 19 مىڭ 159 يۈەن چىققان، بۇلاردىن باشقا بۇ دېھقاننىڭ 416.47 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆيىنىڭ ئورنىغا 50 كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر ئۆي بەرمەكچى بولغان، ئۇ بىچارە دېھقانمۇ گوۋۇيۇەننىڭ « نىزام » ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « يولغا قۇيۇش پىكىرى » نى كۆتىرىپ تەرەپ-تەرەپكە چاپقان، باشلىقلارنى ئىزدەپ ھال ئەھۋال ئېيتقان بولسىمۇ ھەتتا « ئۆي بەرمىسەڭلارمۇ گەمە كولاپ ئولتۇراي، بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق يۇلۇم ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، بىر ئائىلىنى بېقىۋاتقان دۇكاننىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان دۇكاندىن دۇكان بېرىڭلار » دەپ يالۋۇرسىمۇ كارى بولماي توك –سۈيىنى كېسۋەتكىلى بىر ئاي بولغان ۋە مەجبۇرى چېقىشقا يوللىغان. قىزىق ئىش، « نىزام» دا ئۆيلەرنى قايتۇرۇۋېلىشتىكى تۆلەم شەكىلىدە « پۇل ئارقىلىق تۆلەم بېرىش ياكى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقنى  تېگىشىش شەكلىنى ئۆزى تاللايدۇ... ئۆيى قايتۇرۋېلىنغۇچى ئۆزگەرتىپ ياسالغان جايدىن ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىغان بولسا، ئالدىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەك » دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن تۇرۇغلۇق يەنە نېمىشقا ئۆيى چېقىلغۇچىنىڭ توك –سۈيىنى كېسىۋىتىدۇ؟ يەنە نېمىشقا مەجبۇرى چېقىشقا يوللايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى نېمىشقا ئۈزۈپ قويىدۇ؟
قىسقىىسى پەيزاۋات ناھيىسىدىكى كۆچۈرۈپ چېقىش مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنغا، گوۋۇيۈەننىىڭ« نىزام »غا ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ « ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىكىرى » گە خىلاپ بولۇپ، يۇقىرىدىن قايتا-قايتا ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، تۈزتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھەتتا گوۋۇيۋەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى زوڭلى ۋېن جىياباۋنىڭ رىياسەتچىلىگىدە گوۋۇيۇننىڭ دائىمى يىغىنى ئېچىپ « يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى» ( «شىنجاڭ گېزىتى » 7-ئاي 22- كۈنى 3-بەت ) نىڭ (3) دە « دۆلەت يېرىگە سېلنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۇلۇقلىما بېرىش نىزامى » نى ئەستايىدىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى كوللىكتىپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى باشقۇرۇشنى تېز قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، يەر ئېلىش ئۆي چېقىش ۋە كۆچۈرۈش جەرياندا كۆرۈلگەن قانۇنغا خىلاپ دېلولاردا قانۇن بويىچە بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنىسىپىغا ئاساسەن مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىش قىلمىشىنى قەتئى تۇسۇش كېرەك » دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ نىمىشقا بارغانسىرى ئەشەددىلىشپ كېتىدۇ ؟ ئۇنداقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۇرۈشكە تۈگۈل، ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئۆستۈرۈلىدۇ ؟ ( بۇ ناھىيىنىڭ ھاكىمى يېقىندا ئۆستۈرۈلىدى)
پەيزاۋات ناھيىسىدىكى ئۆيى چېقىلغۇچىلار مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنى چىقارغان نىزام، سىياسەت، بەلگىلىمىلەر ۋە مۈلۈك ھوقۇقى قانۇننىڭ ئۆز ئەينى ئېجىرا بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد قىلىدۇ، يەر ئېلىش، ئۆي چېقىش ۋە كۆچۈرۈش جەرياندا كۆرۈلگەن قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈپ ئاشكارىلىشنى، كەڭ پۇقرالارنىڭ زارىنى مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈشنى چىن كۆڭلىدىن ئۆتىنىدۇ.
ئەگەر يۇقىرقى ئىنكاس ئەھۋاللار يالغان بولسا مەن پارتىۋىلىكىم، ئادىمىلىگىم بىلەن جاۋاب قىلىمەن، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ ئاشكارىلاشنى خالايدىغان مۇخبىر بولسا بېرىپ-كېلىش كېرا، تاماق-ياتاق ۋە باشقا ھەر قانداق چىقمغا ئىگە بولۇشنى خالايمەن ھەمدە ئالدىن ئىۋەتىمەن.
ھۆرمەت بىلەن؛
پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى ئۆيى چېقلغۇچى پۇخرالارغا ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى مۇدىر مۇخبىر راخمانجان رۇسۇل  ( 1996-يىلى ئاخبارات ساھەسىدە مۇدىر مۇخبىرلىق ئۇنۋانى ئالغان )
تېلىغۇن ؛ 13999086084
( ئادىرىسى؛ شىنجاڭ يېزا- ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسى )

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش