مېنى ئىچى تار دىسەڭلەرمۇ مەيلى، ئۆزۈمنىڭ كۆڭلۈمدىكى گېپىنى دەۋالاي:
مۇنبەردىكىلەرنى پۇل يىغىشقا تەشكىللەش ئۈچۈنمۇ بىر ئىشەنچىلىك، ئەتراپلىق بولغان تەكلىپ لاھىيەسى بولۇش كېرەكقۇ؟ مۇشۇنداق بىر يۈەندىن پۇل يىغىپ شېركەت قۇرايلى، ئۇنىڭدىن بولغان كىرىمگە پۇتبۇل مەكتىپى قۇرايلى دەپ قويسىلا ئىش پۈتەمدۇ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كىم مەسئۇل بولۇپ قانداق شېركەت قۇرىدۇ؟ شېركەتكە مەسئۇل بولغۇچىنىڭ سالاھىيىتى؟ شېركەت مەسئۇلى بولۇشتىكى ئاساسى؟ شېركەت خاراكتىرى؟ ئورنى؟ تىجارەت دائىرسى دىگەندەكلەر ئەتراپلىق يېزىلىشى كېرەكقۇ؟
بىز ئۇيغۇر خەق ئاسان ھاياجانلىنىدىغانلار تىپىدىن بولغاچقىمىكىن بىر كىم مىللەت دەپ قويۇپئاغزىغا كەلگەنچە بىر نىمە دىسە زاپاس مىللى ھىسىياتىمىز ئۇرغۇپ كېتىپ قىل قالىمىز باش ئايغىنى كۆرمەيلا ئىشتان سالغىلى.
پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرۇش ئۇنچىۋالا ئاسان گەپ ئەمەس، پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ چىقىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دىمىسەممۇ پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى ياخشى بىلەرسىلەر، دۇنيادىكى پۇتبۇل كۇلۇبلىرىنىڭ ھەممىسىلا دىگۈدەك شەخسى شېركەتلەر باشقۇرۇشىدا، شېركەتلەر چىقىم قىلىپ كۇلۇبنىڭ چىقىمنى قامدايدۇ، مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇلغان مەيداندىن بولغان كىرىم بۇ كۇلۇبلارنىڭ چىقىمىنى مومكىن ئەمەس قامدىيالمايدۇ، بۇ يەردە تورداشلار مۇنداق بىر مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، پۇتبۇل كۇلۇبىدىكى ئەزالارنىڭ مۇكاپاتى شۇ مۇسابىقە مەيداندا كىرگۈزگەن توپىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ، بۇرۇن بىر ماتىرىيالدا كۆرۈشۈمچە مەلۇم بىر پۇتبۇل تەنھەركەتچىسىنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىگە 1 مىلىيۇن دوللار مۇكاپات بېرىپتىكەن، بۇ 1 مىلىيۇن دوللار مۇكاپات بېلەت كىرىمىگىمۇ بويلاشمايدۇ، ئۇنداقتا بۇ كىرىم نەدىن كېلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شېركەت خۇجايىنلىرى توپ كىرگۈزگەن تەنھەركەتچىگە شۇنداق زور سوممىدىكى مۇكاپاتنى بېرىدۇ؟
چۈنكى شېركەت خوجايىنلىرى باشقا شېركەت خوجايىنلىرى بىلەن شۇ مەيدان مۇسابىقە توغۇرلۇق قىمار ئوينايدىغان گەپ، بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ، تېخى يېقىندىلا دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىرى شۇ توغرىسىدا جازاغا تارتىلدى.
شۇڭا ھەر ئىشنى قىلساق لايىقىدا كېڭىشىپ قىلايلى، مۇنبەرداشلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈنمۇ مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلارلىق لاھىيە چىقسا ئاندىن مەبلەغ سالساق بولىدۇ، بولمىسا ئاغزىدا قەغەز يۈزىدە دەپ قويغان پىلانغا ھاياجانلىنىپ كەتسەك بولمايدۇ.
ئۇنىڭغىچە مىللى ھىسىياتى زاپاس تورداشلارنى ئەمەلى بولغان «بىر يۈەن پىلانى» غا تەكلىپ قىلىمەن، قېنى كۆرۈپ باقارسىلەر:
«بىر سوم پىلانى» ئۈچۈن 3000يۈەن لازىم !
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=42308