مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1915|ئىنكاس: 20

مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئەسلەي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەرتىل ئەردەك يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1159
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15632
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 10:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆپچىلىككە  مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تارىخى ھەم بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى سۇندۇم.مەرھۇمنىڭ باشقا ئەسەرلىرىمۇ ئىنكاس شەكلىدەداۋاملىق يوللىنىدۇ.

كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككەتونۇلغان تالانتلىق شائىرۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىز نى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ، كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر"قەشقەر كېچىسى"،"ئىز"،"ئۆمۈر مەنزىللىرى"، "ئويغانغان زېمىن" قاتارلىق كىتابلىرى نەشرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە "شېئىر ۋە شائىر "،"تۇرپان تەسىراتلىرى"،"قەشقەر كېچىسى"،"ئۇلۇغ ئانا ھەققىدەچۆچەك" قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شېئىرىيەت ، مىللەتلەرئەدەبىياتى, غەربىي دىيار ئەدەبىياتى , قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى . 1982 -يىلى 1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ 2- سانىدا "قەشقەركېچىسى "ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدھىيىلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985 -يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسىنىڭ 2-توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988 - يىلى شىنجاڭ خەلق-نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا ، 1983-يىلى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ياز غۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى . ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان .دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقاكىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋە رلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن .ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى . ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن . ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت - ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن ، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن . دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە " سوپى ئاللا يار " دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگەمەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.1934 -يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان . ۋە1936 -يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939 - يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن . 1942 - يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان . ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان . ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن ، دولقۇنلۇق ھايات،يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا، تامچە قاندىن "مىليون چېچەكلەر"،" چىن مودەن "(ل. مۇتەللىپ بىلەنبىرلىشىپ يازغان ) قاتارلىق شېئىر ، داستان، ۋە دىرامىلارنى شىنجاڭ گېزىتى، يىڭى نۇر قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش بولۇپ قوشۇلغان .-1943 يىلى باھاردا، مىلىتارىست شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەرلىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى . شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي 1944 -يىلى قولغائېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.ئۇ 1945 -يىلنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى، يۈرەك مۇڭلىرى تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى . ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خىلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق ،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ، جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتنىئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى . لېكىن شۇچاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان . پەقەت پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ -تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچەيىل ئىچىدە "ياخشى"،" كېرەك بولسا "، "ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس "، "بوغدا ئانام "،"مەن ئاق بايراق ئەمەس"،"قەشقەر كېچىسى "، "ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك "،" گۈل ۋە ئازغان " قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن "رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى . ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش ، ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر 1995 -يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرلەشتى .

 

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ « ئويغانغان زېمىن » رومانىدىن ماقال-تەمسىللەر

يىلان يىلاننى يەپ ئەجدىھا بولىدۇ.


بىر قولۇڭ ئوتتا بولسا بىر قولۇڭ سۇدا بولسۇن.


قۇشنى دان ئالدايدۇ ئادەمنى سۆز.


بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ، يامان ئايىغىدىن.

چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۇشمەن نېمە دېمەيدۇ.


ھەممىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ، قاننىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ.


دۈشمىنىڭنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگۈچە، ئۆزۈڭنىڭ ئۆمرىنى تىلە.

 
مازاردىن پۇتۇڭنى يىغ، پادىشاھتىن تىلىڭنى

 
بەس قەلەم، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن،
بارنى سۆزلە، ھەقنى كۈيلە، سەپسەتىلەر ساتما سەن.


نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك.


مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا.


قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا.


كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن!


قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ،
خوش _ خوش ئېيتىپ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ.


مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم.


جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن.


قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى!

ئابدىرىھىم ئۆتكۇر ئەپەندىمىنىڭ شېئىرلىردىن

ئايلىناي


ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچە _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي،
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي.


قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي،
كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي.


دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي،
قايغۇ _ ماتەم، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي.


سۇمبۇل چاچلىق، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي،
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي.


تىلى باغلىق، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي،
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي.


ئايلىناي يۇرتۇم ئايلىناي، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي،
تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي!


 



 توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا


توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن،
تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن.

  نېمە بۇ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ،
ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ؟
ئاندا قىيقاس،مۇندا ئۇر _ پاپ،قول سۇنۇق،باش _ كۆز يارا،
نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا.
تۈنۈگۈن < يولداش > دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن،
بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن.
بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى،
تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى.
كارخانا نەيزە ياسار، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ،
كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ.
ئاقتى قانلار كوچىلاردا، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا،
ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا.
ئاقتى قان، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى،
نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى!
 < توۋا> دەپ تۇتتۇم ياقا، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ،
شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب؟

ئىز

  ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.


ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.


قالدى ئىز چۆللەر ئار، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى _ نى ئارسلانلار دەشت _ چۆلدە قەۋرىسىز.


قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالادا،
گۈل _ چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.


قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوراق كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.


توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچبولمىسا، بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.


مەزكۇر يازمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۇرسىڭىز ئەسەر يوللىغۇچى ھەم مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!

ئەسەر يوللىغۇچى: ئەرتىل


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 30 ئالقىشلانغان..........بولسا بۇ تېمىڭىز ي

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 30   باھا خاتىرىسى

ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر سىناق!
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 11:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مةن ماڭصمةن پاتس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4338
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18423
تۆھپە نۇمۇرى: 701
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 11:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەتتىڭىز شائىر،بىراق قەلبىمىزدە،قەلىمىمىزدە مەڭگۈ ئەڭ كۈچلۈك ھاياتسىز...........

تۇرئالپ

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 11:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم مىللەتنىڭ دۆلەتنىڭ پەخرى

kaxkar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 12:16:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 12:33:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك قىزىقىپ ئۇقۇيمەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى،ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تونىۋېلىشقا شارائىت ھازرلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 12:49:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈرنىڭ "ئۆمۈر مەنزىللىرى " ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. بولسا مەرھۇمنىڭ ئۇشبۇ شېئىرلار توپلىمىدىنمۇ كىرگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز...
بۇ تېما ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. بولسا توختاپ قالمىسۇن...داۋامىغا تەشنا مەن.

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 01:11:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ پەخىرلەنگىدەك ئالىمىمىز ئىدى.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 01:50:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ مەڭگۇ قەلبىمىزدە ھايات!

ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻮﺩﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻳﻨﯩ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1594
يازما سانى: 702
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9895
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 2672 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 02:04:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى پەخىرلەنگۈدەك شائىر ۋە يازغۇچى ئىدى، تىلەشۇف قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات. نەچچە قېتىم قەبرىسىنى يوقلاپ باراي دەپ بارالمىغانىدىم، ئورنى  قەيەردىرەك قانچىنىچى يول ئاپتىبۇسىغا ئولتۇرسا بارىدۇ ؟  تەپسىلىي بىلىدىغانلار بارمۇ ؟  
<چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن مېكىياننىڭ ئەمچىكى يوق >  بۇمۇ ئويغانغان زېمىندا چىقىدىغۇ دەيمەن~! [s:34]  [s:34]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش