ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 50قەۋەت wijdan128 كە 2011-09-30 01:26 PMئەۋەتىلدى :
مەن قانداقمۇ ئىگە بۇلالايمەن، ئۇ ئىشلار راست، شۇ قىزمۇ بۇرۇنقى يىگىتى بىلەن بىللە 3 قېتىم ياتاققا كىرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىپتۇ. لىكىن ئۇ قىز يەنە تويدىن بۇرۇن بىر يىگىت بىلەن ئارلىشىپتىكەن، توي قىلغان يىگىتنىڭ گىپى چىقىشى بىلەنلا ئۇ يىگىتنى تاشلىۋىتىپتۇ، بىر ئېغىز چۈشەندۈرۈش بەرمەيلا. ھازىر ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋاتىپتۇ.
ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارلاش ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقانلىق بۇلارمۇ سىلەرچە؟
بېشىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزۈمنىڭ ئازراق كۆز قارىشىنى سۆزلىمەكچى بولغان ئىدىم، لىكىن بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەشۇ ئويلىغان كۆز قاراشلىرىمنى ئېيتىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىنكاسلارنىڭ باش - ئايىغىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سىزگە دەيدىغىنىم :«ئۇ قىزنىڭ نىكاھى ئۇزۇنغا بارمىغىدەك...».
ئويلاپ بېقىڭ ئۇ قىز مۇھەببىتى بىلەن «ھەممە ئىش»نى قىلغىنى «ئېزىپ قېلىش» ، «خاتالىشىش» دەپ توغرا چۈشىنىپمۇ تۇرايلى... مۇھەببىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن توي قىلىشتىن بۇرۇن يەنە بىرسى بىلەن ئارلاشقىنىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەن قارىسام بۇ قىز «بەزى» ئىشلارغا ئامراق بولۇپ قالغاندەكلا تۇرىدۇ، ئۇ قىز بىر بولسا ئېرى بىلەن ئۇزۇن ئۆي تۇتالمىغىدەك، بىر بولسا نىكاھ جەريانىدىن يەنە باشقىلار بىلەن ئوغۇرلۇقچە زىنا قىلىپ يۈرىۋەرگىدەك...
توۋا دەيلى، ئاللا كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي...