ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت qiqakkiz كە 2011-09-14 10:01 PMئەۋەتىلدى 16قەۋەتتىكى(تۆرەم) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
تۆرەم جاناپلىرى ، مىنىڭ سايەمدە يۇمۇر يوللىۋاپسىزدە ..........ھىھىھىھىھىھىىىىىىىى
مانا ئەمىسە
سەنلاڭ مەكتەپ تۈزۈمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن مۇئەللىم تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىندى. مۇئەللىم ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ جازالىماقچى بولدى. سەنلاڭنىڭ قولى بەك مەينەت بولغاچقا، ئىزا تارتقىنىدىن قولىنى كەينىگە قىلىۋالدى.
ـ قولۇڭنى چىقار، ـ دېدى مۇئەللىم.
سەنلاڭ بىر قولىنى يوشۇرۇن ھالدا شىمىغا سۈرتۈپ، ئاندىن چىقاردى. مۇئەللىم كۆرۈپ، ئاچچىقلىنىشنى ياكى كۈلۈشنى بىلمەي:
ـ سەنلاڭ، سەن ئەگەر سىنىپ ئىچىدىن بۇنىڭدىنمۇ مەينەت قولنى تاپساڭ، مەن سېنى جازالىمايمەن،ـ دېدى.
سەنلاڭ ئارقىدىن دەرھال يەنە بىر قولىنى چىقىرىپ :
ـ مۇئەللىم، بۇ يەردە، ـ دېدى.