.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 02:19 PM
ئىپار ئالغان قاچىدا پۇرىقى قالۇر ......................
بوران114 ن ...
توغرا دەيسىز ، مەنمۇ باشتا بوران114 نىڭ تېمىلىرىنى كۆرگەندە،ھازىرقىدەك خىيالدا بولۇپ باقمىغان . ئۇنى قوللىغان ئىدىم ، كېيىن بارغانچە يازغان تېمىلىرىغا قارىتا مەندە شۇنچىلىك ئۈمۈدسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا بولدى .ھەر بىر تېمىلىرىنى ئوقۇغاندا يەكەندە ئاددىسى ھىچقانداق بىر ئەخلاقلىق ئادەم قالمىغاندەك ، يەكەننىڭ بارلىق كوچىلىرى پۈتۈنلەي پەسكەشلىك ، رەزىللىك، ناشايان ئىشلار بىلەن توشۇپ كەتكەندەك تەسىراتقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدىم .بوراننىڭ ئەمەلىيەتتە ئويلايدىغىنى پەقەت مۇشۇ خىل رەزىللىكنى پاش قىلىش ۋە جەمىيەتتە سەلبى كىشلەرگە بۇنداق قىلمىشلارغا قارىتا رەددىيە بېرىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ ، بىراق بوراننىڭ دېگەنلىرىنى قانچىلىك ئادەم قوبۇل قىلدى ؟ قانچىلىك ئادەم تۈزەلدى ؟ يەنە بوراننىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق جەمىيىتىمىزدە كىشلەرنىڭ مەلۇم مەسىللىلەرگە قارىتا چۈشەنچىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئىجابى ياكى سەلبى جەھەتتە قانداق تەسىرلەرنى بېرىۋاتىدۇ ؟ بۇلارنى بۇران قانچىلىك يەكۈنلەپ چىقتى ؟ ئۇلار بىزگە نامەلۇم . ھەرقانداق مىللەتتە ياخشى- يامان ئادەملەر ، ھەر خىل تەبىقىدىكى ئىجتىمائى ئورنى ئوخشاش بولمىغان پۇخرالار بولىدۇ .ھەر خىل قۇۋۇم بىرلىكتە ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ رىيال جەمىيەتتە ئۇنداق ياكى بۇنداق ياخشى- يامان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بۇ تەبئى ئەھۋال . كىشىلەردە ئاڭ ئوخشاش بولمىغاندىكىن. ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ تۇتقان يولى ئوخشاش بولمىغاچ،يەنە كېلىپ بەزىلەردە ئەزەلدىن ياخشىلاردىن ئۈگەنمەي،يامانلاردىن ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋېلىش خاھىشى ئېغىر بولغاچ، بۇنداق نۇخسانلاردىن خالى بولۇش مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا مېنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە بوراننىڭ يازمىلىرىغا قارىتا قوللاشتىن تۈگۈل، قارشى تۇرش ئىستىكى كۈچلۈك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . يامانلىق قىلغان ئادەمنى توغرا يولغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىق قىلىش، پەقەت مۇنبەر يۈزىدە يېزىپ يوللاش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئەمەلىيەتتىمۇ ،ئازغانلارغا ئىللىقلىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇش. ئەمەلى ھەركەتلىرىمىز بىلەن يامان يولدىن توسقىنىمىز ياخشى دەپ قارايمەن . بۇنداق يازمىلار بىلەن باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ ھەم ئوبرازىمىز تېخىمۇ خۇنۇكلىشىدۇ . بىز پەقەت بۇ يەردە تەنقىد -تەربىيەبېرىش ئۇسۇلىمىزغا دېققەت قىلساق، بىرى بولسىمۇ يامان يولدى قايتالىسا ، شۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ غەلبە بولىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ، بىر تال سەرەڭگە بىلەن ھەممىگە ئوت قويۇپ بېرىشىمىز مۈمكىن......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-19 04:51 PM