بەزى كۆز كېسەللىكلىرىنى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار: كۆز كېسەللىكلىرى ئالامىتى باش – بويۇن قىسمىنىڭ قىياپىتىدە بولغان ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەر باش قىسمى ئالاھىدە بىر خىل قىياپەتتە تۇرغاندا، كۆز قىسمىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ۋە بۇيۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ سەل يېنىكلەپ قالغانلىقىنى، يەنە بىر خىل قىياپەتتە تۇرغاندا ئېغىرلاپ قالغاندەك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىك تارىخى بارلارنىڭ كۆزكېسەللىكلىرى ئالامىتى بىلەن بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىك ئالامىتى ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ ياكى ئارقا – ئارقىدىنلا قوزغىلىدۇ، بۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
كۆز كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرتكەندە، بىرەر كېسەللىكنى تەكشۈرۈپ تاپالمىسا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالىغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.