ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 23قەۋەت zuber كە 2011-09-03 11:40 PMئەۋەتىلدى :
مېنىڭدىن مۇھەممەد رەسۇلغا سالام،
يەتكۇزۇپ ئېيتسىڭىز مۇنداق بىر كالام.
نە ئۇچۇن شەرىئەتتە شۇنچە ئېچىغان،
ئايران ئۇ ھالالۇ، پاكىز مەي ھارام؟
ئومەر ھەييام
بۇرادەر،شەرق پارىس ئەدەبىياتىدا ئۆمەر ھەييام بىر تالانتلىق شائىر ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىسىل رۇبائىيلىرى بار لىقىنى ئىنكار قىلمايمەن.
بىراق ئۇ شارابخور ، ئىسلامنى مەسخىرە قىلىدىغان بىرمۇنچە نەرسىلەرنىمۇ يازغان. (ئەلۋەتتە، رىياكار سوپىلارنى ، دىننى دۇنيالىق مەنپەئەتكە تىگىشكەن ئاتالمىش ئۆلىما ،پارىخور قازى- مۇپتىلارنى قامچىلاپ يازغان رۇبائىيلىرىنى بۇ قاتاردا سانىمىدىم) شۇڭا ئىتقاد جەھەتتەئۇ بىر مۇرتەد!
سىز ئۇنىڭ بۇ ئىسلامنىڭ ھاراقنى ھارام قىدىغان قەتئىي ھۆكمىنى مەسخىرىلەپ يازغان رۇبائىيسىنى مىسال قىلىپ نىمە دىمەكچى ؟
مۇسۇلمان ئىكەنمىز ،ئاغزىمىزدىن چىققانغا ئىگە بولايلى ، بولمىسا مەمەدانلىق قىلىمەن دەپ، بىلىپ -بىلمەيلا ئىماندىن ئاجراپ ،ئاللانىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىمىز . گىپىمنىڭ خاتاسىنى كەچۈرۈپ ، توغرا تەرىپىنى قوبۇل قىلارسىز . ئاللا ھەممىمىزگە ساپ ئىتقاد ،ئىمان ئاتا قىلسۇن،ئامىين!