مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8862|ئىنكاس: 25

ئۆسۈمسىز بانكا – ئىسلام بانكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14187
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆسۈمسىز بانكا – ئىسلام بانكىسى

    

2008 – يىلى ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن باشلانغان پۇل مۇئامىلىسى كىرىزىسى، پۈتكۈل دۇنياغا يامراپ ، پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدىكى نى – نى ماگناتلارنى " ۋاي داد " دېگۈزۈۋەتتى، ھالبۇكى، مۇشۇنداق ئېغىر كىرىزىس جەريانىدا قىلچە تالاپەتكە ئۇچرىماقتا يوق، ئەكسىچە كەسپىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان شۇنداق بىر بانكا بار، ئۇ بولسىمۇ -  سىرلىق ئىسلام بانكىسىدۇر.
< ئاسىيا بانكىرلىرى > ژورنىلىنىڭ يىللىق دوكلاتىدىن ئايانكى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىسى كىرىزىسى دۇنيادىكى بانكىلارنى ئېغىر ھالسىراتقان 2008 – يىلى دۇنيادىكى 100 ئىسلام بانكىسىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي قىممىتى 580 مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 230 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يەنى 60 نەچچە پىرسەنىت ئېشىپتۇ.
خوش ئۇنداق بولسا، ئىسلام بانكىسى زادى قانداق بانكا؟

ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان بانكا


ئىسلام بانكىسىنىڭ كەسىپلىرى، مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى چوقۇم ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. ئەنئەنىۋى بانكىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئىسلام بانكىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى " ئامانەت پۇلغا ئۈسۈم بەرمەسلىك، قەرز پۇلغا ئۈسۈم ئالماسلىق" تا ئىپادىلىندۇ، ھالبۇكى ،"ئۈسۈمنى تەقىپ قىلىش" ئىسلام بانكىسىنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىمۇ ئەمەس.

ئۈسۈم تەقىپ قىلىندۇ


    ئۈسۈمنى تەقىپ قىلىش __ ئىسلام بانكىسىنىڭ يادرولۇق ئەقىدىسى، ئىسلام دىنىدا پۇل ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندىلا، ئاندىن كاپىتالغا ئايلىنىپ قىممەت يارىتالايدۇ، دەپ قارىلىدۇ، "ئۈسۈم" نىڭ ئىسلام دىنىدىكى خەت مەنىسى " ئىشىندى سومما" دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ مەنا جەھەتتىن ھەر قانچە دورۇس، دەپ قارالسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئالدىن بېكىتىلگەن پايدا قاتارىدا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، " بانكىنىڭ مۇئامىلىدارنى قاقتى - سۇقتى قىلىش ۋاستىسى"  دەپ ھىساپلىنىدۇ.

     

خەۋپ – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ    

    
ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ئىدىيەسىدە ئاساسلىقى " ئۈسۈم" مەنئى قىلىنىدۇ، لىكىن "پايدا " ئېلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، چۈنكى پايدىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرلەش روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە بولغاندا مەيلى سانائەت، يېزا – ئىگىلىكى، مۇلازىمەت ساھەسىدە بولسۇن ۋە ياكى ئادەتتىكى سودىدا بولسۇن، مەبلەغنى بېرىپ تۇرغۇچى (بانكا) بىلەن ئىشلەتكۈچى (مۇئامىلىدار) ئاشۇ سېلىنمىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپ – خەتەرنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، ئاشۇ مەبلەغ ئارقىلىق يارىتىلغان پايدىدىن ئورتاق بەھرلىنىدۇ.

     ماددى مۈلۈك ئاساس قىلىنىدۇ


ئىسلام بانكىسىنىڭ بارلىق سودىسىدا ماددىي مۈلۈك ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بانكىنىڭ كەسپىي، مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى ئاشۇ ئەمەلىي مۈلۈككە ماس كەلگەن بولىدۇ، بانكىنىڭ تاپاۋىتى ئادەتتە ئىجارە ھەققى، پايدا پىرسەنتى قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلىندۇ. مىسالەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۆمۈريول ياساش، ماشىنا – ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋىلىشتىن قىلىندىغان كىرىم قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىسلام بانكىسىدا تۇختاملىق زاكاز مال سودىسى دىگەنگە ئۇخشاش پۇل مۇئامىلىسى تۇغۇندى مەھسۇلاتلىرى كەسپىي بىلەن شۇغىللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

      ئىسلام شەرىئىتىدە مەنئى قىلىنغان كەسىپلەرگە مەبلەغ سىلىش چەكلىنىدۇ


ئىسلام بانكىسى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنالايدۇ، ھەربىي قورال – ياراغ، ھاراق تاماكا، قىمار قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان كەسىپلەرنى شۇنداقلا ھايۋانات بولۇپمۇ ئىنسان گېنىغا مۇناسىۋەتلىك بىئو پەن – تېخنىكىسى، ياكى بىئو قۇرۇلۇشى ساھەلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنى مەبلەغ ۋە پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە رۇخسەت قىلمايدۇ، ئەگەر بانكا يۇقىرىقى كەسىپ ياكى ساھەلەرنىڭ سېلىنما پايدىسىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئېرىشكەن بولسا، بۇ كىرىمنى خەير – ساخاۋەت ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار ئىسلام دىنى تەشكىلاتىغا ئىئانە قىلىۋېتىش بىلەن بىرگە تۇختامنى دەرھال بىكار قىلىپ، يۇقىرىقى كەسىپ ۋە ساھالەرگە سالغان مەبلىغىنى تىزدىن قايتۇرىۋىلىشى شەرت.

تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئالاھىدە بانكا


ئىسلام بانكىسى ئەنئەنىۋى بانكىلاردەك مۇقىم ئۈسۈم ۋە ئۈسۈم نىسبىتى ئۇسۇلىنى ئەمەس، بەلكى پايدا – زىياننى تەڭ كۆتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ، بۇ ھال بانكىلار بىلەن مۇئامىلىدارلاردىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە شېرىكلىك مۇناسىۋەتتە بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلام بانكىسى ئەمەلىي ئىگىلىككە مەبلەغ سىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەۋھۇم ياكى ئېنىقسىز ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مەنئى قىلىدۇ، شۇنداقلا، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقى ۋە تۇغرىلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ ئىسلام بانكىسىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي نەزىريەلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇ خىل ئەھۋالدا، بانكا ئېرىشىدىغان پايدا نامەلۇم بولغاچقا، پايدا نىسبىتى ۋە ئېرىشىدىغان پايدىنىئالدىن بېكىتكىلى بولمايدۇ؛ پەقەت كىيىنكى سېلىنما پائالىيىتىنىڭ پايدا – زىيان ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەمەلىي تاپاۋەت نىسبىتى بېكىتىلىدۇ. ئىسلام بانكىسى دەل مۇشۇ نەزەرىيە رامكىسى ئاساسىدا، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇرغۇن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام بانكىسى مەبلىغى پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان سېلىنما ھېسابى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرىلىدۇ؛ مەبلەغنى قايتۇرىۋىلىش- قايتۇرۇۋالالماسلىق مۈلۈكنىڭ قانداق بېرىكتۈرىلىشىگە باغلىق بولىدۇ، كۆپ ساندىكى ئىسلام بانكىلىرىدا، بۇنداق سېلىنما ھېسابى بانكىنىڭ پايدىلانغىلى بولىدىغان مەبلىغىگە باغلىق بولىدۇ، ھالبۇكى، سېلىنما ھېسابىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار (IAH)ھوقۇق – مەنپەئەتلىك مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە، بانكىدىن قالدۇق مۈلۈكنى قايتۇرىۋىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پايچىكلارغا ئۇخشاش نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام بانكىسىنىڭ كەسپىي تىجارىتى ئىسلام شەرىئىتىگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئارزوسىغا ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. يەنى < قۇرئان كەرىم > دىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، مۇستەقىل ئىسلام شەرىئىتى كومىتېتىنى تەكلىپ قىلىپ، مۇسۇلمانلار قۇبۇل قىلالايدىغان پۇل مۇئامىلىسى مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ  ئارزوسىنى قاندۇرۇشى كېرەك، ئىسلام بانكىسىنىڭ بارلىق خادىملىرى ۋە مۇئامىلدارلىرى ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بۇيىچە مەشغۇلات قىلىشى لازىم .
ئىسلام بانكىسىدىكى شىركەتچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسى- ئىسلام شەرىئىتى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى مەدەتكارلىق ئاپپاراتى، ئىسلام بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان مۇئامىلىدارلار ئۆز ھەركىتىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە ھۆددە قىلىشى شەرت، ئەگەر ئىسلام شەرىئىتى كومىتېتى يوللىغان دوكلاتتا ئىسلام بانكىسى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا بانكا كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە مۇئامىلىدارلىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

نۇرغۇن خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتقان بانكا


ئىسلام بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋىلىشىش، خەلقارالىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام بانكىسى ئىلگىرلەش مەنزىلىدىكى ئۇڭۇشسىزلىقلار ۋەجىدىن نۇرغۇن خىرىسقا دۈچ كەلمەكتە.

ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى مەھسۇلاتلىرى دۆلەتلەرگە قاراپ پەرىقلىنىدۇ


ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ؛ " قانۇنلۇق ئىسلام زايۇمى يەرگە ئۇخشاش بىر قاتار ماددىي مۈلۈككە ماسلاشتۇرۇلۇشى، زايۇمغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىسى خالىغان شەكىلدىكى ئۆسۈمدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ماددى مۈلۈكنىڭ دائىملىق تاپاۋىتىدىن ياكى ئۇ مۈلۈكنى سېتىش كىرىمىدىن كېلىشى شەرت " دەپ قارايدۇ.
لىكىن، ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى مۇتەخەسىسىلىرى كېپىلسىز ئىسلام زايۇمىدەك بەزى بىر يېڭىچە پۇل مۇئامىلىسى مەھسۇلاتلىرىغا پەرىقلىق پۇزۇتسىيەدە بولماقتا.
مالايسىيا – كېپىلسىز زايوم تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ئىسلام دۆلىتى. بۇ دۆلەتنىڭ كېپىلسىز زايۇم تارقىتىشتىكى ئالدىنقى شەرتى شۇكى، زايۇم تارقاتقۇچى شىركەت زايۇم تارقىتىشتا، مۇشۇ زايۇمغا مەدەتكار بولالايدىغان يېتەرلىك ماددى مۈلۈككە ئىگە بولغان بولسىلا، بۇ ماددى مۈلۈك گەرچە زايۇمنىڭ قەرەلى تۇشۇشتىن بۇرۇن زايۇم تارقاتقۇچى شىركەتنىڭ ھېسابىدىن ئاللىقاچان غايىپ بولغان تەغدىردىمۇ ئاشۇ زايۇمنى تارقىتىش ۋە ئۇ ھەقتىكى مۇئامىلە ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىۋىرىدۇ، لېكىن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى : " كىپىلسىز زايۇمنىڭ قەرەلى تۇشقىچە، مەخسۇس تۈردىكى ماددى مۈلۈك ئۇنۇڭغا باشتىن – ئاياغ مەدەتكار بولۇشى كېرەك " دەپ قارايدۇ.
شۇڭا، مالايسىيا ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرى ئۇتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە پۇل مۇئامىلىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ  ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە.

مەھسۇلات خاسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئالاھىدە مەشغۇلات خەۋپ – خەتىرى


ئىسلام بانكىسىدا ئۆسۈم نىشبىتىنى ئاساس قىلغان پۇل مۇئامىلىسى قوراللىرى بولمىغاچقا، ئۆسۈم نىسبىتى خەۋپ – خەتەردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، لىكىن، مەھسۇلاتلىرى ئۆزگىچە بولغاچقا، ئىسلام بانكىسى ئەنئەنىۋى بانكىلارغا قارىغاندا مەشغۇلات خەۋپ - خەتىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
بىرىنچىدىن، پايدا - زىياننى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇش، ئەنئەنىۋى بانكىلارنىڭكىدىن كۆپ مۇرەككەپ، چۈنكى، بۇنداق ئەندىزە ئەنئەنىۋى بانكىلارنىڭكىگە ئۇخشىمايدىغان نۇرغۇن تىجارەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان، مىسالەن، مەبلەغ سېلىش پىلانىدىكى پايدا – زىياننى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى بېكىتىش، مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئۈزۈلدۈرمەي نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى باشقۇرۇلۇشى ۋە مۇۋاپىق قىممەتنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش... قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن.
ئىككىنچىدىن، ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى مەھسۇلاتلىرى قېلىپلاشمىغان، ئىسلام بانكىسىنىڭ پايدا – زىياننى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ئەندىزىسى بىلەن ئورتاق ئۈستىگە ئالماسلىق ئەندىزىسىنى بىرىكتۈرۈش داۋامىدا مەبلەغدە تەمىنلەشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى كېلىپ چىققاچقا، مەھسۇلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، پۇل مۇئامىلىسى كېلىشىمىنىڭ ئىجراسىنى تىزگىنلەيدىغان ئىشەنچىلىك، ئۈنۈملۈك ئىسلام دەۋا تۈزۈمى كەمچىل. ئىسلام بانكىسى پايدا – زىياننى ئورتاق ئۈسىتگە ئېلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، كارخانىچىلارنىڭ ماھىيەتلىك ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كاپىتال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لىكىن، ئۇلارنىڭ كارخانىچىلارنى كونتىرول قىلىدىغان قانون ۋاستىسى بولمىغاچقا، كارخانىچىلار كارخانا تىجارىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە تايىنىپلا خالىغانچە باشقۇرىدۇ؛ ئەمما، بانكا كېلىشىم بويىچە، كارخانىنىڭ تىجارەتتىكى پايدا – زىيىنىنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدۇ.

ئەسلى ئاپتورى: لىيۇ شياۋيۈ
< شىنجاڭ پۇل – مۇئامىلىسى > ژورنىلىنىڭ2011 – يىللىق 6- سانىدىن ئېلىندى.
ئاينۇر ئىسلام تەرجىمىسى

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكا پۇلنى ئورۇنلۇق تەرلەرگە ئىشلەتسە  ھەممە ئادەم خۇرسەن بولىدۇ

مەن ئاق كۆڭۈلنىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55364
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4608
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:34:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭغىمۇ قۇرلامۇ شۇنداق بانكىلار .........

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3612
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12170
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2743 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...................

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:52:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل خېنىم خەت يازالماس بوپ قالمىغانلا  ھە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10853
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹   تەدبىرىڭ   قانداق  بولسا   تەقدىرىڭ   شۇنداق  بۇلۇدۇ    ››  ،  دىگەندەك   پۇل  مۇئامىلە  كىرزىسىدا   باشقىلار   دات   دەپ  كەتسىمۇ    بۇ  بانكا   غىڭ   قىلماپتۇ    .
قالتىس   ئىشدە    بۇ    ،    بۇنىڭ   سەۋەبى   ‹‹   ھالال -  ھارام   ››  نى  ئايرىشتا   چىڭ   تۇرۇشتەك   دانا   تەدبىردۇر   .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36245
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1045
تۆھپە نۇمۇرى: 1403
توردا: 3209 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 06:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14187
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 07:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  gunahmu كە 2011-09-09 06:55 PMئەۋەتىلدى  :
              پۇلنىڭ ئۈسۈمى ھالالمۇ ھاراممۇ؟

ئەلۋەتتە ھارام، ئىسلام بانكىسىنى نىمە ئۈچۈن ئۈسۈمسىز بانكا دەيدۇ، ئىسلامدا شەرىئەتتە ئۈسۈمنى ھارام دىگەچكە بۇ بانكا شۇنداق ئاتالغان.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36245
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1045
تۆھپە نۇمۇرى: 1403
توردا: 3209 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 07:06:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14187
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 07:52:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن رەھمەتلىك دادامدىن  ئۈسۈمنى  ھارام، دەپ ئاڭلىغان، بورۇن دادام دائىم ئۈسۈمنى خەجلىسە ھارام بولىدۇ دەپ نامرات تۇققانلارغا بېرىۋىتەتتى، بىز ئۇ چاغلاردا كىچىكلىكمۇ دادامغا ئاچچىقلىناتتۇق، ئەمدى ئويلىسام دادامنىڭ تۇغرىكەن، مائاشلىقلارغىمۇ ئۈشرە زاكات ئايرىش كىلىدىكەن تىخى، بۇرۇن ئانچە ئىشەنمەيتىم ئەمدى ئىشىنىمەن دادامنىڭ دىگىنىگە .

شۇنداقتىمۇ ماتىريال كۆرۈپ سىزگە قايىل قىلارلىق دەلىل ئىسپات تىپىشقا   تىرىشىمەن، ئاڭغىچە دەلىل ئىسپات كۆرسىتەلەيدىغان دوسلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۆمۈت قىلىمەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش