مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hasalharisi

مېيىپ لۈكچەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44422
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1200 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ غۇلجىدىمۇ شۇ .تەشلەپكىدىن، خەنزۇ بازىرىغىچە ساپلا مىيىپ ،ئاجىزلار.بۇلارنىڭمۇ قانچىسىنىڭ راسىت-يالغانلىغىنى بىر خۇدايىم بىلىدۇ.ئىشقىلىپ نىمىلا بولسۇن مۇھتاجلىقتىن قولىنى سۇنغان  ئاز-تولا  پارچە پۇل تاشلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6107
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى ئەتىگەندە يولدا كىتىۋاتسام ، ئالدىمدا كىتىۋاتقان  بىر ئايال يول بويىدا ئولتۇرغان بىركۆزى ئەما تىلەمچىگە سەدىقەت بىرىپ كەتتى .
تىلەمچى كىرلىشىپ كەتكەن داستىخاندىكى پۇلنى غەزەپ بىلەن يولغا ئېتىپ بىرنەرسىلەرنى دەپ تىللاپ كەتتى . ( ئايال ئۇنى كۆرمىدى )
مېڭىپ تىلەمچىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە قارىسام تىلەمچى تاشلىۋەتكەن پۇل بىرمولۇق پۇلكەن .
ھېس قىلسام ، تىلەمچى ئەتىگەنلىك سودىسىنىڭ بىرموچەندىن دەسلەپ قىلىنىشىنى ياقتۇرمايدىكەن  .

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7976
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 12:21:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ يۈزى قېلىن تىلەمچىلەرمۇ كۆپ،،ئاجىز كىشلەرغۇ ماقۇل باشقىلاردىن تىلىسۇن،،،،بەزى ساق كىشىلەر نومۇس قىلماي تىلەپ يۈرۈيدۇ باشقىلار تېخى ئىچى ئاغرىپ بەرگەن سەدىقىنى ياراتماي ‹كەسپىمگە قىلىنغان نومۇس›دەپ خەق بەرگەن پۇلنى ئېتىپ قويۇشلىرى،،،،ھۆ

ۋاقىت ھەمىنى ئۇز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54427
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 02:35:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12قەۋەتتىكى(sumbul0999) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

راس دەيسىز...
777

مىللەت ئۇرۇشتا ئۇلمەيدۇ،سۇكۇتتە ئۇلىدۇ.                       777

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52140
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5348
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 03:52:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت  hasalharisi كە 2011-09-08 11:05 PMئەۋەتىلدى  :

ئەسكىنى ئەسكى دېدۇق خانىم.مەقسەت؛ باشقا ئەسكى بولۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا ئىبرەت،نەسىھەت بولۇپ قالسۇن دەپ. نىمە ئاچچىقىڭىز كەپ قالدى.ئۇ لۈكىچەك سىزنىڭ ئاكا-ئىنىڭىز ياكى ئېرىڭىزمىدى؟

ئەسىرىڭىز ياخشى ئىكەن ..
  لىكىن ماۋۇ گەپ سەل بولمىدىمۇ يا ؟
  ھەركىمنىڭ كۆز-قارىشى ئوخشىماس..
بەلكى سىزنىڭ نىمىنى مەخسەت قىلغىنىڭىزنى بىلمەي يۈزەكى پىكىر بەرگەندۇ ..؟
  مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى يازغان كىشى بۇنداق ئىنكاس يازسا سەل ياراشمايدىكەن ..
  بۇمىنىڭ شەخسى پىكىرىم قوبۇل قىلالمىسىڭىز   q  q   غا خەت ئىۋەتەرسىز ..
   كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئالدىن ئەپۇ سورىۋالاي ..
  كەچۈرۈڭ

كىبىر لىك بەندىگە ياراشماس

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 10:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق تىلەپ تاپقان پۇلنى شۇ مېيىپلارنىڭ ئۆزى خەجلىسىچۇ كاشكى،بۇرۇن ئاپامنىڭ ئاچىسى ئۆيى يېزىدا بولغان ناھىيەدە ئازراق مەزگىل قوشنا ئولتۇرغان بىر ھېيىت مەزگىلى بېرىپ نەچچە كۈن تۇردۇق،كېچىسى قەتتىي ئارام بەرمەي ئالو-جوقا توۋلاپ جاپا سالىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن زابايىلار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەسلى بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاپىسىنىڭ بىر پۇتى ئىشلىمەيدىكەن،تىلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىدىكەن،ئوغۇللىرى،قىزلىرى ساق ئىكەن لېكىن ئوغۇللىرى ئالغان خوتۇن مېيىپ،قىزلىرى تەككەن ئەرلەرمۇ بولسا مېيىپ ئىكەن،ھەممىسى تەڭمۇ تەڭ مېڭىپ بازارمۇ-بازار تىلەيدىكەن.تىلەپ قايتىپ كېلىپ نامىزىنى ئۆتەپ خۇدايىمنىڭ بەرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلسىغۇ مەيلى ئانا-بالا تەڭمۇ -تەڭ ئولتۇرۇپ ھاراققا دۈم چۈشىدىكەن،شۇنىڭدىن كېيىن ئالدىمغا بىرەسى قول كۆتۈرۈپ كەلسىمۇ پۇل بەرمەيدىغان بولدۇم،بۇ خەقلەرنىڭ تېخى ھالىغا باقماي پۇل بەرمىسە ۋۇ قەلەندە دەپ قويۇشلىرى.بەزىدە كۆرمەي دېسىمۇ كۆزىگە چېلىقىپ قالىدىكەن،ھازىر تىلەۋاتقان بىردەمدىن كېيىن قارىسا ھالى بۇ جاھاندا يوق،مېيىپ پۇت-قوللىرىمۇ تۈزۈلۈپ ئادەم ياراتماي كېتىۋاتقان،ئىشقىلىپ يىغىپ ئېيىتقاندۇ بەزى ئادەملەرگە بۇ دېگەن تىجارەتكەن.تېخى ساپمۇ-ساق ئادەملەر مېيىپلارغا ئايلىق بېرىپ تىلىگىلى سالىدىكەن،شۇلارنىڭ تىلەپ تاپقان پۇلى ئۆزى خەجلەيدىكەن.ئىشقىلىپ توۋا دېمىسە جۇمۇ.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 11:03:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم تورى 5-ئىيون خەۋەرلىرى :



43 ياشلىق ئامىرىكىلىق جون.رېك بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ۋەقەدە ئۆزىنىڭ بىر جۈپ پۇتىدىن ئايرىىلىپ قالغان، بۇ ئىش سەۋەپلىك جوننىڭ قەلبىنى ناھايىتى .ېغىر ھەسىرەت قاپلىۋالغان، كىشىلىك تۇرمۇشى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئۆتۈشكە باشلىغان، كىيىن ئۇ ئۆزىدە بىرخىل ئالاھىدە ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى، يەنى ئۆز ھىسىياتى ئارقىلىق يولۋاس، شىرلارنى كۆندىرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، ھەمدە بىر شىر بىلەن يېقىن دوست بولغان.

bonedigger  ئىسىملىك بۇ ئۇزۇنلىقى 2.1مىتىر بولغان شىر جوننىڭ يېقىن دوستى، بەلكى تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بولسا كىرەك، بۇ شىرمۇ ئۇمۇرۇتقا سۆڭىكىدە مەسىلە بار بولغانلىق، جونغا ئوخشاش ئورنىدىن تۇرالمايدۇ !

رېك بىلەن بۇ شىرنىڭ مۇناسىۋېتى ناھايىتى ياخشى، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ بۇ قەدىناس دوستىنى يوقلىغىلى بارىدۇ، شىرنىڭ رېكقا ئېسىلىپ ئۇنىڭغا ئازىراق ئەركىلەپ قويىشىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بولالايدۇ !  رېك بۇ ھەقتە سۆزلەپ :

<ماڭا ئوخشاش كىشىلەر بىر يەردە بولغاندا ھەقىقى تۈردە چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ھال-مۇڭ بولالمايدۇ، ئەمما  شىرىم ماڭا شۇنداق ئىللىق مۇئامىلىدە بولىدۇ، مەن ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلىپ، كىشىلىك تۇرمۇشۇم ئازاپقا تولغان ۋاقىتتا bonedigger ماڭا ھەمرا بولدى، چۈنكى ئىككىلىمىز بۇ خىل ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلار..> دىدى.

ئادەمدەك ئادەم ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21151
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7939
تۆھپە نۇمۇرى: 520
توردا: 2363 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 12:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ مىيىپلار جەنۇبى ئافىرىقىنىڭ ئىككى پۇتى تېزىدىن يۇق يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەتچىسى پىستۇرېسدىن ئۈگەنسە بولىدۇ.مىيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان ئۇ،ساق تەنھەركەتچىلەر بىلەن بىللە 400مىتىرغا مۇسابىقىلىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ.ھەمدە لۇندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشتى.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40249
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3661
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 12:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان  ئېگىسى  ئۆزى  بىلىدۇ  ،بۇنداق  كىشىلەر  توغرىسىدا  نۇرغۇن  ھەدىس  ۋە  رىۋايەتلەر  ،ئاللاھ  بەندىلىرىنى  سەۋەپسىزلا   ھەرخىل  ياراتمايدىكەن  .قالغىنىنى  ئاللاھ  ئۆزىگە   تاپشۇرايلى  .

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت كېچەلەيمەن ھەر ئىككىسىدىن ئەركىنلىك ھۆرلۈك ئۈچۈن پەقەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55382
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 01:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىر ساۋاقدىشىم بىلەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ئالدىدىن باشلاپ دۆڭكۆرۈككىچە بولغان تىلەمچىلەرنى زىيارەت قىلىپ باققان ، مېيىپ ياكى ساختا مېيىپ مىكىن دىگەندەك ئادەملەر بىزبىلەن پاراڭلىشىشنى رەت قىلغان ئىدى . بىراق بىر ساز چېلىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان پاكىزە چىراي بىر بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ بىردەم مۇڭداشقان ئىدىم . بوۋاينىڭ دىيىشىچە : بوۋاي ساز چېلىشقا ھېرىسمەن ئىكەن . ئۆيىدە چالسا باللىرى تىللايدىكەن . مەللە دوقمۇشىدا چالسا خوشنىلىرى ئارامىمىزنى بۇزدى دەپ سوقۇشىدىكەن ، بۇ بوۋاي شۇ تۇرمۇشتىن زىرىكىپ ھېچكىمىنىڭ كارى بولمايدىغان بازارغا كىرىپ سازچېلىپ ئوتۇرۇشنى ئويلاپ بازارنىڭ ئاۋات جايلىرىدا ئولتۇرۇپسازنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتسا ئۆتكەن كەچكەنلار بۇ بوۋاينى تىلەمچى ئوخشايدۇ دەپ سەدىقە بېرىپ تۇ ،،شۇنىڭ بىلەن بۇ بوۋاي ئۆيدە ، ياكى مەھەللىدە ساز چالسام ھەممىسى مەن بىلەن سوقۇشقان ئىدى ، بازادا چالسام ھەم پۇل تاپىدىكەنمەن . ھەم ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمايدىكەن دىگەن ئىدى .
قارىغاندا كەسپى تىلەمچىلەر خەق بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇر مايدىغان ئوخشايدۇ دەپ زىيارەتنى مۇشۇ يەردە توختاتقان ئىدۇق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش