ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم.
مەزكۇر تېمىدىكى بۇخىل يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىز يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس،دىيارىمىزنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە مەۋجۇت. مېنىڭچە ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى، ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ، قاپاق خېنىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېمىسى
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=60325
دا كۆرسىتىلگەن دورىنى ھەر كۈنى ‹‹يىيىش›› نى ئۇنتۇپ قالمايلى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەيلى گېپىمىز ئۆتسۇن-ئۆتمىسۇن نەسىھىتىمىز بولسا كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىۋاستە ئۆزىگە چىرايلىقچە ياخشى، تەسىر قىلغۇدەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلايلى، نەسىھەت قىلىش، توغرىغا دەۋەت قىلىش بىزدىن (بۇ ھەم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيتى)، نەسىھەتنى قوبۇل قىلش شۇ ئازغان ھەمشىرە قېرىنداشلىرىمىزدىن، تەۋپىق ھىدايەتنى دىلىغا سېلىش جانابى اللا دىن بولىدۇ.
شۇڭا ئۇلارنى مەيلى تور دۇنياسى ۋەياكى رىيال دۇنيادا تىللىمايلى، قىلمىشىنى ئۇرۇغلىتىپ پىتنىنى تېخىمۇ ئۇلغايتمايلى، چۈنكى، باشقىلارنىڭ كەينىدىن ‹‹بار گەپنى دىسەڭ غەيۋەت بولىدۇ، يوق گەپنى دىسەڭ تۆھمەت بولىدۇ››...
مۇنازىرە قىلدىم دەپ يەنە ئەزۋەيلەۋەرسەك غەيۋەت بولۇپ قالىدۇ، ئۆزقېرىندىشىمىزنىڭ گۆشىنى يىگەندەك ئېغىر گۇناھ قا پېتىپ قالمايلى...
ھەر نامازلىرىمىزدا ئەشۇنداق توغرا يولدىن تېيىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن جانابى اللا تىن ھىدايەت تەۋپىق تىلەپ چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلىكى، ھەرگىز غەيۋىتىنى قىلمايلى....