زەرنىڭ دوستى كۆپ
ئالىي ئەزا
ئايسىز كېچە ھېچ كۆڭلىمنى ئالالماس، تۇمۇزغا ۋە چىكەتكىنىڭ جىرلىشى. ۋېسال پەيتى يىراق يەنە بەك يىراق، يۈرۈگۈمدە قاراڭغۇ تۈن تىۋىشى. قۇرۇپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمدا ئېكىنزار، قاغجىرىغان ھەممە ئۇندا ۋىسالسىز. يالقۇن چاچار تاغلار، قۇشمۇ ئۇچالماس، قۇرۇپ كەتكەن دەريا كۆللەر نىشانسىز. ئىچىم قۇرۇق گىياھ ئۈنمەس باياۋان، يۈرۈگۈممۇ سوقماس ئۇندا توختىغان. بۇرۇختۇملۇق ھۈكۈم سۈرگەن بۇ كېچە، پەريات ئۇرۇپ ئەسەبىيلىك ھۇۋلىغان. ھاۋا ئانا ئادەم ئاتا تۆرىلىپ، بۇكەنگىچە مۇنداق كېچە بولمىغان. تەشنالىقتا ئۆرتىنىدۇ يۈرەكلەر، نە بىر خيال نە بىر ئۇيقۇ بولمىغان. مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى.
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
ئاخبارات ئەلچىسى
ماھىر قەلەمكەش
ئالاھىدە تۆھپە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش