ئاساسى ماتىريالى:تۇخۇم بەش دانە ،كۇدە،قىزىلمۇچ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىل
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ،ئاقمۇچ،
تەييارلاش ئۇسۇلى:
تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ تەييارلىۋالىمىز ئازراق تۇز سالساقمۇ بولىدۇ
كۈدىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇزۇنلىقىنى بارماق ئۇزۇنلىقىدا توغرايمىز
قىزىلمۇچنى ئىنچىكە ئۇگرە توغرايمىز ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىل
لەرنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا يېرىم چۈمۈچ ماي قۇيۇپ قىززىغاندا تۇخۇمنى
سېلىپ ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز.
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىللەرنى سېلىپ
قورۇپ كۈدىنى سالىمىز بىر نەچچە قېتىم ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالغان
تۇخۇمنى سېلىپ تۇز،ئاقمۇچ سېلىپ تەخسىگە ئۇسىمىز
تېخىمۇ تەپسىلى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ.
مەنبەسى :ئۆزەم
تېخىمۇ كۆپ تائاملارنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسنى زىيارەت قىلىڭ .
https://uyghur-archive.com/misranim/apps.php?q=article