ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئالدىنقى قېتىم ‹ چېچەن كىرگۈزگۈچ › ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىمىز . ‹ ئىممونتىت › كۈچى ئاشقان ھامانلا تارقىتىلىدۇ .
ئىزدە ماتورى رەسمى نۇسخىىسى ۋە چېچەن كىرگۈزگۈچىسى رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىزدەدىن كەڭ توربېكەت باشلىقلىرىغا كىچىككىنە سوۋغا ( ئىزدە كۆز-مونچىقى ) نى ئېلىپ كەلدىم . تور بېكىتىم يامان كۆزلەردىن يىراق تۇرسۇن، تور بېكىتىمگە كۆز تەمىسۇن، زىيارەتچىلىرىم توربېكىتىمدىن تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ھىس قىلسۇن دىسىڭىز بۈگۈنلا ئىزدە كۆز-مونچىقىنى بېكىتىڭىزگە ئېسىۋېلىڭ !
ئىزدە كۆز مونچىقى -
http://ime.izda.com/keyboard/koz.html
ئالاھىدىلىكى : مەزكۇر كۆز-مونچاق js ھۆججىتى بېكىتىڭىزگە قىستۇرۇلغاندىن كىيىن، زىيارەتچىلىرىڭىز خەۋەر، ماقالە، ھېكايە قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرۈش جەريانىدا چۈشىنەلمىگەن يېڭى گەپلەر ياكى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا شۇ سۆزلۈكنى تاللىسىلا ئىزدە كۆز-مونچىقى شۇ زامان پەيدا بولىدۇ. ئىزدە كۆز مۇنچىقىنى چەكسىلا تاللىغان سۆزنى ئىزدە تورىدىن ئىزدەپ بېرىدۇ.
ئىزدە كۆز-مونچىقى كۆڭۈلدىكى قىممىتى يۇشۇرۇن ھالەتتە بولغاچقا بېكىتىڭىزنىڭ گۈزەللىكى ياكى بەت ئورۇنلاشتۇرىشىڭىزغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئىزدە كۆز-مونچىقى توربېكىتىڭىزنى رەڭدار قىلىدۇ ھەم بېكىتىڭىز زىيارەتچىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھازىر ئىزدە خەۋەر قانىلىغا قىستۇرۇپ ئىشلىتىلدى :
http://news.izda.com
ئىزدە كۆز مونچىقى مۇنبەرلەرگە قىستۇرۇپ ئىشلىتىلسە ، تورداشلار تېمىلارنى كۆرگەندە چۈشەنمىگەن ياكى قىزىقىدىغان سۆزلەرنى ئۇچراتقاندا ، ئىزدە كۆز مونچىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولالايدۇ. مۇنبەر ئەزالىرىغا كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ، مۇنبەرنى تېخىمۇ جاللاندۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
سۆزنى قوش چىكىپ، ياكى مائۇس بىلەن سۈرۈپ تاللىغاندىن كىيىن كۆز-مونچاق كۆرۈنىدۇ
كۆز-مونچاق كۆرۈنگەندىن كىيىن، كۆز مونچاق كونپكىسىنى باسسىڭىزلا تاللىغان سۆزنى ئىزدەپ بېرىدۇ
ئىزدەلگەن نەتىجە 1
ئىزدەلگەن نەتىجە 2
ie6 ie7 ie8 ie9 ۋە Mozilla Firefox تور كۆرگۈلىرىدە نورمال ئىشلەيدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : js كودى چوقۇم body نىڭ ئىچىگە قىستۇرىلىشى كېرەك !
- [align=right] <script type="text/javascript" src="[url=http://www.izda.com/keyboard/kozmonjaq.v1.js?v=1.0]http://www.izda.com/keyboard/kozmonjaq.v1.js?v=1.0"></script[/url]>[/align]
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشكۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى شۇنداقلا بىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ياخشى نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .
بۇ يەردىنمۇ كوز-مونچاق كودىغا ئېرىشەلەيسىز :
http://ime.izda.com/keyboard/koz.html
بىزنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان ۋە ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ كىلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
ھۆرمەت بىلەن : ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئابباس ياسىن