ئاياللارنىڭ 20 خىل ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى
ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
1. ھەر كۈنى ئاز _ ئازدىن، بەش _ ئالتە ۋاخ تاماق يەڭ. بۇنداق بولغاندا، شېكەر ماددىڭىزنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن ھەمدە قورسىقىڭىزنىڭ بەك ئېچىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىڭ، ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىم تاماقتىن بۇرۇن سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
3. ناشتىدىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ.
4. ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈڭ.
5. كەچلىك تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىڭ.
6. ئىچىڭىز پۇشقان ۋاقىتلاردا بىر نەرسە يېمەڭ.
7. ساياھەتكە چىققاندا تۇخۇم دېگەندەك ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىڭ.
8. كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بېرىڭ.
9. ئورۇقلىتىش توغرىسىدىكى ئېلانلارغا ئىشىنىپ كەتمەڭ.
10. قورسىقىڭىز ئاچقاندا نەرسە _ كېرەك سېتىۋالماڭ.
11. ئولتۇرۇشلاردا كۆپ نەرسە يەۋېلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىڭ.
12. تاماقنى بەك تېز يېمەڭ.
13 . ئۆزىڭىز تاماق ئېتىڭ. ئەمما ياغ تەركىبى يۇقىرى تاماقلارنى ئەتمەڭ.
14. ناشتىغا سەل قارىماڭ، ياخشى ناشتا قىلىڭ.
15. شېكەر تەركىبى يوق ئىچىملىكلەرنى ئىچىڭ.
16. بىر جايدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇۋەتمەڭ.
17. بىر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزىڭىز ئەڭ ئامراق نەرسىلەرنى يەپ قويۇڭ.
18. تېز ئورۇقلاش خىيالىدا بولماڭ.
19. سىزگە ئوخشاش ئورۇقلاۋاتقان بىرەر دوستىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.
20. ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى كۈنلىرىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇڭ، بۇنىڭ ئىرادىڭىزنى چىڭىتىشتا رولى چوڭ.