مەن بۇرۇن بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئاز قىسىمىنى مۇنبەرگە يوللاپ باققان ، بۇ قىتىم يەنە سىلەر كۆرۈپ باقمىغان ئاڭلاپ باقمىغان ياپونلۇقلارنىڭ يېڭى ‹‹تىخىنىكىلىرى››نى قوشۇپ يوللۇدۇم. ھوزۇرلانغايسىلەر.
بۇ ئارقىلىق سىز ھەر قانداق قىزىق تاماق يىيىشتىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇنۇڭدا كۈنلۈك ئاياغنىڭ ئۇچىغا بىكىتىلگەن بولۇپ ئايىغىڭىز ھەر قانچە قاتتىق يامغۇردىمۇ ھەرگىزمۇ ھۆل بوپ كەتمەيدۇ.
زۇكامداپ پوتلىسى ئېقىپ قالغانلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى.
يامغۇرلۇق، سوغۇق ھاۋا كۈنلىرى مۇنۇ كۈنلۈكنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، توڭلىمايسىز ، كىيىمىڭىزگە لاي چاچرىمايدۇ .
بۇ كۈنلۈكنى ئىككى قولىڭىز بوش بولمىسا بىشىڭىزغا قادىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، يامغۇرلۇق ياكى ئاپتاپلىق كۈنلەردە ،ۋىلسىپىت ھەيدەشكىمۇ ،ياكى كىتاپ كۆرۈشكىمۇ قولايلىق .
ئاياللىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش ئەرلەر مۇنۇ سوسكىنى سىتىۋىلىپ بالىسىنى باقسا ،ئانىنىڭ يوقلىقى پەقەت چانمايدۇ.
يىنىڭىزدا چاقماق يا سەرەڭگە بولمىسا مۇنۇ لومپا ئەينەكتە ئوت يىقىڭ ، يەنە ئۇنى ئېلىۋىلىپ يۈرسىڭىز، كىچىك نەرسىلەرنى خالىغان ۋاقىتتا چوڭايتىپ كۆرەلەيسىز .
مۇنۇ ساپما كەشنى كىيىسىز ، بەزىدە قۇرۇت قوڭغۇز، سۈۋەرەكلەرنى ۋاختىدا كۆرۈپلا قاچۇرىۋەتمەيلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسىز ، يەنە باللىرىڭىز گەپ ئاڭلىمىسا ئانچە- مۇنچە ساۋاپ قويۇشقىمۇ ئەسقاتىدۇ .
تۆت ئەتراپىڭىزدىكى مەنزىرلەرنى بىرلا ۋاقىتتىتا سۈرەتكە تارتقىلى بولۇدىغان ئاجايىپ ئاپىرات .
ئەپلىك ھەم قولايلىق يول يۈرۈش بەلگىسى قەغىزى ،يەنى سىز قاتناش يول يۇرۇش بەلگىسى يوق يەرلەردە ماڭسىڭىز ، مۇنۇ قەغەزنى ئىچىپ يەرگە يايسىڭىزلا سىزگە بىر يىشىل كاردۇر ھازىر بولۇپ، ھەر قانداق يەردە توسالغۇسىز ماڭالايسىز ، باشقلىلار سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ كاشىلا قىلمايدۇ .قاراڭ يول بەلگىسىنى يولغا بىرلا ئىچىپ سىلىۋىدى، ماشىنلارمۇ يول بەردى .
ئاپتوۋۇزغا چىقسىڭىز ئورۇن بولمىسا مانا بۇ ئەسۋاپنى ئىلىۋالسىڭىز ، سىزگە شۇنداق ئەسقاتىدۇ ، ئۆيگە بارغۇچە ھاردۇقىڭىزمۇ چىقىپ قالىدۇ.
قەلەم شەكىلىك بولكا ۋە نانلارغا ئەپلىك شىرنە سۇركۇگۇچ. يەنى ھەسەل ، قايماق، سىرىق ماي لازا ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇنداق قەلەم شەكىللىك نەرسىگە قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئەپلىك ياستۇق ، يەنى يولدىشى سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ئاياللار يالغۇزچىلىق ھىس قىلسا ئىرىنىڭ كۆينىكىنى مۇنۇ ياستۇققا كەيدۈرۈپ ئۇخلىسا يالغۇزچىلىقتا ئۆيدە قورۇقمايدۇ ، ۋە كۆينەكتىن ئىرىنىڭ ھىدى كىلىپ ، ئىرى ئۆيدە باردەك تۇيغۇغا كىلىدۇ .
كۆزگە ئەپلىك دارا تىمىتقۇچ ئەسۋابى
بۇ ھەر خىل كارتون سۈرەتلەرنى بولكىغا بىسىپ چىقىرىدىغان ماشىنا بولۇپ ، بۇنۇڭدا تاماق يىمەيدىغان بالىلارنى كارتون سۈرەتتىكى ئوبرازلارغا قىزىقتۇرۇپ تاماق يىگۇزۇش مەخسىدىگە يىتىدۇ .
بويتاق ئەرلەر ياستۇقى ،يەنى ئايالى تۇگەپ كەتكەنلەر ، كاماندۇرۇپكىغا چىققانلار ئىشلەتسە ئايالى يىنىدەكلا ھىس قىلىدۇ .
بۇنۇڭدا پەقەت ئورۇندۇق يوق ئەھۋالدا مۇنۇ ئاددى بىر پۇتلۇق ئورۇندۇقنى قويۇپ ھەر قانداق قىستاڭچىلىقتىمۇ ئورۇن تاپقىلى بولىدۇ ، بۇ ئورۇندۇق قەشقەردىكى كوچا خىنىملىرىغا تازا ماس كىلىدۇ ،ئۇلار چايغا بارغاندا كىچىكىپ قالسىمۇ مۇشۇ ئورۇندۇق بولسىلا ئۇلارغا تۆردىن ئورۇن چىقماي قالمايدۇ ،يەنى نەدە كىمنىڭ قىشىدا ئولتۇرغۇسى كەلسە شۇ يەردە بىمالال ئولتۇرالايدۇ .
بۇنۇڭدا ئۆيدە تەرەت تۇڭنى تازلايسىز ،تۇتقۇچى يوق ئاممىۋى ماشىنىغا چىقىسىڭىز تۇتقۇچ قىلىسىز .
بۇنۇڭدا ئاپتۇۋۇز پويىزلاردا ئۇخلاپ قالسىڭىزمۇ بولىۋىردۇ ، باشقىلارغا مۈگدەپ، ئۈسۈپ سىلىشتىنمۇ غەم قىلمايسىز .
ئۆزگىچە بالكون.
ئەمدىي بىر يۇرۇش تازلىق قەغەزلىرىنى كۆرۈپ قويۇڭ.
رەخ شەكىلىك تازلىق قەغەزلىرى
ئۆزگىچە ھەر خىل تازلىق قەغەزلىرى
http://my.poco.cn/album/album_de ... &sort_num=4مەنبە
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتىلمىسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! تېما ئىگىسى
سىزنىڭ بارلىق تېمىلىرىڭىزدىكى ئورتاق بىر ئىملا خاتالىقى ‹‹ ئۈ ›› ھەرىپىنى باشقا ئو ، ئۇ ھەرىپلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ يېزىش ئىكەن . بۇ باشقىلارنىڭ تېمىنى ئوقۇشىغىمۇ شۇنداقلا تېمىنى تەھرىرلىشىمىزگىمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئىملا قائىدىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
‹‹ ئۈ ›› ھەرىپى كونۇپكا تاختىسىدىكى v ھەرىپى ئارقىلىق يېزىلىدۇ .