ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
ساچلىرىڭىغا قونمىسۇن توزان.
لاتاپىتىڭ ، گۇزەللىكىڭنى،
ئىپ كەتمىسۇن ھازازۇل شەيتان.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
سەندە باردۇ ئەل ئىسلام روھى
خۇنۇكلىشىپ كەتمىسۇن ئىمان
رەببىڭ بەرگەن پاكلىقنىڭ نۇرى.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
كۆرىنىسەن پەرى گۈزەلدەك.
ئەنداز بولغىن ساھىپجامالغا،
ئاي-يۇلتۇزدىن نۇر ئالغاندەك.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
سالام قىلار ساڭا نۇر قۇياش.
بوسۇغاڭدا ياتسۇن تەلمۈرۈپ،
يۇلتۇزلارمۇ تۆكۈپ مۇنچاق ياش.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
شەيتانلارنى قالدۇرۇپ داغدا،
دۈشمەنلىرىڭ ئۆلسۇن قان قۇسۇپ،
بەختىڭ تېپىپ يايرىغان چاغدا