ئاپتور مۇقىم بايرام دەپ مىلادى كالىنىدارىدىكى مۇقىم كۈنلەرنى كۆزدە تۇتۇپتۇ ،ئارىسدىكى نۇرغۇن بايرام ،كۈنلەر خەلقئارا بويىچە تەبرىكلىندۇ ، بەزى بايراملارنىڭ بولسا ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ ،مەسىلەن
دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىمى 10ئاينىڭ 1-كۈنى ،سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ..ئۇنۋىرسال خاراكتىرلىك بىلىمنى خالىسڭىز بىلىپ قويۇڭ ....
ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى ئارقىلىق تەدرىجىي كىڭىيتىۋاتقان بىر دىن. تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا
ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مۇنچە ھىيت-ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلىرى شەكىللەنگەن. ئۇلار؛ ھىجىرىيە يېڭى يىل كۈنى، ئاشۇرا كۈنى، مەۋلۇد(مەۋلۇد نەبى)، مىئراج كېچىسى، بارت كىچىسى (شەبى بارات)، رامىزان، قەدر كېچىسى(لەيلەتۇل قەدر)،روزا ھېيت، قۇربان ھېيت.دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خاتىرە كۈنلەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋە ھەرقايسى مىللەتتىكى مۇسۇلمانلار ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بۇ خاتىرە كۈنلەرنى دىنىي خاتىرە كۈن سۈپىتىدە خاتىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقادىغا خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا ئۆز جايىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرى بويچە بۇ خاتىرە كۈنلەرگە يەنە بىرمۇنچە مەزمۇن شەكىللەرنى قوشۇپ خاتىرلەيدىغان بولغان
1.ھىجىرىيە يىڭى يىل كۈنى.
ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ، ئۇ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەركىتى كۆزىتىش ئار قىلىق ھىسابلايدىغان ۋە ھىجرەت(كۆچۈش) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل قەمەرىيە يىلنامىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئەرەپ ئەللىرىدە ھەم دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.
ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)دەسلەپكى دىنغا دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە(610-يىلدىن 639-يىلغىچە) يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كىلىنگەنىدى.
ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا روناق تېپىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان، ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەركىتى بويىچە ھېساپلايدىغان شەمسىيە(ئەرپچە سۆز بولۇپ،كۈن،قۇياش مەنىسىدە) يىلنامىسى، يەنە بىرسى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ۋاقىتنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە(ئەرەبچە سۆزبولۇپ، ئاي مەنىسىدە) يىلنامىسى ئىدى.
ئەرەبىستاندا ئسلام دىنى روناق تېپىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىپ ۋە بىرمۇنچە ئەللەرگە كېڭىيىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا شۇنچە زور نوپۇزغا ئىگە بولغان، يالغۇز ئەرەبىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئىسلام دىنى ۋەقەلىكلىرىنى ھېسابلايدىغان، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس بولىشى لازىملىقى ھىس قىلىنغان ۋە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەسىلە مۇھاكىمىگە قويۇلغاندا. شۇنداق بىر يىلنامىڭ بولىشىنى ھەممەيلەن بىردەك ماقۇللىغان، ئەمما قايسى ۋاقىتنى يىل بىشى قىلىش مەسلىسىدە نۇرغۇن لايىھىلەر چۈشكەن: بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ تۇغۇلغان يىلنى(مىلادى570-يىلى يەنى پىل يىلىنى) ئىسلام يىلنامىسىنڭ باش يىلى قلىشنى، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇيلى ئاخرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نى دۇنيغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىنى ئوتتىرىغا قويغان؛ بەزىلەر ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم)گە تۇنجى ۋەھى كەلگەن يىلنى(يەنى مىلادى 610-يىلنى) ئىسلام دىنىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇيىل مۇھەممەد ئەلەيھىسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نى ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا ۋەھى ئارقىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەلىگىنى بىلدۈرگەن ھەم ئىسلام دىنىنى روناق تاپقۇزغان دەپ ئوتتىرىغا قويغان؛ يەنە باشقا كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەلاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) كېلشى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ئۇلۇع ۋەقە، شۇنىڭدىن كىيىن ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ رىيازەت چىكىش دەۋرىدىن روناق تىپىش دەۋرىگە قەدەم قويدى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ھىجرەت بولغان يىلنى(يەنى مىلادى622-يىلنى)ئىسلام يىلىنامىسىنىڭ باشيىلى قىلش كىرەك دەپ ئوتتىرىغا قويۇشتى، يۇقۇرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچىسىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) بىلەن زىچ باغلنىشلىقق ئىدى. ئاخىرى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(مىلادى634-يىلدىن644-يىلغىچە خەلىپە بولغان) مىلادى639-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يۇقۇرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچۈنچىسى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان مىلادى 622-يىلنى ئىسلام دىنى يىلامىسىنىڭ باش يىلى قىلىشنى ماقۇللىغان ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى«ھىجرىيە»دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن. ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) مەككە مۇكەررەمەدىن ھىجرەت قىلىپ، مىلادى 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يىتىپ كەلگەنىدى. ئەمما ئەرەبلەرنى ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ھىسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇۋاقىتنى ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ئالدىغا سۈرۈپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرەيە يىلىنىڭ يېڭى يىل بىشىنى يەنى مىلادىيە بوىچە 622-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنىنى ھىجرىيە باشيىلىنىڭ يىل بېشى(يېڭى يىل بايرىمى كۈنى) قىلىپ بىكىتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر بۇ يىلنامە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بۇيىل مىلادىيە بويىچە 1389 يىل، ھىجرىيە بويىچە 1432يىل بولدى.(2010-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىجرىيە 1432-يىل باشلاندى). لىكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىىش كىرەككى، بۇ يىل ھىجرىيىنىڭ 1432-يىلى دىگەنلىك ھەرگىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلغىنىغا 1432 يىل بولدى، دېگەنىك ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلشى ئۇنىڭدىن مىلادى بويىچە 12 يىل ئىلگىرى، ھىجرىيە بويىچە 13 يىل ئىلگىرى(ئادەتتە شۇنداق دىيىلىدۇ) يەنى مىلادىيە 610-يىلى 9-ئايدا ھىرا غارىدا ئاللاھ تائالادىن ۋەھى چۈشكەندىن كىيىنلا باشلانغان. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلشقا باشلغىنىغا بۇ يىل مىلادىيە بويىچە 1401 يىل، ھىجرىيە بويىچە 1445 يىل بولدى، دەيمىز.
2_ئاشۇرا كۈنى.
ئاشۇرا-ئەرەبچە«ئاشىر» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «ئونىنچى» دېگەن مەنىدە. ئاشۇرا كۈنى ھىجرىيە مۇھەەررەماي(1-ئاي)نىڭ 10-كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاللاھ تائالا مۇشۇ كۈنى جەننەت، دوۋزاخ ۋە ئىنسان(ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا)نى ئاپىرىدە قىلغان، شۇڭا بۇكۈن مۇقەددەس كۈن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئادەم ئەلەيھىسالام(ۋە ھەۋۋا ئانا)، نۇھ ئەلەيھىسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسالام، مۇسا ئەلەيھىسالام، داۋۇت ئەلەيھىسالام، سۇلايمان ئەلەيھىسالام، ئەييۇب ئەلەيھىسالام، يۈنۈس ئەلەيھىسالام، ئەيسا ئەلەيھىسالامدىن ئىبارەت 10 پەيغەمبەر مۇشۇ كۈنى ئاللاھ تائالا تەرەپىدىن خەتەردىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. يۇقارقى رىۋايەتلەر ئىچىدە مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاشۇرا كۈنى ختەردىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، يەھۇدىلار بۇ كۈننى روزا تۇتۇپ خاتىرلەيدۇ. مىلادىيە 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ دىنىي ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ، بۇ كۈننى روزاتۇتۇش كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. 623-يىلى ھىجرىيە 9-ئاي(رامىزان ئاي) روزاتۇتۇش ئىيى قىلىپ بەلگىلەندىن كىيىن ئاشۇرا كۈنى تەدرىجى ئىختىيارەن روزا تۇتۇش قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئاشۇرا كۈنى شىئەمەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە خاتىرە كۈنى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە680-يىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام(سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم)نىڭ نەۋرىسى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغىلى ئىمام ھۈسەيىن ئىراقلىقلار تەرىپىدىن خەلىفە قىلىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىراقتىكى كۇفە شەھىرىگە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا ماڭغان. مىلادىيە10-ئاينىڭ 10- كۈنى كەربالا شەھرىگە يېتىپ كەلگەندە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ، سانى كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، ئىمام ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ 200 دەك ئادىمىپۈتۈنلەي شىھىت بولغان. بۇ كۈن دەل ھىجىرىيە 61-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى ئاشۇرا كۈنى ئىدى. شىئەلەردە ھەريىلى مۇشۇ كۈنى تەدرىجىي ھالدا ئىمام ھۈسەيىننى خاتىر لەيدىغان تەزىيە كۈنى بولۇپ قالغان ۋە ئاشۇرا بايرىمى دەپ ئاتالغان. شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈن كەلگەندە داغدۇغلۇق خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بىر مۇنچلار مەسچىتلەردە ياكى ئائىلىسىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئىمام ھۈسەيىنگە تەزىيە بىلدۈرىدىغان قەسىدىلىرنى ئوقۇپ، ھەتتا شارائىتى بارلار كەربالا شەھرىدىكى ئمام ھۈسەيىن مەقبەرىسىنى يوقلاپ، بۇ ئۇلۇغ شىھىتكە بولغان تەزىيە ۋە ئىززەت-ئىكرامىنى ئىپادىلەيدۇ.
3-مەۋلۇد نەبى
«مەۋلۇد نەبى» بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ«پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب تارىخىي يادىكارلىقلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) مىلادىيە 570-يىلى، ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە تەقۋىمىدە پىل يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مەككە شەھرىدە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىمىلار جەمەتىدىن ئابدۇللا مۇتەللىپنىڭ ئامىنە ئىسىملىك ئايالىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ كۈن مەۋلۇد نەبى(پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)دەپ ئاتىلىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەردە يىزىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) ھىجىرىيەنىڭ11-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى(مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى) مەدىنىدە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان. بۇ كۈن «ۋاپات نەبى»(پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى)دەپ ئاتىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ۋاپات بولغان كۈنى ئوخشاش بىرۋاقىت(يەنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى) بولغاچقا مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى خاتىرە كۈننى «مەۋلۇد نەبى»دە ئۆتكۈزىدۇ. ئەرەب تارىخىي كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالا(سەللەلەھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)ۋاپات بولۇپ 300 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن شىئەلەرنىڭ فاتىمىيە سۇلالىسى(مىلادىيە 909-يىلدىن 1171-يىلىغىچە)ئەڭ ئاۋۋال مىسىردا مەۋلۇد نەبى خاتىرىسىنى ئۆتكۈزگەن. 12-ئەسرگە كەلگەندە ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن ئىراق پادىشاھى ئەبۇسەئىدنىڭ ئەمىرى بىلەن ئىراق مۇسۇلمانلىرى ھەر يىل ھىجىرىيە 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مەۋلۇد نەبىنى خاتىرلەيدىغان بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن مەۋلۇد نەبىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە رايۇنلىرىغا، كىڭەيگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق خاتىرە كۈنى بولۇپ قالغان. خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى ھەر قايسى جاي ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن مەلۇمدەرىجىدە پەرىقلىق بولسىمۇ، ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى مەسچىتلەرگە يىغىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەلاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)گە مەدھىيىلەر ئوقۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى، ھاياتى ئىش-ئىزلىرى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى قاتارلىقلار تەبلىغ قىلىنىدۇ. مەملىكىتىمىز ئىچكىرىدىكى بەزى رايونلاردا، مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە پوشكال، داش قايناق(كۈجە)، مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى ھازىرلاپ نەزىر بېرىپ خاتىرلەيدۇ. پايدىلانغان ماتېريال: شەمشەدىن ھاجىنىڭ «1950_يىلدىن 2050_يىلىغىچە ئىسلام دېنىدىكى ھىيت_ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلىرىنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىريە يىلنامىسى بويىچە سىلىشتۇرمىسى»(100 يىللىق سىلىشتۇرما) . داۋامى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthre ... amp;toread=1#787977