مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: dosyar.

بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 16 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26212
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5387
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2011-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 05:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

بۈيۈك نىشانىم: ھەقىقەتتە مېڭىش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7458
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5849 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 06:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست ،بۈگۈن بۇ تىمىنى كۆرمىگەن بولسام  ئۇنتۇپ قالاتتىمكەن.ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئىسىل پەزىلەتلىك بەندىسىنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي.يالقۇن روزىنى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ كۈيئۇغۇلى دەيدۇ؟بۇ راستمۇ؟بىلدىغانلار ئۇچۇر قىلغايسىلەر.

رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 08:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم ئېلىپ قۇلىڭىزغا،
نۇر بەردىڭىز دىلىمىزغا.
باشلاپ باردىڭىز بىزنى ،
شۇ قەدىم ‹‹ئىز››لارغا.

رەھىمسىز تەغدىر ئەمما،
سىزنى ئايرىدى بىزدىن .
.قەلىبلەرنى سېلىپ ئازابلارغا .
كۆزلەردىن ياشلار ئاققاندا ،
ياش تۆكتى‹‹ ئويغانغان زىمىن ››.
بۇ جاھان تولدى پەريادغا !!!

ئۆتكۈر!!! ئۆتكۈر!!! دەپ يىغلايدۇ تاغلار...
ئۆتكۈر!!! دەپ چاقنار يۇلتۇزلار.
ئۆتكۈر !!!ئۆتكۈر!!! دەپ شاۋقۇنلار دەريا ،
ئەلۋىدا ئۇستاز !!!!!!ئەلۋىدا !!!

2256ئەمەس نۇرزات

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58136
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4998
تۆھپە نۇمۇرى: 886
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 08:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي ئامىن!

تەڭ ئىدۇق بىز تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەسمىز دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز بىركۈنى قەبرە ئالدىدا.

ئىنساننىڭ ئاخىرى بىرئۇچۇم تۇپراق،
كەتسەئۇ كەلمەيدۇ مەڭگۈگە بىراق.
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

كىشىدە بولمىسا ساپ ۋىجدان ئەگەر،
قالمامدۇ ئۇبولۇپ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
قەغەزدەك ئۇچۇرۇپ كەتمەمدۇ شامال.

...مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

سەن ئالدىڭغا ئىككى قەدەم ماڭساڭ كەينىڭدىكىلەرگە بىرقەدەم يول قوي...!

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 08:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلقى چۇقۇم مەڭگۇ شائىرنى ئەسلەيدۇ ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ چوغدەك يىنىپ تۇرغان ئەسەرلىرى قولدىن- قولدىن ئۈتۈپ  ئۇقۇلۇپ تۇرىدۇ.

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 08:49:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1995-يىلى بۇ ئالىمىمىز ۋاپات بولغان چاغدا بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپكە يىڭدىن بارغان  مەزگىلىمىز ئىدى،ياتاقتىكى بىرەيلەن بۇ ئالىمىمىزنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بۈگۈن نامىزنى چۈشىردىكەن بېرىپ كېلەيلى دىسە كىملىكىن ئۇقماي پىسەنت قىلمىغان ئىدىم.بىر يىل ئۆتكەندىن كىين «ئىز»«ئويغانغان زىمىن»قاتارلىق رومانلىرنى ئوقۇپ ۋە باشقا تۆھپىلىرنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ شۇنداق نادانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.ئۇ ساۋاقدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ كۈنى نامازغا بارغان ئادەم دېڭىزدەك ئېقىپتۇ.بۇ مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئەپسۇس ئىش بولۇپ قالدى.
ئاللاھ مەزكۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرنى جەننەت قىلغاي.مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرمىز نادانلىقتىن ئويغاندى،ھەمممىز بۇ ئالىمىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمىز.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ھايات-پۈتكۈل ھاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45433
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9513
تۆھپە نۇمۇرى: 1236
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 09:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى،
                  ئىزى يۇتمەس بىر قەلەم سۇندى.

ھېس-تۇيغۇلىرىڭغا ئىتىبارسىز قارىما، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭدە ئەۋلىيالىقنى سېزىسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24146
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6217
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 09:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت  toxkanjan كە 2011-10-05 08:49 PMئەۋەتىلدى  :
1995-يىلى بۇ ئالىمىمىز ۋاپات بولغان چاغدا بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپكە يىڭدىن بارغان  مەزگىلىمىز ئىدى،ياتاقتىكى بىرەيلەن بۇ ئالىمىمىزنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بۈگۈن نامىزنى چۈشىردىكەن بېرىپ كېلەيلى دىسە كىملىكىن ئۇقماي پىسەنت قىلمىغان ئىدىم.بىر يىل ئۆتكەندىن كىين «ئىز»«ئويغانغان زىمىن»قاتارلىق رومانلىرنى ئوقۇپ ۋە باشقا تۆھپىلىرنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ شۇنداق نادانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.ئۇ ساۋاقدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ كۈنى نامازغا بارغان ئادەم دېڭىزدەك ئېقىپتۇ.بۇ مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئەپسۇس ئىش بولۇپ قالدى.
ئاللاھ مەزكۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرنى جەننەت قىلغاي.مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرمىز نادانلىقتىن ئويغاندى،ھەمممىز بۇ ئالىمىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمىز.

راسلا ئۆمۈردە بىر كەلگەن پۇرسەتكەنتۇق،بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەرھۇم ئالىمىمىز ھاجى ئىمىن تۇرسۇنكامنىڭ نامىزىغا قاتناشتىم، لېكىن ئانچە داغدۇغىسى بولمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24146
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6217
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 09:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  توخار كە 2011-10-05 05:21 PMئەۋەتىلدى  :
ئەلۋىدا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ،خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ.
ئۆتكۈر دەيدۇ تاغلار باش ئېگىپ،
ئۆتكۈر دەيدۇ دەريا چايقىلىپ.
ئۆتكۈر دەيدۇ ئويغانغان زېمىن،
جۇدالىقتىن قاتتىق سىلكىنىپ.
.......
بۇ شېئىرنى ئۆمەرجان ئالىم ناخشا قىلىپ ئېيتقانتى،دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن،شېئىرنىڭ ئاپتورى كىم بولغىيتى؟

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 10:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
(1923–1995)
كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم،تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكىباشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭئىلگىرى–ئاخىر ‹‹قەشقەر كېچىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، ‹‹ئىز›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئۆمۈر مەنزىللىرى››، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئويغانغان زېمىن››، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تۇرپان تەسىراتلىرى››، ‹‹قەشقەر كېچىسى››، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،  ‹‹شېئىرىيەت››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› (ھازىرقى ‹‹غەربى دىيار ئەدەبىياتى››) قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر — جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.

ھىدايەتنامە (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي قىدىردىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى,
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى,
دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۈمنىڭ باشى بىسمىللاھ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر,
سانايۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر,
قۇرۇق,تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل, ئەقىدەمدۇر,
بۇ دەئۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر.
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى.

تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلار بۇقەسىدەمدىن.
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن,
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھا ئەيلىگىن مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل,
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل,
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئېرىتىش ۋە ياكى نىل .
جاھانداچەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە,
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زېممەمدە,
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە,
ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ,
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ,
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەلمۇستەقىم تاپماق ئەگـەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سېنەمدە ,
ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .
نېسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ-سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق,
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە كۆپراق.
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۈمگەنسىرى ھەر تۈن ,
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ,تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ,
ۋە لېكىن جان كىتابىغا قۇشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن .
يېقىن كەلتۈرمە ئى رەببىم كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادىمىزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە,
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال قارىغۇ نېچۈك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق,
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نېچۈكدۇر گۈل نېچۈك ياپراق .
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ,
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلار قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال بىر قەترەدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق ,
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق ,
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ,
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئوقۇر مىڭ مەدھىيە-تەھسىن ,
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى
.
نىمىشقا ئاياغ ئىككى, كۆز ئىككى, ئېغىز بىردۇر,
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نىمىشقا مىڭ كىشى چېھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ,
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇ سىرغا نېچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ,
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لېكىن نەدە, قاچان, قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ,
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا,
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ,
دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دېمەك مۇمكىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنىي زۆرۈرەتنى.

قۇياشۇ ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەير ئېتىپ ھەر كۈن ,
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن ,
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇ ھالەتنى .

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ,
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھونۇز بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر,
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر, زۇمرەتلەر-زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالەتنى .

مىسال پەن-ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى,
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇ مۆجىزاتلار زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى ،
ياسالماس ھەر نېچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ,
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران ,
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ,
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ,
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ,
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە, ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر,
كى تۇپراق بولمىدى كېمېيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزەدۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى ‹‹سۈرە ئەررەھمان›› ،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە ‹‹ما تۈكەززىبان››.
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ دەۋەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر,
نېمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نېچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ,
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىب، شائىر .
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى .

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر,
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان بېتىنى قىلسىمۇ تەھرىر ,
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ,ۋە ھەتتا بىر زەبەر ۋە يا زىر .
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى .

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ,
ئۇقۇپ بىركۈن ‹ئىقرەئ بىسمى رەببىكەللەزى›نى ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ,
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇنياد .
نېچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇ تارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر,
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر.
رەقىبلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ,
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ,
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ.
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىماسىنى ئەسلەڭ ,
مىسال بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دېيىشتى بىر زامان ھۆكمەن,
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ,
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نېچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا,
تېپىپ مىڭ ھېلە-نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر, ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق, ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە,
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىبلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە,
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما,
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھىدايەتتىن بىرەر مەئنا,
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار,
شۈكرىكىم, ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە, ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ-يادىم بار,
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق قىلىشقا نېمە ھەددىم بار.
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە-مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس, لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان,
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر, ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل , جاھانغا بىھېساپ كارۋان,
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا, پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

مەنبە: دىيارىم مۇنبىرى.




مانا بۇ ئادرىستا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ بارلىق شېئىرلار توپلىمى بار :


http://yexil.com/2011/0607/755.shtml


خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش